ئاللاھ غەزەب قىلىدىغان كىشىلەر بايان قىلىنغان ھەدىسلەر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ تۆت تۈرلۈك كىشىگە غەزەب قىلىدۇ: قەسەمخور تىجارەتچى؛ كىبىرلىك نامرات كىشى؛ زىناخور قېرى ۋە زالىم ھۆكۈمدار.»(نەسەئى، بەيھەقى؛ ئەلبانى: سەھىھۇل جامىئ 880)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((مَنِ الْتَمَسَ رِضَاءَ اللَّهِ بِسَخَطِ النَّاسِ كَفَاهُ اللَّهُ مُؤْنَةَ النَّاسِ وَمَنِ الْتَمَسَ رِضَاءَ النَّاسِ بِسَخَطِ اللَّهِ وَكَلَهُ اللَّهُ إِلَى النَّاسِ))«كىمكى كىشىلەرنى غەزەبلەندۈرۈش بەدىلىگە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن بولسا، ئاللاھ كىشىلەردىن ئۇنى ساقلاپ، ئۇنىڭغا ئۆزى كۇپايە بولىدۇ. كىمكى كىشىلەرنىڭ رازىلىقى بەدىلىگە ئاللاھنى غەزەبلەندۈرسە، ئاللاھ ئۇنى كىشىلەرگە تاشلاپ قويىدۇ.» (سەھىھ تىرمىزى 2414)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الْيَهُودُ مَغْضُوبٌ عَلَيْهِمْ وَالنَّصَارَى ضُلاَّلٌ)) «يەھۇدىيلار ئاللاھ غەزەب قىلغانلاردۇر، خىرستىئانلار ئازغانلاردۇر.» (سەھىھ تىرمىزى 2954، سەھىھ جامى 8202، سەھىھ ھەدىس)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنْ أَعَانَ عَلَى خُصُومَةٍ بِظُلْمٍ – أَوْ يُعِينُ عَلَى ظُلْمٍ – لَمْ يَزَلْ فِي سَخَطِ اللَّهِ حَتَّى يَنْزِعَ)) «كىمكى بىر ماجرادا شەرىئەتكە زىت ئىش قىلغۇچى تەرەپتە تۇرسا ياكى شەرىئەتكە زىت ئىشنى قوللىسا، بۇنداق كىشى بۇ قىلمىشىدىن يانمىغۇچە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە قالىدۇ.» (سەھىھ ئىبنى ماجە 1892)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((عِظَمُ الْجَزَاءِ مَعَ عِظَمِ الْبَلاَءِ وَإِنَّ اللَّهَ إِذَا أَحَبَّ قَوْمًا ابْتَلاَهُمْ فَمَنْ رَضِيَ فَلَهُ الرِّضَا وَمَنْ سَخِطَ فَلَهُ السُّخْطُ)) «(مۆمىنلەرگە كەلگەن) بالا-مۇسىبەت قانچە چوڭ بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ساۋابمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئاللاھ بىر قەۋمنى ياخشى كۆرسە ئۇلارنى بالا-مۇسىبەتلەر بىلەن سىنايدۇ. كىمكى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بالا-مۇسىبەتكە رازىلىق بىلدۈرسە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ. كىمكى بالا-مۇسىبەتتىن نارازى بولسا، ئاللاھنىڭ غەزىپى ئۇنىڭغا بولىدۇ.» (سەھىھ ئىبنى ماجە 3272؛ سەھىھ تەرغىب 3407، تەخرىج مىشكات مەسابىھ 2\169 سەھىھ ھەدىس،)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((رِضَا الرَّبِّ فِي رِضَا الْوَالِدِ وَسَخَطُ الرَّبِّ فِي سَخَطِ الْوَالِدِ)) «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىغا باغلىق؛ ئاللاھنىڭ غەزىبى ئاتا-ئانىنىڭ غەزىبىگە باغلىق.» (سەھىھ تىرمىزى 1899؛ سەھىھ تەرغىب 2501؛ تەخرىج مىشكات مەسابىھ 4855؛ سەھىھ ھەدىس)
[رىيازۇس سالىھىن 791-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاللاھ قىيامەت كۈنى چوڭچىلىق قىلىپ كىيىمىنى يەرگە سۆرەلدۈرۈپ كىيگەن كىشىنىڭ يۈزىگە (رەھمەت نەزىرى بىلەن) قارىمايدۇ» دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دىققەت قىلمىسام مېنىڭ كىيىمىمنىڭ ئېتىكى يەرگە سۈرۈلۈپ قالىدۇ» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا «سەن چوڭچىلىق يۈزىسىدىن شۇنداق قىلىدىغانلاردىن ئەمەس» دېدى.(بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى 3665، ئىمام مۇسلىم 2087 رىۋايەت قىلغان)
[رىيازۇس سالىھىن 792-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ قىيامەت كۈنى كىيىمىنىڭ ئېتىكىنى (پۇچقىقىنى) چوڭچىلىق قىلىش يۈزىسىدىن يەرگە سۆرەلدۈرۈۋالىدىغان كىشىنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ،» (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى 5788، ئىمام مۇسلىم 2087 رىۋايەت قىلغان)
[رىيازۇس سالىھىن 793-نومۇرلۇق ھەدىس]
يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(ئەرلەر ئۈچۈن) كىيىمنىڭ ھوشۇقتىن ئاشقان قىسىمى دوزاختىدۇر.»(بۇخارى 5787-نومۇرلۇق ھەدىس)
[رىيازۇس سالىھىن 794-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باردۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھ بۇنداقلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى (گۇناھتىن) پاكلىمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن دەھشەتلىك ئازاب (دوزاخ) بار» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەبۇ زەر «بۇ كىشىلەر ئازابقا ئۇچراپ ھالاك بولدى. (بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشى) كىم ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:
(ئۇلار) «ئىشتاننى ئۇزۇن كىيگۈچى، قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلغۇچى، مالىنى يالغان قەسەم بىلەن سېتىشقا ئورۇنغان كىشىدۇر» دېدى.
ئىمام مۇسلىمدىن كەلگەن رىۋايەتتە «ئاستىغا كىيگەن كىيىمىنىڭ ئېتىكىنى (پۇچقىقىنى) يەرگە سۆرەپ كىيگۈچى» دېيىلگەن.(مۇسلىم 106-نومۇرلۇق ھەدىس)
[رىيازۇس سالىھىن 795-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«كىيىمنى ئۇزۇن كىيىش بەلنىڭ تۆۋىنىگە كىيىلىدىغان كىيىملەردە، كۆڭلەك ۋە سەللىدە بولىدۇ. كىمكى، بۇلاردىن بىرىنى چوڭچىلىق قىلىش نىيىتىدە يەرگە سۆرىۋالىدىكەن، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنداق كىشىنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد 4094؛ نەسائى 5327)
جابىر ئىبنى سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىيىمنىڭ ھوشۇقتىن ئېشىپ كېتىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭلار. (ئەرلەرنىڭ) كىيىمنى ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىشى كىبىردۇر. ئاللاھ كىبىر (لەنگۈچى) نى ئۆچ كۆرىدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد 4084؛ ئەلبانى سەھىھ ئەبۇ داۋۇدتا سەھىھ دېگەن)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى | mujtehid.com