ئايال كىشىنىڭ ئەر دوختۇرغا بەدىنىنى ئېچىشىنىڭ ھۆكمى | ئەللامە ئابدۇلكەرىم ئەلخۇدەير

ئايال كىشىنىڭ ئەر دوختۇرغا بەدىنىنى ئېچىشىنىڭ ھۆكمى | ئەللامە ئابدۇلكەرىم ئەلخۇدەير

سوئال: كېسەل ئايالنىڭ ئەر دوختۇرغا بەدىنىنى ئېچىشىنىڭ ھۆكمى نىمە؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلكەرىم خۇدەير

جاۋاب: ئايال كىشىنىڭ يات ئەرلەرنىڭ قېشىدا كىيىمىنى سېلىشى، گۈزەللىك ئورۇنلىرىنى، يۈزىنى  ۋە بەدىنىنىڭ ھەرقانداق بىر يىرىنى ئېچىشى دۇرۇس بولمايدۇ. شۇڭا، ئايال كىشى داۋالىنىشقا ھاجىتى چۈشكەندە مۇسۇلمان ئايال دوختۇر ئىزدىشى ۋاجىبتۇر. لېكىن ئاياللاردىن دوختۇر تېپىلمىسا، ئايال كىشى داۋالىنىشقا مەجبۇر بوپ قالسا، قاتتىق دىققەت قىلغان، ئىھتىيات قىلغان ھالدا مۇسۇلمان ئەركىشى ئۇنى داۋالىسا بولىدۇ ۋە بەدىنىنىڭ زۆرۈر بولغان يەردىن باشقىسى ئىچىلماسلىقى لازىم.

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى | mujtehid.com

ئەرەپچە مەنبەسى:
https://shkhudheir.com/fatawa/2126768883

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ