«كىم بىزنىڭ زىكرىمىزدىن يۈز ئۆرىسە ئۇنىڭ ھاياتى تار بولىدۇ» دېگەن ئايەتتىكى «زىكىر» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
(بۇ پەتىۋانىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تېلگرام قانىلىمىزدىن ئاڭلاڭ)
(بۇ پەتىۋانىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى يۇتيۇب قانىلىمىزدىن ئاڭلاڭ)
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
جاۋاب : (ئايەتتىكى «زىكىر»دىن) مەقسەت قۇرئاندۇر. ئاللاھنىڭ زىكرى — قۇرئان ۋە سەھىھ سۈننەتتۇر. شۇڭا كىمكى غالىب كىتاب قۇرئاندىن ۋە پاك سۈننەتتىن يۈز ئۆرۈسە ئۇ («كىمكى بىزنىڭ زىكرىمىزدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار بولىدۇ، قىيامەت كۈنى بىز ئۇنى كور قوپۇرىمىز»سۈرە تاھا، 124-ئايەت، دېگەن) بۇ تەھدىتكە چۈشۈپ قالىدۇ. ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەيمىز.
شۇڭا مۆئمىن كىشىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى، ئاللاھنىڭ زىكىرى (بولغان قۇرئان ۋە ھەدىسنى) چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى ۋە شۇنداق قىلىشقا (قۇرئان-سۈننەتكە مۇستەھكەم ئەگەشكۈچىلەردىن بولالىشىدا) ئاللاھتىن ياردەم سورىشى ۋاجىبتۇر. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىمۇ زىكىرنىڭ قاتارىدىندۇر. چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتى زىكىرنى (يەنى قۇرئاننى ) تەپسىرلەپ ، مەنالىرىنى ئوچۇقلاشتۇرىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى ئۇ زاتقا نازىل قىلىنغان زىكىرنىڭ قاتارىدىندۇر.
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
پەتىۋاغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتنىڭ باش ئاخىرىسى تۆۋەندىكىچە:
{كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز» (124) ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى كور قوپۇردۇڭ، ۋاھالەنكى، (دۇنيادىكى چاغدا) مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟» دەيدۇ (125) اﷲ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك ساڭا (روشەن) ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن» (126) ھەددىدىن ئاشقان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارغا شۇنىڭغا ئوخشاش جازا بېرىمىز، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر (127)} — سۈرە تاھادىن.
ئەرەپچە مەنبەسى:
https://binbaz.org.sa/fatwas/2610/المقصود-بالذكر-في-قوله-تعالى-ومن-اعرض-عن-ذكري