ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: داۋالىنىش مەقسىتىدە قۇرئان ئايىتىنى يەپ-ئىچىدىغان چېنە-قاچىلارغا يېزىشنىڭ ھۆكمى
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
سوئال: داۋالىنىش مەقسىتىدە – ئايەتەل كۇرسىيغا ئوخشاش – قۇرئاننڭ بەزى ئايەتلىرنى تاماق يەيدىغان ۋە سۇ ئىچىدىغان قاچىلارغا يېزىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: بىلىشىمز كېرەككى، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى (بولغان قۇرئان ئايەتلىرى) بۇ دەرىجىدە ئاددىي كۆرۈلۈشتىن كۆزگە ئىلنماسلىقتىن ئۇستۈن ۋە كاتتىدۇر. سۇ ئىچىدىغان قاچىلارغا ئاللاھ نىڭ كىتابىنىڭ ۋە ئۇقۇرئاندىكى ئەڭ كاتتا ئايەت بولغان ئايەتەلكۇرسىينىڭ يېزىشلىغا، ئاددىي ئىشلار ئۈچۈن قوللىنىلىشىغا، ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا تاشلىنىشىغا ۋە بالىلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشىغا بىر مۇئمىننىڭ كۆڭلى قانداقمۇ ئارام تاپسۇن؟! شەكسىزكى، بۇنداق قىلىش ھارامدۇر.
كىمنىڭ قېشىدا شۇنىڭدەك نەرسىلەر بولسا، ئۇنىڭغا يېزىلغان ئايەتلەرنى ئۆچۈرۈپ يوق قىلىشى، ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا ئاپىرىپ يۇيدۇرۇپ ئۇ ئايەتلەرنى ئۈچۈرۈپ تاشلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلىش ئمكانىيتى بولمىسا، ئۇ ئايەت يېزىلغان قاچىلار ئۈچۈن پاكىز يەردىن چوڭقۇر بىرەر ئورۇننى كولاپ كۈمۈۋېتىشى كېرەك. ئايەت يېزىلغان چىنە-قاچىلارنىڭ بالىلار سۇ ئىچىدىغان ۋە ئوينايدىغان ئادەتتىكى، كۆزگە ئىلىنماس نەرسە قاتارىدا تاشلاپ قويۇلۇشى دۇرۇس ئەمەس. قۇرئان بىلەن بۇ خىل شەكىلدە كىسەل داۋالاش سەلەف_سالىھلارنىڭ ھاياتىدا كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس. (ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى ھەققىدە پەتىۋالار، 28-نومۇرلۇق پەتىۋا)
فۇرقان دەۋەت مەركىزى-مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى | mujhteid.com