يامان ئىشلاردىن توسۇش ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش جۈملىسىدىندۇر | ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

يامان ئىشلاردىن توسۇش ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش جۈملىسىدىندۇر | ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

سوئال: دىندا مۇستەھكەم تۇردىغان بىر تۈركۈم ياشلار ئائىلىلەرگىچە سىڭىپ  كىرىپ، كىشلەرنىڭ قەلىپلىرنى بۇزۇۋاتقان مۇنكەرگە (ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ئىشلارغا)  قارشى تۇرغانلىقى سەۋەبلىك،  ئۆز ئۆيلىرىدىمۇ (ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەرىپىدىن) قارشىلىقلارغا  ئۇچرىماقتا. بۇنداق ياشلارغا قانداق تەۋسىيەلىرى بار؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھىجرىيە 1420-يىلى؛ مىلادى 1999-يىلى)

جاۋاپ: پىتنە، پاساتقا تۇشۇپ كەتكەن، سەبىر قىلىشقا  مەجبۇر بولۇپ قالغان  بىر  زاماندا  ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ياشلار ۋە باشقا دەۋەتچىلەر  ئۇرۇق -تۇغقانلىرى تەرپىدىن كەلگەن  ئىمتىھان، سىناقلارغا  سەبىر  قىلشى، (ھەق ئۈسىتىدە) تاقىتنىڭ يېتىشچە  تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە بۇ دەۋەت  يولىدا  ئاللاھتىن ياردەم  تەلەپ  قىلشى كېرەك بولىدۇ. 

 ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققە دەۋەت قىلغۇچىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل  قىلمىغان ۋە مۇنكەردىن (ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ئىشلاردىن) قول ئۈزمىگەن  ۋاقىتتا،  ئايرىلىپ ياشاشقا قۇربىتى يەتسە  ئايرىلىپ ياشىىشى؛ ئەگەر  ئايرىلىپ ياشاشقا قۇربىتى يەتمىسە مۇنكەردىن (ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ئىشلاردىن)  تۇسۇشقا  تىرىشچانلىق  كۆرسىتىشى  ۋە ھەر دائىم ئاللاھتىن قورقۇپ، ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىشى  كېرەك.

مۇنكەرگە (ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ئىشلارغا) قارشى  تۇرۇشنىڭ  مەرتىۋىسى قولى بىلەن  قارشى تۇرۇش، تىلى بىلەن قارشى تۇرۇش  ۋە قەلىىبىدە ئۆچ  كۆرۇشتىن  ئىبارەت  ئۈچ مەرتىبىدىن ئىبارەتتۇر.  

كىشى ئائىلىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى ئۆزىنىڭ قولىدا بولۇپ،  پىلانلىغان ئىشلىرنى يۈرگۈزەلەيدىغان چاغدا  مۇنكەرنى (ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ئىشلارنى) قولى  بىلەن توسۇپ، تۈزۈتىشى كېرەك بولىدۇ. ئائىلىنىڭ  باشقۇرۇش ھوقوقى  دادىلىرنىڭ ياكى  چوڭ قېرىنداشلىرنىڭ ئىگدارچىلىقىدا بولسا،  مۇنكەردىن (ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ئىشلاردىن) تاقىتى يەتكەن رەۋىشتە  تىلى  بىلەن  تۇسۇشى كېرەك بولىدۇ. ئەگەر (ئائىلىدىكىلەر) قوبۇل  قىلمىسا قەلبىدە ئۆچ كۆرۈشى،  ئايرىلىپ ياشاشقا  قۇربىتى يەتسە  ئايرىم  ئۆي تۇتۇپ  ياشىشى كېرەك. چۈنكى، مۇشۇنداق قىلىش ھاياتلىقتا قىلىنغان جىھادتۇر. شۇڭا، كىشى سەبر  قىلشى ۋە  تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى  لازىمدۇر. بۇ  ھەقتە  جانابى  ئاللاھ  مۇنداق  دېگەن: «تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھتىن  قورقۇڭلار.» (تەغابۇن  سۈرىسى،  16 ئايىتىنىڭ  بىر قىسمى)

سوئال: مۇشۇ  ئىشلارنى  قىلىش  ئاللاھ  يولىدا  جىھاد  قىلىش ھېسابلىنامدۇ؟

جاۋاپ: مۇنكەرنى (ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ئىشلارنى) توسۇش ئاللاھ  يولىدا جىھاد قىلىش جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىدە شەك يوقتۇر. 

مۇجتەھىد تورى تەجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com  

مەنبە: شەيىخ ئىبنى بازنىڭ  مەجمۇئۇل پەتىۋا ناملىق ئەسىرى

ئەرەپچە ئۇلىنىشى:

 https://binbaz.org.sa/fatwas/975/الحث-على-الصبر-في-الدعوة-الى-الله

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ