فىتىر زاكىتى توغرىسىدا مۇجتەھىدلەرنىڭ پەتىۋالىرى

فىتىر زاكىتى توغرىسىدا مۇجتەھىدلەرنىڭ پەتىۋالىرى

 

 

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولۇشىنىڭ ھېكىمىتى

«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن فۇرقان دەئۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلدى

فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولۇشىنىڭ بەزى ھېكىمەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) روزا تۇتقان كىشىنىڭ روزىدار ھالەتتە سۆزلىگەنلىك ئېھتىمالى بولغان يامان سۆزلەردىن ۋە بىھۇدە ئىشلاردىن پاكلىنىشى.

(2) پېقىر ۋە يوقسۇللارنىڭ ھېيىت كۈنىدە تىلەمچىلىك قىلىشتىن قۇتۇلۇش ۋە فىتىر زاكىتى ئارقىلىق خۇشال بولۇشىغا سەۋەب بولۇش. بۇنىڭ بىلەن ھېيىت كۈنى جەمئىيەتتىكى پۈتۈن كىشىلەر ئۈچۈن سۆيۈنۈش ۋە خۇشاللىق كۈنى بولىدۇ. بۇ ھال ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىستە ئىپادىلىنىدۇ:

«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنى روزا تۇتقان كىشىلەرنىڭ سۆزلىگەن يامان سۆزلەردىن ۋە قىلغان بىھۇدە ئىشلاردىن پاكلىنىشى؛ يوقسۇللارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن پەرز قىلغان.»(ئەبۇ داۋۇد 1609؛ ئىبنى ماجە 1827؛ ھاكىم 1-409، سەھىھ دېگەن؛ نەۋەۋى ‹ئەلمەجمۇئ› ناملىق ئەسىرىدە ‹ھەسەن› دېگەن. ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 1492-دە ‹ھەسەن› دېگەن)

(3) فىتىر زاكىتى ئاللاھنىڭ بەندىگە رامزان روزىسىنى ۋە قىيامىنى (يەنى تەراۋىھ نامىزىنى) تاماملاش نېئمىتىنى ۋە بۇ مۇبارەك ئايدا ئۆزى ئۈچۈن قولاي بولغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش نېئمىتىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن بەندىنىڭ ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنى ئوچۇق ئىپادىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولغان مىقدارى ۋە فىتىر زاكىتى ئۈچۈن نېمىلەرنىڭ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

 

فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولغان مىقدارى شەھەر ئاھالىسى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان بۇغداي، ئارپا، قۇرۇق خورما، كىشمىش، گۈرۈچ، تېرىق قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنىڭ خالىغان بىرىدىن بىر سائتىن بېرىش ياكى پىشلاقتىن بىر سائ بېرىشتۇر.(بىر سائ ئۈچ كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ.) چۈنكى، سەھىھ ھەدىسلەردىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇشۇنداق دېگەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پىتىر زاكىتىنى ھۆر بولسۇن، قۇل-بولسۇن، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن (مۇسۇلمانلا بولغان ھەر بىر جان ئىگىسى ئۈچۈن بىر كىشىنىڭ) خورمىدىن ياكى ئارپىدىن بىر سائ (ئۈچ كلوگرام ئەتىراپىدا) بېرىشنى پەرز قىلدى. پىتىر زاكىتىنى كىشىلەر ھېيىت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىشقا بۇيرۇدى.»(بۇخارى ۋە مۇسلىم)

ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:«بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا پىتىر زاكىتىنى (بىر جان ئۈچۈن) يېمەكلىكتىن ياكى خورمىدىن ياكى ئارپىدىن ياكى ئۈزۈمدىن ياكى پىشلاقتىن بىر سائ (تەخمىنەن ئۈچ كىلو) بېرەتتۇق.»(بۇخارى ۋە مۇسلىم)

(مەسىلەن: بىر ئائىلىدە ئۈچ جان بولسا، بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەر بىرى ھەر-بىرىگە قانداق بىر يېمەكلىكتىن ئۈچ كىلوگرام ئەتراپىدا بېرىش پەرز بولىدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ ئىگىسى جەمئىي توققۇز كلوگرامغا يېقىن يېمەكلىكنى پىتىر زاكىتى ھېسابىدا بېرىدۇ. شۇنداقلا، يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۈچ كىلو گۈرۈچ، ئۈچ كىلو ئۇن، ئۈچ كىلو سۈت بەرسىمۇ بولىدۇ. ئۈچ كىلو ئەتراپىدا بېرىش پەرز بولغان تۆۋە چەك بولۇپ، خالىغان كىشى ھەر بىر جان ئۈچۈن بەش، ھەتتا ئون كىلودىن، ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بېرىۋەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ. بۇ ھەقتىكى بايانلار تۆۋەنكى مەزمۇنلاردا تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.)

فىتىر زاكىتىنى بېرىش شەكلى

فىتىر زاكىتىنى بىر توپ جامائەتنىڭ بىر كىشىگە بېرىشى دۇرۇس بولغىنىدەك، بىر كىشىنىڭ فىتىر زاكىتىنى بىر نەچچە كىشىگە بېرىشىمۇ دۇرۇستۇر.

فىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش دۇرۇس ئەمەس، فىتىر زاكىتى پەقەت شۇ يۇرت خەلقى يەيدىغان يېمەكلىكتىن بېرىلىدۇ

يېيىلىدىغان مەھسۇلاتلاردىن باشقىسىنى فىتىر زاكىتى ھېسابىدا بېرىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق قىلىش رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى بۇيرۇقىغا خىلاپ. شۇنداقلا، ساھابىلەرنىڭ ئەمىلىگىمۇ خىلاپ. چۈنكى، ئۇلار فىتىر زاكىتى ئۈچۈن بىر سائ يېمەكلىك بېرەتتى. ھەمدە، فىتىر زاكىتى مۇئەييەن تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى بېرىش پەرز قىلىنغان ئىبادەتتۇر. شۇ سەۋەبتىن، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن تۈردىن باشقىسىنى بەرسە (جۈملىدىن، فىتىر زاكىتى ھېساۋىدا پۇل بەرسە)، بۇ فىتىر زاكىتى ھېسابلانمايدۇ ۋە قوبۇل بولمايدۇ.

فىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىب بولۇش ۋاقتى

فىتىر زاكىتى ھېيىت كېچىسى كۈننىڭ ئولتۇرىشى بىلەن ۋاجىپ بولىدۇ. (يەنى رامزاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن ئولتۇرغان چاغدىكى ئىپتار ۋاقتىدىن باشلاپ ۋاجىپ بولىدۇ.) چۈنكى، رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇشتىن توختاش مۇشۇ چاغدا باشلىنىدۇ. فىتىر زاكىتىنىڭ بېرىلىشىدە ئىككى ۋاقىت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى پەزىلەتلىك ھېسابلانغان ۋاقىت، يەنە بىرى دۇرۇس بولغان ۋاقىتتۇر.

فىتىر زاكىتىنى بېرىشنىڭ ئەۋزەل ۋاقتى ۋە دۇرۇس ۋاقتى

فىتىر زاكىتىنى بېرشىتىكى پەزىلەتلىك ۋاقىت ـــ ھېيىت كۈنى تاڭ سۈزۈلۈشتىن ئېتىبارەن باشلىنىپ، ھېيىت نامىزى ئوقۇلۇشتىن ئازراق ۋاقىت ئىلگىرى ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنىڭ كىشىلەر ھېيىت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى بېرىلىشىنى بۇيرۇدى.»(بۇخارى 1503؛ مۇسلىم 984)

فىتىر زاكىتىنى بېرىشتىكى دۇرۇس ھېسابلانغان ۋاقىت ـــ ھېيىت كۈنىدىن بىر ياكى ئىككى كۈن ئاۋۋالدۇر. چۈنكى، ساھابە كىراملاردىن ئىبنى ئۇمەر ۋە بەزىلىرى مۇشۇنداق قىلغان.

فىتىر زاكىتىنى روزا ھېيىت نامىزىدىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈش دۇرۇس ئەمەس

فىتىر زاكىتىنى ھېيىت نامىزىدىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈش دۇرۇس ئەمەس. ناۋادا كېچىكتۈرۈپ بەرسە بەرگىنى ئادەتتىكى سەدىقە بولىدۇ ۋە كېچىكتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك كىشى گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«كىم فىتىر سەدىقىسىنى (روزى ھېيىت) نامازدىن ئاۋۋال بەرسە، بەرگىنى قوبۇل قىلىنغان زاكات ھېسابىدا بولىدۇ. كىم ئۇنى نامازدىن كېيىن بەرسە، بەرگىنى پەقەت سەدىقىلەردىن بىر سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.»(ئەبۇ داۋۇد 1609؛ ئىبنى ماجە 1872؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 843-تە ‹ھەسەن› دېگەن.)

(يۇقارقى مەزمۇنلار زامانىمىزدىكى ئەڭ مەشھۇر ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى بىرلىشىپ تۈزگەن «فىقھۇل مۇيەسسەر» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىنىدى)

پىتىر سەدىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا ھۆكۈملەر

[1] پىتىر زاكىتىنىڭ كىمگە بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەھلى ئىلىم ئىختىلاپلاشقان، كۆپچىلىك ئالىم زاكات بېرىلىشى دۇرۇس بولغان سەككىز تۈرلۈك كىشىگە پىتىر زاكىتى بېرىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ شافىي مەزھىبى ئالىملىرى پىتىر زاكىتىنىڭ زاكات بېرىلىشى دۇرۇس بولغان سەككىز تۈرلۈك كىشىگىگە بېرىلىشىنىڭمۇ، ياكى پېقىر مىسكىنگە بېرىلىشىنىڭمۇ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئىمام ئەھمەد، مالىكىي مەزھەپ ئالىملىرى ۋە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە فىتىر سەدىقىسىنىڭ پەقەتلا پېقىر، مىسكىنلارغا بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

شەيخۇل ئىسلام پىتىر زاكىتىنىڭ پۇل-مالغا بويىچە ئەمەس، جان سانى بويىچە پەرز بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، زاكات ئېلىشى دۇرۇس بولغانلىكى كىشىگە بېرىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى، مەسىلەن، كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ئۈچۈن پىتىر زاكىتىنى ئۇلارغا بېرىشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى، پىتىر زاكىتىنىڭ پەقەت پېقىر، مىسكىنلەرگىلا بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. (توغرا كۆز قاراش مۇشۇ شۇ.)[مەجمۇئۇل فەتاۋا 25\73-78]

[2] پىتىر زاكىتى پېقىر-مىسكىنلەرگىلا بېرىلىدۇ. دەلىل: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پىتىر زاكىتىنى … يېمەكلىكتىن مىسكىنلەرگە بېرىشنى پەرز قىلدى.»(ئەبۇ داۋۇد 1609؛ ئىبنى ماجە 1827؛ ئىمام ئەلبانى سەھىھ سۈنەن ئەبۇ داۋۇدتا ھەسەن دېگەن)

[3] پېقىر، مىسكىن ئۇرۇق-تۇغقىنى بار كىشىنىڭ پىتىر زاكىتىنى ئۇنىڭغا بېرىشى دۇرۇس. (بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز دۇنياغا مەشھۇر ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تورىنىڭ 93845-نومۇرلۇق پەتىۋاسىغا قاراڭ) (ئسكەرتىش: پىتىر سەدىقىسىنى پېقىر، مىسكىن ئۇرۇق تۇغقىنىغا بېرىشنىڭ دۇرۇسلىقىنىڭ شەرتى: پېقىر مىسكىن ئۇرۇق-تۇغقىنى ئۇ كىشىنىڭ بېقىشى مەجبۇرىيىتىدىكى كىشى بولماسلىقى كېرەك. مەسىلەن، پېقىر چوڭ دادىسى ياكى چوڭ ئانىسى بار كىشىنىڭ پىتىر زاكىتىنى ياكى پۇل-مېلىنىڭ زاكىتىنى ئۇلارغا بېرىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، ئۇلارنى بېقىش ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ، ياكى نەۋرە چەۋرىلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. بېقىش مەجبۇرىيىتى بولمىغان ئۇرۇق تۇغقانغا پىتىر سەدىقىسى بېرىش دۇرۇس.)

[4] پىتىر زاكىتىنىڭ بېقىش مەجبۇرىيىتى بولغانلىكى ھەر قانداق ئۇرۇق-تۇغقىنىغا بېرىش دۇرۇس ئەمەس.

ئىمام مالىك مۇنداق دېگەن:«پىتىر زاكىتىنى بېقىشىڭ مەجبۇرىيەت ھېسابلانغان ھەر قانداق تۇغقىنىڭغا بەرمەيسەن.»(«ئەلمۇدەۋۋەنە» 1\344)

ئىمام شافىي «ئەل ئۇم» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:«فىتىر زاكىتىنى ئانىسىغا، دادىسىغا، چوڭ ئانىسىغا ياكى چوڭ دادىسىغا بېرىش دۇرۇس ئەمەس.»(ئەل ئۇم 2\87)

ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن:«پەرز زاكات (مەيلى مالدىن بېرلىدىغان زاكات بولسۇن، ياكى جان سانىغا قاراپ رامزاننىڭ ئاخىرىدا بېرىلىدىغان فىتىر زاكىتى بولسۇن) ئاتىغا ۋە ئاتىسىنىڭ ئاتىسىنى بويلاپ يۇقىرىلىغان ئاتا ھېسابىدىكى ھەرقانداق ئەجادىغا (يەنى دادىسىغا، چوڭ دادىسسىغا، چوڭ دادىسىدىنىڭ دادىسىغا، ئۇنىڭ دادىسىغا….) بېرىلمەيدۇ. ياكى بالىغا ۋە بالىسىنىڭ پۇشتى بولغان بارلىق ئەۋلادىغا (يەنى ئوغلىغا، نەۋرىسىگە، ئەۋرىسىگە، چەۋرىسىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا) بېرىلمەيدۇ.»(ئەلمۇغى، 2\509)

[5] ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: پىتىر زاكىتى مۇسۇلمان بولغانلىكى ھەر قانداق كىشىگە پەرزدۇر. شۇنداقلا، ئايال كىشى ئېرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆز ئالدىغا پىتىر زاكىتى بېرىشى پەرز. (ئېرى ئايالى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن بېرىۋەتسە بۇ پەرز ئادا تاپقان بولىدۇ. بۇ ھالدا ئايالى ئۆز ئالدىغا بېرىپ يۈرمەيدۇ.)[فەتۋا ئىبنى ئۇسەيمىن 18\261]

[6] شەيخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد مۇنداق دېگەن: پىتىر زاكىتىنى بېرىش ئائىلىنىڭ باشچىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. ئائىلىنىڭ باشچىسى ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ھامىيلىقىدىكى خوتۇن بالىلىرىنىڭ ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى مەجبۇرىيەت بولغان كىشىلەرنىڭ پىتىر زاكىتىنى بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ بۇنى بېرىشكە ئىقتىسادىي نۇقتىدىن چىقىنالمايدىغان دەرىجىدە پېقىر بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭدىن پىتىر زاكىتى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن بېرىلمىگەن زاكات پىتىرىنى قاچان قادىر بولالىسا شۇ چاغدا بېرىدۇ.

ئاياللارغا كەلسەك، ئەگەر ئاياللار پىتىر زاكىتىنى بېرىشكە قۇربى يېتىدىغانلا بولسا، چوقۇم ئۆزى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن پىتىر زاكىتىنى بېرىشى كېرەك. ئەگەر، قادىر بولالمىسا، بەرمەسلىكىدە ھېچ گۇناھ يوق.

ئەگەر ئايال كىشى ئۆزى ۋە پەرزەنتلىرى ئۈچۈن فىتىر زاكىتى بەرسە، بۇنىڭ ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئەگەر، ئۆزىنىڭكىلا بېرىشكە چىقىنالىسا، ئۇ ھالدا ئۆزى ئۈچۈنلا بېرىدۇ.(ئىسلام سوئال-جاۋابلىرىنىڭ 27008-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)

[7] شەيخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد يەنە مۇنداق دېگەن: ئايال كىشىنىڭ يولدىشى تۈرمىدە بولۇپ، ئۆيىدە ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن يەتكۈدەك ئاشلىق بولغان تەقدىردە، ئايال كىشى تۈرمىدىكى يولدىشى بىلەن تېلفوندا ئالاقىلىشالىغان تەقدىردە يولدىشىدىن ئۆزى، بالىلىرى ۋە يولدىشىنىڭ فىتىر زاكىتى بېرىش توغرىسىدا ئىجازەت سوراپ رۇخسەت ئالالىسا، ئائىلىدىكى ھەممەيلەننىڭ (تۈرمىدىكى يولدىشىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) پىتىر زاكىتى بېرىدۇ. (ئىسلام سوئال-جاۋابلىرىنىڭ 27008-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)

[8] شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: پىتىر زاكىتىنىڭ مىقدارىنى كىشى بېشىغا بەلگىلەنگەن بىر سائ (ئۈچ كلوگرام ئەتراپىدا) دىن ئاشۇرۇپ بېرىش دۇرۇس. ئىمام شافىي، ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە بۇنداق قىلىش دۇرۇس. پۈتكۈل ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائى بويىچە پىتىر زاكىتىنىڭ كىشى بېشى مىقدارىنى بىر سائ (ئۈچ كىلوگرام ئەتراپىدا) دىن ئاز بېرىش دۇرۇس ئەمەس.[مەجمۇئۇل فەتاۋا 25\70]

[9] پىتىر زاكىتى ئۈچۈن سۈت، گۆش بېلىق قاتارلىقلاردىن بېرىش دۇرۇس، بۇ ھەقتە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قەييىم جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: قايسى بىر يۇرتنىڭ يېمەك-ئىچمىكى (ھەدىستە تىلغا ئېلىنغاندىكىن) باشقا ھالال نەرسىلەر بولسا، گۈرۈچ، قوناق، ئەنجۈر ياكى باشقا دانلىق زىرائەتلەر بولسا، ياكى دانلىق زىرائەت ھېسابلانمايدىغان سۈت، گۆش ياكى بېلىق بولسا، بۇ يېمەكلىكلەردىن پىتىر سەدىقىسى بېرىلىدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. بۇ توغرا قاراش بولۇپ، بۇنىڭ زىتىدا سۆز قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى، پىتىر زاكىتىدىكى مەقسەدلەردىن بىرى ھېيىتتا پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىشتۇر، كىشى ئۆزى ئىگە بولغان يېمەكلىكلەر ئارقىلىق ئۇلارغا تەسەللىي بېرىشتۇر. (شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قەييىم جەۋزى رەھىمەھۇللاھ، «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين» 3-جىلد، 12-بەت)

[10] ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «شەرھىل مۇمتىئ» ناملىق ئەسىرىنىڭ 6-جىلد، 183-بېتىدە مۇنداق دېگەن:«ھەر قانداق بىر شەھەر خەلقى ئوزۇقلۇق ھېسابىدا دانلىق زىرائەت، مېۋە-چېۋە، گۆش ياكى بۇنىڭ باراۋىرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغان بولسا، بۇلارنىڭ قايسى بىرىدىن فىتىر سەدىقىسى بېرىش دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ.» mujtehid.com وقال الشيخ ابن عثيمين رحمه الله في «الشرح الممتع» (6/183) : » والصحيح أن كل ما كان قوتاً من حب وثمر ولحم ونحوها فهو مجزئ » (ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تورى، 124965-نومۇرلۇق پەتىۋانىڭ بىر قىسىمى)

[11] «پىتىر زاكىتىنى گۆش قاتارلىقلاردىن بېرىش» دېگەندە: گۆش ۋە سۈتكە ئوخشاش يېمەك-ئىچمەكلەردىن 2176 گرام (يەنى ئىككى كىلو، 176 گرام)  ئېغىرلىقىدا پىتىر زاكىتى بېرىلىدۇ. (مالىكى مەزھەپ فىقھى ئەسىرى «ھاشىيەتە ئەددۇسۇقى» 5-جىلد، 36-بەت)(ئىسلام سوئال-جاۋابلىرى تورىنىڭ 233593-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)

[12] ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بەزى بۇرادەرلەر بىزگە بىر سائ گۆشنى ئۆلچىگىلى بولمايدىكەن (چۈنكى سائ دېگەن ئېغىرلىق بىرلىكى ئەمەس) دېيىشتى، بۇنىڭغا جاۋابەن دەيمىزكى: بىر نەرسىنى (سائ بويىچە) ئۆلچەپ بېرىش مۇمكىن بولمىسا، ئۇنى ئېغىرلىق بويىچە ئۆلچەپ بېرىمىز. (شەرھۇل مۇمتىئ، 6\182)

[13] ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: شەك-شۈبھىسىزكى گۈرۈچ مەككە، مەدىنىدە ھالال ۋە گۈزەل يېمەكلىكتۇر. ئۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئارپىدىن ئۈستۈندۇر. بۇ سەۋەبلىك، پىتىر سەدىقىسىنى گۈرۈچتىن بېرىشنىڭ بولمايدىغان ھېچيېرى يوقلۇقى ئايدىڭلىشىدۇ. (ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى توپلىمى، 14\200)

[14] شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد مۇنداق دېگەن: ئىككى ئائىلە پىتىر زاكىتىنى بىر-بىرىگە بېرىشنى دېيىشىۋېلىپ، شۇ بويىچە پىتىر زاكىتى بېرىش دۇرۇس ئەمەس. بۇ ئىبادەت ئىشىدا ھىيلە ئىشلىتىش ھېسابلىنىدۇ (بۇنداق قىلى شەيتانىي قىلمىشتۇر.)[ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تورىنىڭ 233600-نومۇرلۇق پەتىۋاسى]

[15] ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن: ئەگەر يېتىم بالىنىڭ ئۆزىگە تەۋە مال-مۈلكى بولسا، يېتىم بالىغا پىتىر زاكىتى بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ناۋادا، يېتىم بالا باشقىلارنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بولسا، يېتىم بالىنى ئۆز ئېلىكىدە تۇتقۇچىغا يېتىم بالىنىڭ فىتىر زاكىتىنى بېرىش پەرز بولۇش بولماسلىقى ھەققىدە ئالىملار ئىختىلاپلاشقان. ئىمام مالىك، ئىمام شافىي ۋە ئەبۇ ھەنىفە يېتىم بالىنى بېقىشى پەرز بولمىغان كىشىگە ئۇ بالا ئۈچۈن پىتىر زاكىتى بېرىشىنىڭ پەرز بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئىمام ئەھمەد «كىمكى رامزان ئېيىدا (مەيلى چوڭ كىچىك، ئەر ئايال بولسۇن) بىر كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ پىتىر زاكىتىنى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى بېرىدۇ» دېگەن. ئىمام ئەھمەد- كىمكى، بىر يېتىم قىزغا ئىگىدارچىلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ پىتىر زاكىتىنى شۇ كىشى بېرىدۇ، دېگەن. بەزى ھەنبەلىي ئالىملىرى بۇنداق كىشىنىڭ يۇقارقىدەك يېتىم ياكى ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ پىتىر زاكىتىنى بېرىشى پەرز ئەمەس، مۇستەھەپ دەپ قارىغان ۋە ئىمام ئەھمەدنىڭ يۇقارقى سۆزىنى مۇستەھەبلىككە قارىتىلغان دەپ بايان قىلغان. (ئەلمۇغنى 4\306؛ شەرھۇل كەبىر 7\97)

[16] ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«پىتىر زاكىتى ئۈچۈن بەلگىلەنگىنى يېمەكلىك بېرىش بولۇپ، پۇل بېرىشكە بولمايدۇ. بىراق، بىز يېمەك-ئىچمەكنى قوبۇل قىلىدىغان ھېچكىمنى تاپالمىساق، بۇ كىشىلەر پۇل بولسا قوبۇل قىلىدىغان بولسا – يېمەك ئىچمەكنى قوبۇل قىلىدىغان كىشى تاپالماسلىق شەرتى بىلەن – فىتىر زاكىتى يېمەكلىكى ئۈچۈن پەرز بولغان مىقدارنى پۇلغا سۇندۇرۇپ، ئۇلارغا پۇلنى بەرسەك بۇ دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. (يېمەكلىك قوبۇل قىلىدىغان پېقىر-مىسكىنلەر بارلا ئەھۋالدا، پىتىر زاكىتى ھېساۋىدا پۇل بېرىش شەرىئەتنىڭ ئىككى ئاساسىدىن بىرى بولغان سەھىھ سۈننەتكە زىت. بۇنداق ئەھۋالدا، پۇل بېرىش بىلەن پىتىر زاكىتى ئادا تاپمايدۇ) (ئىبنى ئۇسەيمىن-نۇرۇن ئەلەد دەرب پروگراممىسى؛ ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تورىنىڭ 145858)

[17]ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: پىتىر زاكىتى بېرىش چوڭ-كىچىك، قېرى ياش، ھۆر ياكى قۇل ھېسابلانغان ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرز. بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پەرز بولغان. ناۋادا كىشى پىتىر زاكىتىنى ھېيىت نامىزىدىن بۇرۇن بېرەلمەي قالغان بولسا، ھېيىت نامىزىدىن كېيىن بولسىمۇ بېرىۋېتىشى كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، پەرز ئىبادەتلەرنى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ۋاقتىدا ئورۇندىيالماي قالغان كىشى ئۈچۈن، ئۇنى كېيىن تولۇقلىۋېلىشى پەرز بولىدۇ. (ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى توپلىمى، 20\271)

(mujtehid.com)

ئىزدەش كەلىمىلىرى: فىتىر سەدىقىسى، پىتىر سەدىقىسى، پىتر، فىتر، فىترە

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ