ئايەتنى قەغەزگە ياكى چىنىگە يېزىپ، شىپا تېپىش مەقسىتىدە سۈيىنى ئىچىشنىڭ ھۆكمى
پەتىۋادا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئاتالغۇنىڭ ئىزاھاتى:
(1) رۇقىيە – «قۇرئان ۋە سۈننەتتە بەلگىلەنگەن دۇئا ۋە ئايەتلەر بىلەن شەرئىي داۋالاش» دېگەن مەنىدە.
(2) رۇقىيە ئوقۇغۇچى – «قۇرئان ۋە سۈننەتتە بەلىگىلەنگەن دۇئا ۋە ئايەتلەرنى داۋالاش مەقسىتىدە كېسەلگە ئوقۇغۇچى» دېگەن مەنىدە.
سوئال: كېسەلنىڭ ئىچىشى ئۈچۈن، قۇرئان ئايەتلىرىنى زەپە بىلەن يېزىپ، زەپە بىلەن يېزىلغان شۇ ئايەتلەرنى سۇدا ئېرىتىكەندىن كېيىن، كېسەلنىڭ ئىچىشى ئۈچۈن بېرىش توغرا رۇقىيە) جۈملىسىدىن سانىلامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلكەرىم ئەلخۇدەير
جاۋاب: رۇقىيەدىكى توغرا ئۇسۇل، رۇقىيە ئوقۇغۇچىنىڭ كېسەلگە بىۋاستە سۈفلىشىدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن (رۇقىيە ئوقۇپ) سۇغا سۈپلەپ، رۇقىيە ئوقۇلغان سۇنى كېسەلگە بەرگەنلىكى ھەققىدە رىۋايەت كەلگەن. قەغەزلەرگە ئايەت يېزىشتىن بەدەنگە ئېسىش ئەمەس، (يېزىلغان ئايەتنى) سۇغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچىش بولغان تەقدىردە، ئېنىقكى بۇ خۇددى سۇغا رۇقىيە ئوقۇغان ۋە سۈپلىگەنگە ئوخشاش مەسىلە بولۇپ، بۇنداق قىلىشتا ھېچقانداق خاتالىق يوق، ئاللاھ خالىسا.
[ئەھلى ئىلىم مۇشۇ مەسىلىدە ئىختلاپلاشقان بولۇپ، بەزى ئەھلى ئىلىملەر بۇنى ھارام دېگەن، بەزىلىرى بىدئەت دېگەن، بەزى ئالىملار بولسا -يۇقىرىقى پەتىۋادىكىدەك-دۇرۇس دېگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ خىل مەسىلىلەردە ئالىملار ئارىسىدىكى ئوخشىمىغان ھۆكۈملەر يۈزىسىدىن ئۆز-ئارا ئاداۋەتلىشىپ يۈرمەي، مەسىلىگە بىراز كەڭ مۇئامىلە قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.]
مۇجتەھىد تورى تارقاتتى | mujtehid.com
پەتىۋانىڭ ئەرەپچە مەنبەسى: