قەبرىگە ۋاپات تاپقۇچىنىڭ ئىسىم-شەرىپىنى ياكى ئايەتلەرنى يېزىشنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى باز

قەبرىگە ۋاپات تاپقۇچىنىڭ مەلۇماتىنى ياكى ئايەتلەرنى يېزىشنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز

سوئال: ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ قەبرىسىگە مېتال لەۋھە ياكى تاختا قىلىپ، شۇ لەۋلە ياكى تاختىغا قۇرئاندىن بەزى ئايەتلەرنى، ئۆلگۈچىنىڭ نام-شەرىپىنى، تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان كۈنىنى يېزىش دۇرۇسمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

جاۋاب: ئۆلۈكنىڭ قەبرىسىگە مەيلى قۇرئان ئايىتىنى، ياكى باشقا ھەر قانداق نەرسىنى يېزىش دۇرۇس ئەمەس. شۇنداقلا، (يېزىش ئۈچۈن) مېتال لەۋھە ياكى تاختاي قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشمۇ دۇرۇس ئەمەس. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قەبرىلەرنى قاتۇرۇشتىن، قەبرە ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن، قەبرە ئۈستىگە قۇرۇلۇش بىنا قىلىشتىن چەكلىگەن.»(بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم نەقىل قىلغان) مۇشۇ مەزمۇندا تىرمىزى ۋە نەسائى نەقىل قىلغان ھەدىستە «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قەبرە ئۈستىگە خەت يېزىشتىن چەكلىگەن» دېگەن لەۋز زىيادە كەلگەن.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق نەقىل قىلىنىدۇ: ((نَهَى النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم أَنْ تُجَصَّصَ الْقُبُورُ وَأَنْ يُكْتَبَ عَلَيْهَا وَأَنْ يُبْنَى عَلَيْهَا وَأَنْ تُوطَأَ )) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قەبرە قاتۇرۇشتىن، قەبرىگە خەت يېزىشتىن، قەبرە ئۈستىگە قۇرۇلۇش بىنا قىلىشتىن ۋە قەبرە ئۈستىدە مېڭىشتىن چەكلىگەن.» (تىرمىزى 1052؛ سەھىھ) مۇشۇ مەزمۇندا كۆپلىگەن ھەدىسلەر مەۋجۇتتۇر. 

مەنبە: ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى ۋە ماقالىلىرى توپلىمى، 4-جىلد 337-بەت

پەتىۋانىڭ ئەرەپچىسى:

https://binbaz.org.sa/fatwas/901/حكم-الكتابة-على-القبور

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ