ۋىتامىن د ۋە ئۇنى ئائىلىدە تولۇقلاش

ۋىتامىن د ۋە ئۇنى ئائىلىدە تولۇقلاش

مۇجتەھىدلەر بلوگى تەييارلىدى

ۋىتامىن د ۋىتامىن بولۇپلا قالماي ھورمونلۇق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. بەدەندە ھورمونلۇق رولىنى ئوينايدۇ. ۋىتامىن د بەدەندىكى كالتىسىي ۋە فوسفاتنى مۇداپىئە قىلىدۇ، ئەگەر بەدەندە ۋىتامىن د كېمەيسە، بەدەن كالتىسىينى سۈمۈرەلمەيدۇ. بۆرەكلەر سۈيدۈك يولى ئارقىلىق بەدەندىكى كالتىسىينى سىرتقا چىقىرىۋېتىدۇ. شۇنداقلا، چوڭ تەرەت ئارقىلىقمۇ بەدەندىن كالتىسىي چىقىپ كېتىدۇ. ۋىتامىن د كامچىللىقى سەۋەبلىك بوغۇم ئاغرىقى، بەدەن ئاغرىقى ۋە سۆڭەك ئاغرىقى، ھارغىنلىق، جانسىزلىق قاتارلىق سەلبىي ئەھۋاللار ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

ۋىتامىن د كامچىللىقى سەۋەبلىك سۆڭەك شالاڭشىش، سۆڭەكلەر ئاجىز، چۈرۈك بولۇش ۋە ئوڭايلا سۇنۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

ۋىتامىن د تولۇقلاشنىڭ ئەڭ تەبئىي يولى كۈنگە قاقلىنىشتۇر.

ئۇزۇقلۇقشۇناس ئالىم ئىبراھىم ساراچئوغلۇ ۋىتامىن د تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەردى:

يەتتە سەككىز تال ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ يۇمىلاقباش مانتارنى (ختايچە موگۇ) تەڭگە شەكىللىك قىلىپ ئىنچىكە توغرايسىز. (تەڭگىدەك نېپىز بولۇشى ئەمەس) ئاندىن ئۇنى لېگەن، پەتنۇس قاتارلىق تۈز ۋە تەكشى نەرسىگە قويۇپ، كۈن نۇرىغا يىگىرمە مىنۇت قاقلايسىز. دىققەت قىلىدىغان نۇقتا: قۇياشقا بىۋاسىتە قاقلىنىشى كېرەك، دېرىزە قاتارلىقلارنىڭ ئارقىسىدىن قاقلىتىلسا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتكىلى بولمايدۇ. كۈن نۇرىغا قاقلاپ ئون مىنۇت بولغاندا توغرالغان مانتارلارنىڭ كۈن تەگمىگەن يۈزىنى ئۈستىگە قىلىپ ئۆرىيسىز. ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، كۈنگە قاقلانغان بۇ مانتارلارنى سۈيقاش، شورپا قاتارلىق سۇيۇق تائاملارغا سالىسىز. باشقا تاماقلارغا سېلىپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ھەر كۈنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا قىلىپ، بۇنى بىر ئاي داۋاملاشتۇرىسىز.

كۈن نۇرى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان كىشىلەرگىمۇ بۇ ئۇسۇل ناھايىتى ئۈنۈم بېرىدۇ.

ساراچئوغلۇ بايان قىلغان ۋىتامىن د ھەققىدىكى باشقا مەلۇماتلار:

* راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

* قان شېكىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ.

* ۋىتامىن د يۇمىلاقباش مانتاردىن سىرت، ياپراق مانتاردىمۇ مەۋجۇت. ئەمما. باشقا ھېچبىر ئۆسۈملۈكتە مەۋجۇت ئەمەس. شۇنداقلا، مانتاردىن د ۋىتامىنى قوبۇل قىلىشتىكى شەرت باشتا ئۇنى كۈنگە قاقلاپ، ئاندىن ئىستىمال قىلىشتۇر. (تەپسىلاتىنى يۇقاردا تونۇشتۇردۇق.)

ئوزۇقلۇقشۇناس جانان كاراتايدىن ۋىتامىن د ھەققىدە بەزى مەلۇماتلار:

ۋىتامىن د بەدىنىمىزدىكى ھۈجەيرىلىرىمىزنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن، كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرالىشىمىز ئۈچۈن، بەدىنىمىزنىڭ چىداملىقلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ھورموندۇر. بەدىنىدە ۋىتامىن د يېتەرلىك دەرىجىدە بولغانلار قىشتا ئاغرىپ قالمايدۇ. ۋىتامىن د ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. مۇسكۇل سېستىمىسىنى كۈچەيتىدۇ. جىنسىي ھورمونلارنى كۈچەيتىدۇ.

ۋىتامىن د ھەممىدىن بەك ھامىلدار ئاياللار ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ھامىلدارلاردىكى ھالسىزلىنىش ۋىتامىن د نىڭ بەدەندە ئازلىقىدىن بولىدۇ.

ۋىتامىن د كامچىللىق سەۋەبلىك بوۋاقلاردا سېرىقلىق بولىدۇ.

چۈش ۋاقتىدىكى سايىڭىز ئەڭ قىسقارغان پەيت دەل كۈن نۇرىنىڭ ئەڭ پايدىلىق ۋاقتىدۇر. بۇ پەيتتدە بەدەن ئەزالىرىڭىزنىڭ كۈنگە قاقلىسىڭىز، بەدىنىڭىز يىگىرمە مىنۇتتا يىگىرمە مىڭ بىرلىك ۋىتامىن د ئىشلەپ چىقىرىدۇ. كۈن نۇرى توسقۇچى مايلار بۇنىڭغا توسالغۇ بولىدۇ. قۇياشنىڭ تىكلىكى قانچە تۆۋەن بولسا، ئۇ خىل قۇياش ئاستىدىكى بەدەننىڭ ۋىتامىن د ئىشلەپ چىقىرىشىمۇ شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.

ـــ مۇجتەھىدلەر بلوگى تەييارلىدى.

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ