ئاشۇرا روزىسى ھەققىدە مۇھىم پەتىۋا | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن

ئاشۇرا روزىسى ھەققىدە مۇھىم پەتىۋا | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن

   442-سوئال: ئاشۇرا كۈنى روزىسىنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟

   پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھىجرىيە 1422-يىلى، مىلادى 2001-يىلى)

   جاۋاب: (ئاشۇرا كۈنى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10-كۈنىدۇر.) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە كەلگەن ۋاقىتتا يەھۇدىيلارنىڭ مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10-كۈنى روزا تۇتىغانلىقىنى كۆرۈپ «مەن مۇسا ئەلەيھىسالامغا سىلەردىن بەكراق مۇناسىپ ۋە سىلەردىن بەكراق يېقىنمەن» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتتى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى. (بۇخارى2004، مۇسلىم1130) بۇخارى ۋە مۇسلىم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتاتتى ۋە ئۇ كۈندە روزا تۇتۇشقا بۇيرۇيتى. رەسۇللۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا سورالغاندا، «ئاشۇرا كۈنى تۇتۇلغان روزا ئۆتكەن بىر يىلدىكى گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ» دېگەن. (مۇسلىم444)

   رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرا كۈنىگە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر كۈننى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر كۈننى قوشۇپ روزا تۇتۇشقا؛ يەنى، مۇھەررەم ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى بىلەن ئونىنچى كۈنى، ياكى مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنى بىلەن ئون بىرىنچى كۈنى روزا تۇتۇش ئارقىلىق يەھۇدىيلارغا قارشى يول تۇتۇشقا بۇيرىغان.

   شۇ ۋەجىدىن، ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇش بىلەن بىرلىكتە ئاشۇرا كۈنگە قوشۇپ بىر كۈن ئىلگىرى ياكى بىر كۈن كېيىن تۇتۇش تېخىمۇ پەزىلەتلىك. مۇھەررەمنىڭ توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى كۈنى روزا تۇتۇش، مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى ۋە ئون بىرىنچى كۈنى روزا تۇتۇشتىن تېخىمۇ پەزىلەتلىكتۇر. (مەنبە: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ «ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىغا ئالاقىدار پەتىۋالار» ناملىق كىتابىدىكى 442-نومۇرلۇق پەتىۋا)

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ