دىنىي قېرىندىشىغا ئاداۋەت تۇتۇشنىڭ گۇناھ توغرىسىدىكى ھەدىس
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ ۋە ئاللاھقا ھېچنېمىنى شېرىك قوشمىغان ھەر بىر بەندە مەغفىرەت قىلىنىدۇ. بىراق دىنىي قېرىندىشى بىلەن ئارىسىدا دۈشمەنلىك-ئاداۋەت بولغانلار مەغفىرەت قىلىنمايدۇ. ئاللاھ ئۇلار توغرىسىدا پەرىشتىلەرگە شۇنداق دەيدۇ: بۇ ئىككىسىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىنى يارىشىپ قالغانغا قەدەر كېچىكتۈرۈڭلار.» hedisim.com (مۇسلىم 4652)
ھەردەد ئىبنى ئەبۇ ھەردەد ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَنْ هَجَرَ أَخَاهُ سَنَةً فَهُوَ كَسَفْكِ دَمِهِ) «كىم دىنىي قېرىندىشىنى بىر يىل تاشلىۋەتسە، ئۇنىڭ قېنىنى تۆككەندەك بولىدۇ.» hedisim.com [أَخْرَجَهُ أَبُو دَاوُد (٥ / ٢١٥، ٢١٦ ط حِمْص)، وَالْحَاكِم (٤ / ١٦٣ ط دَائِرَة الْمَعَارِفِ الْعُثْمَانِيَّة) وَصَحَّحَهُ الْحَاكِمُ وَوَافَقَهُ الذَّهَبِيّ، رياض الصالحين 1596؛ بۇخارى: ئەدەب ئەلمۇفرەد 404؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن]