توردا دىنغا قانداق دەۋەت قىلىمىز ۋە نېمىلەرگە دىققەت قىلىمىز

توردا دىنغا قانداق دەۋەت قىلىمىز ۋە نېمىلەرگە دىققەت قىلىمىز

دىنغا مۇخالىپ ياشىغۇچىلارنى ئەرلەر قوشۇپ، قوشۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چىقارغانلىرىنى ئۆزىدە كۆرۈنمەس، ئۆزىنىڭ چىقارغانلىرى ئۇنىڭدا كۆرىنىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇپ، توختىماستىن قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن تېمىلارنى چىقىرىپ تۇرساق، ئۇيغۇر قەۋمىدىكى ئاللاھقا قارشى ئىسيانكارلىق قىلىشنى بارا-بارا ئازايتقىلى بولىدۇ.
بۈگۈن يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەربىر ئادەمنىڭ قولىدا تېلفون بار، فىيسبۇك، ۋاتساپ، يۇتيۇب … بار. ئىنسانلار ئومۇمەن بۇلار ياشىيالماس ھالغا كەلدى.
كۆز ئالدىمزىدا شۇنداق ياخشى ۋە كەڭرى، ھەم ئاسان دىنغا دەۋەت قىلشى ئۇسۇل چارىلىرى تۆكۈلۈپ تۇرسا، بىز بۇ نىمەتنىڭ قەدرىنى بىلەي، توردا كاسكىلارنىڭ مەدداھلىقىنى، پاجىرلارنىڭ بۇزۇقچىلىقىنى، بۇزۇق خوتۇنلارنى ناز-كەرىشمىلىرى بىلەن ئاللاھقا قارشى ئېغىر جىنايەت ئىشلەۋاتىمىز.
ئىسلامنى ياخشى كۆرىمەن دەيمىز، باشقىلارنى ئىسلامغا چاقىرمايمىز.
كۇفۇرنى يامان كۆرىمەن دەيمىز، ئىنسانلارنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان كۇفۇرنى چىقىرىشقا تىرىشمايمىز…
ئاللاھ قىيامەت كۈنى بۇلاردىن بىرمۇ-ھېساب ئالىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ئازغۇنلۇق كوچىسىدا شادىمانلىق بىلەن ياشاۋاتقان بولسا، بىز ئىسلامنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشتىن يوشۇرۇپ، ھەقنى يوشۇرۇپ بۇ ئازغۇنلۇققا ئۈنسىز ياردەم بېرىۋاتىمىز.
ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ نوچىلىرى ۋەتەندە ئاللىبۇرۇن تۈرمىلەردە چىرىپ تۈگەپ كەتتى، چەتئەلگە چىققان بىر تۈركۈم تاللانغان مۆمىنلەر بالدۇرلا ئۆلۈپ تۈگەپ كەتتى، ئۆلۈپ تۈگىمىگەنلەرنىڭ بىر تۈركۈمى جان بېقىش ھەلەكچىلىكىدە دىنىدىن يۈز ئۆرۈشكە ئومۇمەن بەك يېقىن كېلىپ بولدى.
چەتئەلدە سەل ئېقىتىپ كەلگەن مازغاپتەك ئۇيغۇرلار ھەر بۇلۇڭ، ھەر دوقمۇشتا بار.
دۇنيادىكى چېغىدا ئاخىرەتكە مەبلەغ سالاي دېگەنلەر ئىسلامنى ئىنتايىن ئاسان ئۇسۇلدا توختىماستىن توردا تارقىتىپ تۇرسا، بىرەر يىلدىلا بۇنىڭ ئۈنۈمى قەۋمىمىز ئىچىدە كۆرۈلىدۇ.
ھەر ئادەم دىنىي ئەسەرنى يېزىپ، ياكى تەرجىمە قىلىپ مىللەتكە سۇنۇشقا قادىر ئەمەس. باشقىلار شۇنداق ماتېرىياللارنى كۈنىگە بىر تالدىن يوللاپ تۇرسا، جىق ياخشىلىنىش بولۇپ قالاتتى. ئەپسۇس دىن دەپ سەكرىگەنلەرنىڭ نۇرغۇنىدا دىننىڭ بەش لىرالىق شاپتۇلچىلىك ئەتىۋارى يوق.
ئاللاھنىڭ بىزنى توپيەكۈن يەرگە يۇتقۇزىۋەتمىگەنلىكى ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان سانسىز رەھمەتلىرىدىن بىرىدۇر.

يەنە بىرى، ئۇيغۇرنىڭ خوتۇن قىزلىرى فىيسبۇكنى بەك ئوينايدىكەن. دىنغا مۇخالىپ ياشىغۇچىلارغۇ مەيلى، دىندا چىڭ تۇرىمەن دەپ قارايدىغانلارنىڭ خوتۇن قىزلىرىمۇ فىيسبۇكتىن چۈشمەيدىكەن. ئالدىغا كىم ئۇچرىسا قوشۇپ، بۇنى ئازداپ ھېسسىياتلىق جۈملىلەرنى يېزىپ يوللاپ تۇرىدىغانلارمۇ جىق.
باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە، بولۇپمۇ ئەرەپنىڭ شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدىغانلىرىدىن بىرەر قىز-ئايالنى فىيسبۇكقا دوستلۇققا قوشۇۋېلىشىڭلارمۇ ئومۇمەن مۇمكىنسىز. قەتتىي ئەرلەرنى قوشمايدۇ.
بىزدە بولسا، ئەرلەر بىلەن توردا بەخارامان پاراڭلىشىپ يۈرىدىغان ھاياسى خوتۇنلار ئۇچراپ تۇرىدىكەن.
بۇ مىللەتنى ئىسلاھ قىلىشنى ئاللاھ پەقەت بۇ مىللەتنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىغىلا نېسىپ قىلىدۇ.
قېرىنداشلىرىم، تەتۈر تەقۋالىقنى تاشلاپ، ئۇلارغا دىننى چۈشەندۈرىدىغان مەجبۇرىيىتىڭلار بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. (2019-يىلى فىسبۇكتىكى بىر ئىنكاس)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ