ئەھلى سۈننەت ۋەلجەمائەت كىم؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەتۇللاھ
سوئال: ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت كىم؟
جاۋاب: ئەھلى سۈننەت ۋەلجەمائەت دېگەن سۈننەتكە مۇستەھكەم ئېسىلغان ۋە سۈننەت ئۈستىدە ئۇيۇشقان؛ ئەقىدە ئىلىملىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە بولسۇن، ئەمەلىي ھۆكۈمگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە بولسۇن، سۈننەتتىن (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولىدىن) باشقا يولغا بۇرلۇپ كەتمىگەن كىشىلەردۇر.
ئۇلار سۈننەتكە مۇستەھكەم ئېسىلغان كىشىلەر بولغىنى ئۈچۈن سۈننەت ئەھلى (اهل سنه) دەپ ئاتالغان.
ۋە سۈننەتنىڭ ئەتراپىغا توپلاشقان كىشىلەر بولغىنى ئۈچۈن جامائەت ئەھلى ( اهل الجماعة) دەپ ئاتالغان.
بىدئەت ئەھلىنىڭ (يەنى بىدئەتلەرگە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ) ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان بولساڭ، مەيلى ئېتىقادىي جەھەتتىن، مەيلى ئەمەل-ئىبادەت جەھەتتە خىلمۇ-خىل ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. بىدئەت ئەھلىنىڭ ئېتىقاد ۋە ئەمەل ئىبادەت جەھەتتىكى خىلمۇ خىللىقى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئويدۇرغان بىدئەتلىرىنىڭ مىقدارىدا سۈننەتتىن ئۇزاق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. (ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى ھەققىدە پەتىۋالار، 4-نومۇرلۇق پەتىۋا)
فۇرقان دەۋەت مەركىزى – مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى | mujtehid.com