سەھىھ ھەدىس | تۆگە گۆشى يېگەن كىشىنىڭ تاھارىتى سۇنىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى

جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «قوي گۆشى يېگەنلىكىم ئۈچۈن تاھارەت ئالىمەنمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «خالىساڭ ئال» دەپ بۇيرۇدى. ئۇ ئادەم «تۆگە گۆشى (يېيىش) سەۋەبلىك تاھارەت ئالىمەنمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھەئە، تاھارەت ئالىسەن» دېدى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر-بۇلۇغۇلمەرامنىڭ 73-نومۇرلۇق ھەدىسى)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ