نامازنى بەزىدە ئوقۇپ بەزىدە ئوقۇمايدىغان كىشى كاپىرمۇ؟ | ئەللامە ئىبنى باز

نامازنى بەزىدە ئوقۇپ بەزىدە ئوقۇمايدىغان كىشى كاپىر بولامدۇ؟ | ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

سوئال: پەرز نامازنى بەزىدە ئوقۇپ، بەزىدە تەرك ئېتىدىغان، يەنى بامداتنى ئوقۇپ، پېشىننى ياكى ئەسىرنى تەرك ئېتىدىغان، شۇنىڭدەك شامنى ئوقۇپ، خۇپتەن ۋە بامدات نامىزىنى تەرك ئېتىدىغان كىشىگە كاپىرنىڭ ھۆكىمى تەدبىقلىنامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

جاۋاپ: شۇنداق، ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلسا كاپىر بولمايدۇ. لىكىن ئۇ ھەمىشە نامازنى بەزىدە ئوقۇپ، بەزىدە تەرك ئەتسە، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ناچار ئەمىلىدىن تەۋبە قىلمىغۇچىلىك كاپىردۇر.

سوئال: بۇنداق بىرىنىڭ ئايالى تالاق بولامدۇ؟

جاۋاپ: ئەگەر ئىشقا مەسئۇل ھوقۇق ئىگىسى قادىر بولالىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئايالىنى ئايرىۋېتىدۇ.

– – –

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن:
بىر بۆلۈك سەلەپ (يەنى ساھابە، تابىئىن، ئىزباسار تابىئىن قاتارلىق ئۈچ ئەۋلاد مۇسۇلمان ئىماملار) ئىماملىرىدىن نامازنى ھورۇنلۇق سەۋەبلىك ئوقۇمىغۇچىنى دىندىن چىققان مۇرتەد كاپىر دەپ ھۆكۈم بەرگەن. ساھابە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇشۇ ھەقتە ھۆكۈم نەقىل قىلىنغان. ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن بۇ ھەقتىكى ئىككى ھۆكۈمنىڭ بىرىمۇ نامازنى ھورۇنلۇق قىلىپ ئوقۇمىغۇچىنىڭ، خوش ياقسا ئوقۇپ، خوش ياقمىسا ئوقۇمىغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدۇر. ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ قاتارلىق سەلەپ ئىماملىرىدىنمۇ مۇشۇ خىل ھۆكۈم نەقىل قىلىنغان. شافىي مەزھىپىگە مەنسۇپ بىر تۈركۈم ئۆلىمامۇ مۇشۇ ھۆكۈمدىدۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇر. [ئەسكەرتىش، يۇقىرىقىلىرى ئىمام نەۋەۋىنىڭ ئېسىدىكى مەلۇمات بولۇپ، بۇ بايانلاردىن ھەرگىزمۇ ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشقا ساھابىلەرنىڭ بۇ خىل كۆز قاراشتا ئەمەسلىكىنى ھۆكمى چىقمايدۇ. چۈنكى، چوڭ تابىئىنلاردىن شەقىق ئىبنى ئۇقەيلى «ساھابىلەردىن ھېچبىرى نامازنى تەرك ئېتىشتىن باشقا ئەمەلنى تەرك ئېتىشنى كاپىرلىق سانىمايتتى» دېگەن بولۇپ. بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى نەقىل قىلغان، مەزكۇر ئەسەر سەھىھتۇر. يەنە بىر جەھەتتىن، ئىمام نەۋەۋى سۆزنى ئۇزارتماسلىق ئۈچۈن مۇشۇ زاتلارنىڭ نامىنى ئۆرنەك سۈپىتىدە نەقىل قىلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئىمام شافىي سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ مۇقەددىسىمىدە «زامانىمىزدا ئىلىمگە رىغبەت ئازلاپ كەتتى، ئىلىم تالىپلىرىنىڭ ئەسەر ئوقۇش، مۇزاكىرە قىلىش جەھەتتىكى ھىممىتى تۆۋەنلەپ كەتتى، ئەگەر مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتمىغان بولسام سەھىھۇل مۇسلىمنى يۈز جىلد كىتاب ھالىتىدە شەرھلەشنى ئارزۇلىغان ئىدىم» دەپ، سەھىھۇل مۇسلىم ھەدىسلىرىنىڭ شەرھىنى مۇمكىنقەدەر قىسقا تۇتقانلىقىنى، سۆزنى ئۇزارتىۋەتمەسلىككە باشتىن ئاياق ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.-ت ]

ئىمام نەۋەۋى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، كۇفە فەقىھلىرىدىن بىر جامائەت ۋە ئىمام شافىينىڭ شاگىرتلىرىدىن مۇزەنى — ئاللاھ ھەر ئىككەيلەنگە رەھمەت قىلسۇن — نامازنى ھورۇنلۇق قىلىپ ئوقۇمىغۇچىنىڭ كاپىر بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆلتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە، ناماز ئوقۇمىغانلىقى ئۈچۈن جىسمانىي جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى، ئاندىن تاكى بەش ۋاخ نامازنى كامىل ئوقۇيدىغان ھالەتكە كەلگەنگە قەدەر تۈرمىگە قامىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

ئىمام نەۋەۋى يەنە مۇنداق دېگەن:

ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىدىن تەۋبە قىلىپ، ناماز ئوقۇشى  تەلەپ قىلىنىدۇ. تۆۋبە قىلسا ياخشى. ئەگەر تەۋبە قىلمىسا، توي قىلغان زىناخورنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدەك، ناماز ئوقۇمىغۇچى ئۆلتۈرىلىدۇ. ئەمما، ناماز ئوقۇمىغۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى قىلىچ بىلەن بولىدۇ. [ئىمام نەۋەۋىنىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە تۈگىدى.]

دىققەت قىلىش كېرەك بولغىنى، ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىنى كاپىر ئەمەس دېگەن ئالىملارمۇ، ئۇنى جىسمانىي جازاغا تارتىلىپ، تاكى بەش نامازنى كامىل ئوقۇيدىغان بولغانغا قەدەر تۈرمىگە قامىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم بەرگەن.

ناماز ئوقۇمىسا كاپىر بولمايدۇ، دەپ قويۇش ئارقىلىق، ناماز ئوقۇمىغۇچىلارنى تېخىمۇ غەپلەتتە قويۇشقا سەۋەب بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، ناماز ئوقۇسا كاپىر بولمايدۇ دەپ قارىغانلار ناماز ئوقۇمىغۇچى كاپىر ئەمەس دەپ ئالىملارنىڭ سۆزلىرىنى دەلىل كەلتۈرگەندەك، شۇ قاتاردا ئالىملارنىڭ «ناماز ئوقۇمىغان كىشى كاپىر ئەمەس، ئەمما، جىنايىتىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ئاللاھقا بولغان ئاسىيلىقىنىڭ ئۈستۈنلۈكى سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈلىدۇ» دېگەن ھۆكمىنىمۇ تەڭ كەلتۈرۈشى كېرەك بولىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «كىشىى بىلەن مۇشرىكلىق ۋە كاپىرلىق ئارىسىدا نامازنى تەرك ئېتىش بار» (مۇسلىم) ھەدىسى تالاش تارتىشسىز سەھىھ ھەدىستۇر. ئالىملار ئارىسىدىكى توغرا قاراش ھورۇنلۇق قىلىپ ناماز ئوقۇمىغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدۇر.

 

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

مەنبە:

https://binbaz.org.sa/fatwas/2632/حكم-من-يصلي-تارة-ويترك-تارة-اخرى