خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبلىك ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ھۆكمى | ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبلىك ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال:

ھەج قىلىپ بولۇپ، مىسىرغا قايتىشىمدىن ئىلگىرى خىزمەت ئېھتىياجىم تۈپەيلىدىن ساقىلىمنى چۈشۈرۈۋېتىش مەجبۇرىيىتىدە قالدىم. بۇنداق قىلىشىمنىڭ (شەرىئەتتىكى) ھۆكمى نېمە؟ ماڭا بۇ ھەقتە قانداق نەسىھەتلىرى بار؟ ئاللاھ سىلىنى گۈزەل مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلىسۇن.

پەتىۋا بەرگۈچى: پازىل ئۆلىما، ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھىجىرىيە 1420-، مىلادىيە 1999-يىلى)

جاۋاب:

مۇسۇلمان ئەر كىشىنىڭ ساقىلىنى كېسىشى ياكى چۈشۈرۈۋېتىشى ھارامدۇر.(1) ساقىلىڭىزنى چۈشۈرۈۋېتىشىڭىز دۇرۇس بولمايدۇ. ھالبۇكى، سىزگە پەرز بولغىنى ساقىلىڭىزنى كامىل قويۇشىڭىزدۇر. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قصوا الشوارب وأرخوا اللحى، خالفوا المشركين.»«بۇرۇتنى قىسقارتىڭلار، ساقالنى كامىل قويۇڭلار، مۇشرىكلارغا خىلاپ يول تۇتۇڭلار.» (ئىمام ئەھمەد 7092، ۋە باشقا مۇھەددىسلەر توپلىغان) باشقىلارغا ئىتائەت قىلىمەن دەپ خىزمەت ئېھتىياجىڭىز تۈپەيلى ساقال چۈشۈرۈۋېتىشتىن يىراق تۇرۇڭ.  رىزىقىڭىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:{كىمكى (شەرىئەتتىكى بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. ئۇنىڭغا ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان يەردىن رىزق بېرىدۇ.}(تالاق سۈرىسى، 3-،4-ئايەت) ئەگەر سىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ساقىلىڭىزنى چۈشۈرمىسىڭىز، ئاللاھ سىزنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان باشقا خىزمەتنى سىزگە ئاتا قىلىدۇ.

(شەيخ بىن باز پەتىۋالىرى ۋە ماقالىلىرى توپلىمى، 29-جىلد، 43-بەت)

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

نەقىل مەنبەسى:
(1) شەيخ بىن باز پەتىۋالىرى ۋە ماقالىلىرى توپلىمى، 29-جىلد، 45-بەت

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ