پەرىشتە بەندىنىڭ ياخشى نىيىتىنى قانداق بىلىدۇ؟ | ئىمام ئىبنى تەيمىييە
ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:«ئەگەر بەندە بىر ياخشىلىقنى نىيەت قىلىپ ئۇنى قىلمىسا، ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ» دېگەن ھەدىسى ھەققىدە («ئەگەر نىيەت بەندە بىلەن پەرۋەردىگارى ئوتتۇرىسىدىكى سىر بولسا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭدىن قانداق خەۋەردار بولىدۇ؟» دەپ) سورالدى، ئۇ زات مۇنداق جاۋاب بەردى:
ئاللاھقا شۈكرىلەر بولسۇن، بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابى ھەققىدە سۇفيان ئىبنى ئۇيەينەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلىندى:«ئىنسان بىر ياخشىلىقنى نىيەت قىلسا، پەرىشتە (ياخشى نىيەتنىڭ) خۇشپۇرىقىنى پۇرايدۇ، ئەگەر بىر يامانلىقنى نىيەت قىلسا، بەتبۇي پۇرىقىنى پۇرايدۇ.» نەتىجە شۇكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ بەزى كىشىلەرنى بىر كىشىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەردىن خەۋەردار قىلىشقا قادىر قىلغىنىدەك، پەرىشتىلەرگە بەندىنىڭ كۆڭلىدىكىلەرنى بىلدۈرۈشكە قادىردۇر. بەزىدە ئاللاھ تائالا بەزى ئىنسانلارغا ئىنساننىڭ قەلبىدىكى ئىشلارنى بىلدۈرىدۇ، بەندىگە مەسئۇل پەرىشتە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بەندىنىڭ قەلبىدىكى ئىشنى بىلدۈرۈشىگە تېخىمۇ بەك لايىقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ونَحْنُ أقْرَبُ إلَيْهِ مِن حَبْلِ الوَرِيدِ﴾{بىز ئىنسانغا ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز.} ھەقىقەتەن بۇ ئايەتتە پەرىشتىلەر مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرنى بەندىنىڭ كۆڭلىدىن كەچكەنلىرىدىن خەۋەردار قىلىدۇ، خۇددى ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقاندەك:«ھەقىقەتەن پەرىشتىنىڭ بىر مەقسىتى ۋە شەيتاننىڭ بىر مەقسىتى بار، پەرىشتىنىڭ مەقسىتى ھەقنى تەستىقلاش ۋە ياخشىلىقنى ۋەدە قىلىشتۇر، شەيتاننىڭ مەقسىتى بولسا ھەقنى ئىنكار قىلىش ۋە يامانلىقنى ۋەدە قىلىشتۇر.» ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا پەرىشتىلەردىن بىر ھەمراھ، جىندىن بىر ھەمراھ ۋەكىل قىلىندى» دېۋىدى، ساھابىلەر: «سىلىگىمۇ شۇنداقمۇ، ئى رەسۇلۇللاھ؟» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «مەن بۇنىڭ سىرتىدا، ئاللاھ جىنغا قارشى ماڭا ياردەم قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مېنى پەقەت ياخشىلىققىلا بۇيرۇيدۇ» دېدى. دېمەك، بەندە نىيەت قىلغان بىر يامانلىق شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بولسا، شەيتان ئۇنى بىلىدۇ. بەندە نىيەت قىلىدىغان ياخشىلىق ئەگەر پەرىشتىنىڭ ئىلھامى بولسا، پەرىشتە ئۇنى بىرىنچى بولۇپ بىلىدۇ. ئەگەر پەرىشتە بۇنى بىلسە، ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى خاتىرلەيدىغان پەرىشتىلەرنىڭ بىلىشىمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. (مجموع الفتاوى لابن تيمية، ٤ / ٢٥٤)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تارقاتتى | mujtehid.com
پەتىۋانىڭ ئەرەپچە مەنبەسى: