سوئال: ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىن رەھىمەھۇللاھ
جاۋاب: كۆپىنچە خانىم-قىزلار گىرىم قىلسىمۇ، مەن خانىم-قىزلارنىڭ گىرىم قىلىشىنى مەكرۇھ دەپ قارايمەن. چۈنكى، خانىم-قىزلارنىڭ گىرىم قىلىشىدا ئاشكارا تېرىنى ئۆزگەرتىش مەۋجۇت. گىرىم قىلىشتا يەنە ئەسلىدە بولمىغان زىننەتنى باردەك كۆرسىتىش مەۋجۇت بولغانلىقتىن، بۇنداق قىلىش كۆز بويامچىلىققا كىرىپ قالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((المتشبع بما لم يعط كلابس ثوبي زور)) «بېرىلمىگەن نەرسىنى بەردى دەپ داملاتقان كىشى يالغانچىلىقنىڭ ئىككى تونىنى كىيگۈچىگە ئوخشايدۇ» دېگەن. (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
مەنبە: http://cms.ibn-jebreen.com/fatwa/home/book/242#sec19577
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تارقاتتى | mujtehid.com