قۇرئان ئايىتىنى ياكى ھەدىسنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى | ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز

قۇرئان ئايىتىنى ياكى ھەدىسنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى

 

سوئال:

مەلۇم بىر رادىئودا پروگراممىسىدا، شەيخلەردىن بىرى ئېيتتىكى:

قۇرئان كەرىمنىڭ بىر ئايىتىنى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ، ئەمما ھەدىسكە ئىشەنمەيدىغان ياكى ئۇنى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولمايدۇ.

شەيخ ھەزرەتلىرى، بۇ سۆزگە دەلىل-ئىسپات بىلەن قانداق قارايلا؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

 

جاۋاب:

ئايەتلەرگە كەلسەك، شەك-شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ. كىمكى قۇرئاننى ياكى قۇرئاننىڭ بەزى قىسمىنى ئىنكار قىلسا، مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن كاپىر بولىدۇ. چۈنكى قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكى ھېچقانداق مۇلاھىزە تەلەپ قىلمايدىغان كەسكىن ھەقىقەتتۇر.

ئەمما ھەدىسكە كەلسەك، ئۇنى تەپسىلىي بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

بىرەر شۈبھە ۋە ياكى ئۆلىملار تەرىپىدىن ئەيىپلەش بولمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيتقانلىقى ياكى قىلغانلىقى ئېنىق بولغان سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلغۇچى بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشى بىلەن كاپىر بولىدۇ.

ئەمما ئۆلىملار ئوتتۇرىسىدا (زەئىپ ياكى يالغان دەپ) ئىختىلاپ بار ۋە (سەھىھلىكىدە) كۆز – قاراش بىردەك بولمىغان ھەدىسلەرگە كەلسەك، مانا بۇ مۇنازىرە قىلنىدىغان ئورۇن بولۇپ، بۇنى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولمايدۇ.

ھەدىسنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىر بولمايدۇ، دەپ مۇتلەق دىيىش باتىل قاراش بولۇپ، مۇتلەق ھالدا بۇنداق دىيىش دۇرۇس ئەمەس، بەلكى ئۇنى تەپسىلىي بايان قىلىش لازىم.

ئاللاھ پەيغەمبەرگە قۇرئاننى ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشى بولغان سۈننەتنى بەردى.

ئەمما رىۋايەت قىلغۇچىلىرىدا مەسىلە بولغانلىقى سەۋەپلىك ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولغانلىقىغا قارىتا شۈبھە بولغان ياكى بەزى رىۋايەت قىلغۇچىلىرىغان قارىتا ئۆلىمالارئوتتۇرسىدا دە-تالاش ياكى كۆز- قاراش ئوخشاش بولمىغان قىسمەن ھەدىسلەرگە كەلسەك، مانا بۇ مۇنازىرە قىلنىدىغان (تەپسىلات كېرەك بولغان) ئەھۋالدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سادىر بولغانلىقى تونۇشلۇق سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلغان كىشىغا كەلسەك، ئۇ كاپىر بولىدۇ. شۇنداقلا سۈننەتنى ئىنكار قىلىپ، سۈننەتكە تايىنىلمايدۇ، قۇرئاننىڭ ئۆزى يېتەرلىك دىگەن كىشىمۇ كاپىر بولىدۇ، ئاللاھ بىزنى بۇنداق دىيىشتىن ساقلىسۇن.

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تارقاتتى | mujtehid.com

مەنبە:

https://binbaz.org.sa/fatwas/1809/حكم-من-انكر-اية-قرانية-او-حديثا-نبويا?fbclid=IwAR0KFb0MxNePMfOeIKIaWsExrNBmbTduHTQ-EkA3kdsqKyowR8eAoc0E-Ck

 

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ