ئەللامە ئىبنى باز: غۇسل قىلغاندا بەدەن ئەزالىرىنى ئۇۋۇلاپ يۇيۇشى كېرەكمۇ؟
سوئال: سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئەلخۇبار دېگەن يېرىدىن بىر قېرىندىشىمىز مۇنداق سوراپتۇ: كىشى غۇسل قىلغاندا قولى بىلەن بەدىنىنى ئۇۋۇلاپ يۇيۇشى كېرەكمۇ؟ ياكى بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە سۇ تۆكۈش غۇسل ئۈچۈن يېتەرلىكمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
جۇنۇبلۇقتىن، ھەيزدارلىقتىن ياكى نىفاسدارلىقتىن غۇسل قىلىپ پاكلانماقچى بولغان كىشىنىڭ سۇنى بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە تۆكۈشى ئۇنىڭ غۇسل قىلىپ پاكلىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. چۈنكى، ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى ئومۇمىي مەنا مۇشۇنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ بىزگە تەۋپىق ئاتا قىلغاي.
(مەنبە: ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 10-جىلد، 187-بەت)
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
mujtehid.com