ئىمام ئىبنى تەيمىييە: كېچىسى قوپۇپ ناماز ئوقۇش ئەۋزەلمۇ، قۇرئان ئوقۇشمۇ؟

ئىمام ئىبنى تەيمىييە: كېچىسى قوپۇپ ناماز ئوقۇش ئەۋزەلمۇ، قۇرئان ئوقۇشمۇ؟

سوئال: كېچىدە تۇرغان كىشى ئۈچۈن ناماز ئوقۇش ئەۋزەلمۇ ياكى قۇرئان تىلاۋەت قىلىشمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ

جاۋاب: ناماز ئوقۇش ناماز ئوقۇماي قىرائەت قىلىشتىن ئەۋزەل. دىننىڭ ئىماملىرى بۇنىڭغا دەلىل نەقىل قىلىشقان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەر ئىشتا ھەق ئۈستىدە بولۇڭلار. شۇنداقتىمۇ، بارچە پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى كامىل ئورۇنداشقا كۈچۈڭلار يەتمەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئەمەللەرنىڭ ئەڭ خەيرلىكى نامازدۇر. تاھارەتنى پەقەت مۆمىنلا مۇھاپىزەت قىلىدۇ.» (ئەھمەد، ئىبنى ماجە، ئىبنى ھىببان ۋە بەيھەقى توپلىغان، ئەلبانى  – سەھىھ ئىبنى ماجە 226دە – سەھىھ دېگەن)

بىراق، كىشى كېچىسى ئويغانغىنىدا ناماز ئوقۇشقا قارىغاندا، ناماز ئوقۇماستىن قۇرئان ئوقۇسا دىققىتىنى قۇرئانغا مەركەزلەشتۈرۈشتە، ئۇنى تەپەككۇر قىلىشتا ۋە مەنىسىنى چۈشىنىشتە ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ناماز ئوقۇماستىن قۇرئان ئوقۇشى تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر. (مەنبە:  الفتاوى الكبرى لابن تيمية، 2\236)

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى | mujtehid.com

پەتىۋانىڭ ئەرەپچىسى:

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ