ئاللاھ نازىل قىلغان (شەرىئەت) بويىچە ھۆكۈم قىلمىغۇچى كاپىرمۇ؟| ئەللامە ئىبنى باز

ئاللاھ نازىل قىلغان (شەرىئەت) بويىچە ھۆكۈم قىلمىغۇچى كاپىرمۇ؟| ئەللامە ئىبنى باز

سوئال:

ئاللاھ نازىل قىلغان (شەرىئەت) بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان ھۆكۈمرانلار كاپىر ھېسابلىنامدۇ؟ ئەگەر بىز ئۇلارنى مۇسۇلمان دېسەك، ئۇنداقتا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى ھەققىدە نېمە دەيمىز؟

«كىملەركى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر». -مائىدە سۈرىسى، 44- ئايەت

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

جاۋاپ:

ئاللاھ نازىل قىلغان (شەرىئەت) بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان ھۆكۈمرانلار بىر قانچە قىسىمغا بۆلنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرى ئېتىقادى ۋە ئەمەللىرىگە ئاساسەن ئوخشىمايدۇ.

كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان (شەرىئەت) نىڭ غەيرىنى، ئاللاھنىڭ شەرئىتىدىن ياخشى دەپ قاراپ شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم چىقارسا، ئۇنداقتا ئۇ بارلىق مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ بىردەك قارشى بىلەن كاپىر بولىدۇ.

شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ شەرئىتىنىڭ ئورنىغا ئىنسانلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن يەرلىك قانۇنلار بىلەن ھۆكۈم چىقارغان ۋە شۇنداق قىلىشنى جائىز دەپ قارىغان كىشىمۇ كاپىر بولىدۇ. گەرچە ئۇ: شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم قىلىش ئەۋزەل (ئەڭ ياخشى) دەپ قارىسىمۇ، ئۇ يەنىلا كاپىر بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال سانىدى.

ئەمما ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنىڭ غەيرى بىلەن ھۆكۈم چىقارسا ئاللاھقا ئاسىي بولدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ھاۋايى – ھەۋىسىگە بېرىلىپ ياكى پارا ئالغانلىقى سەۋەپلىك ياكى جاۋاپكار (ھۆكۈم چىقىرىلغۇچى) بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئاداۋەت تۈپەيلى ۋە ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى ئاللاھ نازىل قىلغان (شەرىئەت) نىڭ غەيرى بىلەن ھۆكۈم چىقارغۇچىغا كەلسەك، ئۇ بۇ قىلمىشى سەۋەپلىك ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ. لېكىن ئىسلامدىن چىقىپ كەتمەيدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما، تاۋۇس ۋە سەلەپ-سالىھلارنىڭ بىر بۆلىكىدىن بۇنداق ئىشنى قىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولمايدىغانلىق ئەمما چوڭ گۇناھتىنمۇ ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغانلىقىن بايان قىلىنغان. ھەم بۇ قاراش ئەھلى ئىلىملاردىن بىلىنگىنىدۇر.

ئاللاھ توغرىغا يەتكۈزگىچىدۇر

پەتىۋادا: ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

مەنبە: مجموع فتاوى ومقالات الشيخ ابن باز: 4/416

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ