ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
ئەر كىشىنىڭ ئاياللار ئارىسىدا ئىشلەشتىن ساقلىنىشى زۆرۈردۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىشلەۋاتقان بولسا، بۇ خىل ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ئايال كىشى بىلەن ئارىلىشىش يۈز بەرمەيدىغان باشقا خىزمەت ئىزدىشى لازىم.
شەكسىزكى، ئاياللار بىلەن ئارلىشى ئىشلەش دىندىكى پىتنىلەرنگە ۋە بۈيۈك خەتەرلەرگە داغدام ئېچىلغان ئىشىكتۇر. چۈنكى، شەيتان بار كۈچى بىلەن ئەرلەر بىلەن ئاياللارنى ئۆز-ئارا ئازدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
بۇ ۋەجىدىن، ھەر قانداق يەردە ياشاۋاتقان مۆمىن ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ ئىشلەشكە رازىلىق كۆرسەتمەسلىكى كېرەك؛ شۇنداقلا، ئوقۇغۇچىلارمۇ قىز-ئوغۇل ئارىلاش ئوقۇيدىغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە مەكتەپلەردە ئوقۇشقا قوشۇلماسلىقى كېرەك. ئۇلار يات جىنىس بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشتىن خالىي بولغان ئورۇنلارنى تاللىشى لازىم.
بۇنىڭدىن سىرت، ياش ئەرلەرنىڭ يېنىدا ياش قىز-ئاياللارنىڭ بولۇشى چوڭ يامانلىق ۋە پىتنىنىڭ ۋاسىتىسىدۇر.
ناۋادا بىر مۇسۇلمان (ئوقۇش ياكى خىزمەت دېگەندەك ئىشلاردا) بۇ خىل ئەھۋالغا دۇچار بولغان بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا بۇنداق مۇھىتتىن قۇتۇلۇش ۋە چىقىش يولى ئاتا قىلغانغا قەدەر ئاللاھتىن قورقۇپ، تەقۋادارلىق قىلىشى كېرەك.
ئەر كىشى ئاياللارغا ۋە ئۇلارنىڭ زىننەتلىرىگە، گۈزەللىكلىرىگە قاراشتىن ئۆزىنى تارتىشى، كۆزىنى يەرگە قارىتىشى ۋاجىپ. ناۋادا ئەر كىشى توساتتىن قاراپ سالسا، كۆزىنى تۆۋەن قىلىشى ۋە يات جىنىسقا قارىماسلىقى لازىم. (ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى ۋە ماقالىلىرى توپلىمى، 5\313)