ئىمام ئىبنى جەۋزى: تابىئىن ئىمام ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير
[161] ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام [مەدىنە؛ ۋاپاتى: ھىجرىيە 94-يىلى]
ئىمام ئىبنى جەۋزىنىڭ «سەفۋاتۇس سەفۋا» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭ ئانىسى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھادۇر. ئاللاھ بۇ ئىككىلەيلەندىن رازى بولسۇن. (ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنىڭ ئىنىسى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ جىيەنى، ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ نەۋرىسىدۇر.)
ئۇرۋە رەزىيەللاھۇنىڭ ئوغلى ھىشام، دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: «ئى ئوغۇللىرىم! مەندىن سوراڭلار، مەن تەرك ئېتىلدىم، شۇ سەۋەبلىك بىلگەنلىرىمنى ئۇنۇتتۇم. مەندىن بىر ھەدىس سورالغاندا، (شۇ ھەدىسكە مۇناسىۋەتلىك) بىر كۈنلۈك ھەدىس يادىمغا كېلىدۇ.
ئەبۇ زەنناد مۇنداق دەيدۇ: ھىجرىي ئىسمائىلدا بىر تۈركۈم كىشىلەر توپلاندى، ئۇلاردىن تىلەك تىلەڭلار، دېيىلدى. ئۇرۋە: مەن مەندىن ئىلىم ئېلىنىشىنى تىلەيمەن، دېدى.
زۇھرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇرۋە ھەدىس سۆزلەش ئۈچۈن ئىنسانلارنى ئەتىراپىغا توپلايتتى.
ھىشام دادىسى ئۇرۋەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: خارلىق كەلىمىسىنى يادىمدا تۇتتۇمكى، بۇ سەۋەبلىك ئۇ ماڭا ئۇزۇن مۇددەت ئىززەت ئېلىپ كەلدى.
ھىشام دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: بىر كىشىنىڭ ياخشىلىق قىلىۋاتقىنىنى كۆرگىنىڭدە، بىلگىنكى، ئۇ باشقا ياخشىلىقلارنىمۇ قىلىۋاتقاندۇر؛ بىر كىشىنىڭ يامانلىق قىلىۋاتقىنىنى كۆرگىنىڭدە، بىلگىنكى، ئۇ باشقا يامانلىقلارنى قىلىۋاتقاندۇر. چۈنكى، ياخشىلىق ياخشىلىقنى، يامانلىق يامانلىقنى چاقىرىدۇ.
ئۇرۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېدى: ئى ئوغۇللىرىم، ئىلىم ئۆگىنىڭلار، چۈنكى سىلەر بۈگۈن قەۋىمنىڭ كىچىكلىرى بولساڭلار، ئەتە قەۋىمنىڭ چوڭلىرى بولىسىلەر. بىر ياشانغان كىشىنىڭ ئىلىمسىز ھالەتتە بولۇشى نەقەدەر قەبىھ بىر ئىش.
ئىبنى شۇۋزەب مۇنداق دەيدۇ: ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير خورمىلار يېڭى پىشقاندا باغنىڭ تېمىدىن بىر تۆشۈك ئاچاتتى، ئىنسانلار باغقا كىرىپ خورمىلاردىن يەيتتى ۋە يانلىرىغا ئېلىۋالاتتى. ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير باغچىغا كىرگىنىدە چىققىنىغا قەدەر مۇنۇ ئايەتنى تەكرار-تەكرار ئوقۇيتتى:«باغقا كىرگەندە ‹ﷲ نىڭ خالىغىنى بولىدۇ، اﷲ نىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ› دېگەن بولساڭچۇ.»(سۈرە كەھف، 39-ئايەت)
ئۇرۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەر كۈنى قۇرئانغا قاراپ تۇرۇپ قۇرئاننىڭ تۆتتىن بىرىنى ئوقۇپ تاماملايتتى ۋە شۇ ئايەتلەر بىلەن تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيتتى. بۇنداق قىلىشنى پەقەت پۇتى كېسىلگەن كۈندىن باشقا چاغلاردا ھەرگىزمۇ تەرك ئېتىپ باقمىدى. ئەتىسى كەچتىن باشلاپ يەنە يۇقارقى ھالىتىنى داۋاملاشتۇردى.
ھىشام ئىبنى ئۇرۋە مۇنداق دەيدۇ: دادام خەلىپە ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىك يېنىغا باردى، پۇتى ئېغىر ياللۇغلانغان ئىدى. ۋەلىد ئۇنىڭغا: ئەي ئابدۇللاھنىڭ دادىسى، پۇتۇڭنى كېسىۋېتىش كېرەك دەپ ئويلايمەن، دېدى ۋە پۇتىنى كەستى. (دادام) روزىدار ئىدى، پۇتى كېسىلىشى بىلەن ھەتتا چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپمۇ قويمىدى.
ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭ چوڭ ئوغلى ئېغىلغا كىردى، ئېغىلدىكى ھايۋاندىن بىرى ئۇنى تېپىپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. دادام بۇ ئىش توغرىسىدا ئېغىزمۇ ئاچمىدى. ئاخىرىدا مەدىنىگە كەلدى، مۇنداق دېدى:«ئاللاھىم، تۆت ئوغلۇم بار ئىدى، بىرسىنى ئېلىپ كېتىپ، ماڭا ئۈچىنى قالدۇردۇڭ؛ ساڭا ھەمد بولسۇن. تۆت ئەزايىم بار ئىدى، بىرىنى ئالدىڭ، ماڭا ئۈچىنى قالدۇردۇڭ، ساڭا ھەمد بولسۇن. سېنىڭ نامىڭ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئالغان بولساڭ، قالدۇرغانلىرىڭمۇ بولدى، ئەگەر بالا بەرگەن بولساڭ، ئۇزۇن مۇددەت ساقلىق-خاتىرجەملىك بەردىڭ.»
مۇسلىم ئىبنى مۇخارىب مۇنداق دەيدۇ: ئۇرۋەنىڭ بىر پۇتىغا يىرىڭلىق قاپارتقۇ چىقتى، شۇ كېچىسى قۇرئاندىن ئوقۇيدىغان ۋەزىپىسىنى تەرك ئەتمىدى ۋە پۇتى كېسىلدى؛ ئۇنىڭ پۇتى كېسىلگەندە ئۇنى ھېچكىم تۇتمىدى.
ئەبۇ ئامىر ئەل ئەۋزائى مۇنداق دېگەن: ئۇرۋەنىڭ تاپىنىغا يىرىڭلىق قاپارتقۇ چىقتى، يىرىڭنىڭ ئاسارىتى پاچىقىغىچە تارىدى. پۇتى كېسىلگەندە: ئى ئاللاھىم، سەن بىلىپ تۇرىسەنكى، مەن بۇ پۇتۇم بىلەن ئەسلا بىرەر ھارامغا مېڭىپ باقمىدىم، ۋەياكى ھېچقانداق بىر يامان ئىشقا مېڭىپ باقمىدىم، دېدى.
نافىئ ئىبنى زۇئەيب مۇنداق دەيدۇ: ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير خەلىپە ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ يېنىغا باردى، پۇتى يىرىڭلىق قاپارتما بولدى. ۋەلىد ئۇنىڭغا دوختۇرلارنى ئەۋەتتى. دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى «ئەگەر پۇتلىرىنى كېسىۋەتمىسەك ھاياتلىرىدىن ئايرىلىپ قالىلا» دېيىشتى. ئۇرۋە بىلگىنىڭلار بويىچە قىلىڭلار، دېدى. دوختۇرلار «سىلىگە بىر نەرسە ئىچكۈزىمىز، ئىچسىلە پۇتلىرىنىڭ كېسىلگەنلىكىنى سەزمەي قالىلا» دېيىشتى. ئۇرۋە «ياق، سىلەر ئىشىڭلارنى باشلاۋىرىڭلار» دېدى. ئۇلار ئۇرۋەنىڭ پۇتىنى ھەرە بىلەن كەستى، بۇ جەريانىدا ئۇرۋە بىرەر ئەزايىنىمۇ مىدىرلىتىپ قويمىدى، سەبر قىلدى. (پۇتى كېسىلىپ بولغاندا) پۇتىنى قولىغا ئېلىپ ئۆرۈپ-چۆرىدى ۋە «مېنى سەن ئارقىلىق ماڭدۇرغان ئاللاھقا قەسەمكى، مەن سەن بىلەن ئەسلا بىرەر ھارامغا ۋەياكى بىرەر گۇناھقا مېڭىپ باقمىدىم» دېدى.
ھىشام ئىبنى ئۇرۋە دادىسى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭ ئۆمۈر بويى روزا تۇتقىنىنى بايان قىلغان. (بۇ دېگەنلىك ئاينىڭ كۆپىدە روزا تۇتقانلىقىنى ياكى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىدەك كۈن ئاتلاپ روزا تۇتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھەرگىزمۇ يىلنىڭ 365 كۈن ھەممىسىدە، بىر كۈنمۇ قالدۇرماي ئۆمۈرۋايەت روزا تۇتتى دېگەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھى سالاتۇ ۋەسسەللەم كۈن ئاتلاپ روزا تۇتۇشنى — يەنى بىر كۈن روزا تۇتۇپ، بىر كۈن روزا تۇتماسلىقنى — روزا تۇتۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى قىلىپ بەلگىلىگەن.)
ئىمام مالىك مۇنداق دەيدۇ: ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير ناماز ئوقۇۋاتقان بىر كىشىنى كۆردى، ئۇ كىشى نامىزىنى تېز ئوقۇدى. ئۇرۋە ئۇنى چاقىرىپ «سېنىڭ رەببىڭگە ھېچبىر ئېھتىياجىڭ يوقمۇ، مەن نامىزىمدا پەرۋەردىگارىمدىن ھەممە نەرسىنى تىلەيمەن، ھەتتا تۇزنىمۇ تىلەيمەن» دېدى.
ھىشام دادىسى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: سىلەردىن بىرىڭلار ئاللاھ ئۈچۈن بىر نەرسە بەرسە ئۆزى چوڭ كۆرىدىغان بىر كىشىگە بېرىشتىن خىجىل بولىدىغان نەرسىنى ئاللاھ يولىدا بەرمىسۇن، چۈنكى ئاللاھ تەئالا چوڭ كۆرۈلىدىغانلارنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر، ئەتىۋارلىنىدىغانلارنىڭ ئەڭ ھەقلىقىدۇر.
ھىشام مۇنداق دەيدۇ: دادامنىڭ روزى تۇتمىغان كۈنى بولمايتتى، ھەتتا ۋاپات بولغان كۈنىمۇ روزىدار ئىدى.
ئۇرۋە مۇنۇ ساھابىلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان: ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، زۇبەير، ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف، سەئىد ئىبنى زەيد، زەيد ئىبنى سابىت، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر، ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىي، ئۇسامە، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئىبنى ئابباس، مۇئاۋىيە، مىسۋەر ئىبنى مەھرەمە، نۇئمان ئىبنى بىشىر، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەرقەم، ھەزىرتى ئائىشە. ئۇ يەنە باشقا نۇرغۇنلىغان ساھابىلەردىنمۇ ھەدىس رىۋايەت قىلغان.
ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير ھىجىرىيەنىڭ 94-يىلى مەدىنەگە يېقىن فۇرئ دېگەن يۇرتتا ۋاپات بولغان ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.
(ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن.)
ئىزدەش كەلىمىسى: تابىئىنلار ھاياتى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com