ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: نەپلە روزىسىنى ئۆزۈرسىز بۇزىۋەتكەن كىشى گۇناھكار بولامدۇ؟

   447-سوئال: بىر كىشى نەفلە روزىسىنى ئۆزرىسىز بۇزىۋەتسە گۇناھكار بولامدۇ؟  نەفلە روزىسنى جىنسىي مۇناسىۋەت سەۋەپلىك بۇزىۋەكەن كىشى كاففارەت بېرەمدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھللاھ

   جاۋاب: بىر كىشى نەفلە روزا تۇتقان بولسا ۋە بۇ روزىنى يېمەك-ئىچمەك، ياكى جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش ئارقىلىق بۇزىۋەتسە گۇناھكار بولمايدۇ.

بىر نەپلە ئىبادەتنى باشلىغان كىشىنىڭ، ئۇ ئىبادەتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرشى شەرت ئەمەس. ھەج ۋە ئۆمرە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بىراق ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرشى تېخىمۇ پەزىلەتلىك. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، نەپلە روزا تۇتقان كىشى روزىدار ھالەتتە جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن كافارەت كەلمەيدۇ. چۈنكى نەپلە روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئۇ روزىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرش مەجبۇريىتى يوق.

   بىراق پەرىز روزا تۇتقان كىشىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى بىر زۆرۈرىيەت بولمىغىچە پەرىز روزىنى بۇزۇش دۇرۇس بولمايدۇ. زۆرۈرىيەت سەۋەپلىك پەرىز روزىسىنى بۇزىۋەتسە ئۇنۇڭغا كافارەت كەلمەيدۇ. پەقەتلا رامىزان روزىسىنى بىرەر زۆرۈرىيەت بولمىغان ھالدا بوزىۋەتسە كافارەت كېلىدۇ. چۈنكى ئۇ روزا تۇتۇش ۋاجىپ بولغان كىشلەردىن ھېسابلىنىدۇ.

«روزا تۇتۇش ۋاجىپ بولغان كىشلەردىندۇر» دېگەن سۆزىمزگە دىققەت قىلىڭ. چۈنكى، مەسلەن: بىر ئادەم رامىزاندا ئايالى بىلەن بىرلىكتە سەپەرگە چىقسا ۋە سەپەر جەريانىدا ئىككىلىسى روزىدار بولسا، ئاندىن ئۇ روزىسىنى بوزۇپ ئايالى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولغان بولسا گۇناھكار بولمايدۇ، ئىككىلىسىگە كافارەت كەلمەيدۇ. ئ‍ۇنىڭ ۋە ئايالىنىڭ پەقەت شۇ كۈننىىڭ قازاسىنى قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. (ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى ھەققىدە پەتىۋالار، 447-نومۇرلۇق پەتىۋا) (مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى) mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ