دىندا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش دېگەن نېمە؟ | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن

دىندا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش دېگەن نېمە؟ | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن

پەتىۋادا ئۇچىرايدىغان ئاتالغۇلارنىڭ ئىزاھاتى:

پاسىق — ھاراملاردىن قاچمايدىغان، دىندا ھارام قىلىنغان يامان ئىشلاردىن بىرىنى ياكى بىر تۈركۈمىنى ئاشكارا، يوشۇرۇن رەۋىشتە قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان مۇسۇلماندۇر.

سوئال: دىندا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش دېگەن نېمە؟

    پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

جاۋاب:

دىندا ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش دېگەنلىك بەندىنىڭ دىندا ئاشقۇنلىشىپ، ئاللاھ بەلگىلىگەن چەكلەردىن ھالقىپ كېتىشتىن ساقلىنىشىدۇر، شۇنداقلا بىخەستىلىك قىلىپ ئاللاھ قويغان بەلگىلىگەن بەلگىلىمىلەرنى كەم قالدۇرۇشىدىن ساقلىنىشىدۇر.

مەسىلەن بىر كىشى «مەن كېچىلىك ئىبادەت قىلىشنى خالايمەن، كېچىنىڭ ھېچبىر قىسىمىدا ئۇخلىمايمەن، چۈنكى ناماز ئەڭ پەزىلەتلىك ئىبادەتلەر جۈملىسىدىندۇر، مەن پۈتۈن كېچىنى ناماز ئوقۇپ ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇلايمەن» دېسە، بىز «بۇ كىشى ئاللاھنىڭ دىنىدا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتتى. ھەق ئۈستىدە ئەمەس» دەيمىز. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ۋەقەلىك يۈز بەرگەن بولۇپ، ساھابىلەردىن بىر نەچچەيلەن جەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى «مەن كېچىسى ئۇخلىماستىن ناماز ئوقۇيمەن» دېگەن، يەنە بىرى دائىم روزا تۇتىدىغانلىقىنى، بىر كۈنىنىمۇ روزىسىز كەچۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ يەنە بىرى بولسا، ئەسلا ئۆيلىنىپ خوتۇن ئالمايدىغانلىقىنى، ئايال كىشىگە يېقىن كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بۇنىڭ خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ زات مۇنداق دېگەن:«بەزى كىشىلەرگە نېمە بوپتۇ؟ ئۇلار مۇنداق، مۇنداق سۆزلەرنى قىلىشىپتۇ. مەن نامازنىمۇ ئوقۇيمەن، ئۇيقۇنىمۇ ئۇخلايمەن؛ روزىنىمۇ تۇتىمەن، روزا تۇتمايمۇ يۈرىمەن. ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىمەن. كىم مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مېنىڭ يولۇمدا ئەمەس.» (بۇخارى-ئەدەب كىتابى، 6101؛ مۇسلىم-نىكاھ كىتابى-1401) يۇقىرىقى ئۈچ كىشى دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن ئادا-جۇدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. چۈنكى، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ روزا تۇتۇش، ئىپتار قىلىش، ئىبادەت قىلىش، ئىبادەتتىن چارچىغاندا ئۇخلاش ۋە ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىش قاتارلىق سۈننەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەن.

ئەمدى، دىننى زايە قىلىۋەتكۈچىگە كەلسەك، بۇنىڭ مىسالىدىن بىرى، «مېنىڭ نەپلىگە ئېھتىياجىم يوق، مەن نەپلە ئىبادەت قىلمايمەن، پەقەت پەرز ئىبادەت بىلەن بولدى قىلىمەن» دېگەن، بەزىدە پەرزلەرنىمۇ زايە قىلىۋەتكەن كىشىدۇر. بۇنداق كىشى دىننى زايە قىلىۋەتكۈچى، دىننى كېمەيتىۋەتكۈچى دېيىلىدۇ.

دىندا مۆتىدىل-ئۇتتۇراھال يول تۇتقۇچى بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ راشىد خەلىپىلىرىنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە مۇنداق مىسال بېرەي. ئالدىدا پاسىق بىر ئادەم تۇرغان ئۈچ كىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. بۇ ئۈچەيلەندىن بىرى «مەن بۇ ساپىققا سالام قىلمايمەن، ئۇنى تەرك قىلىمەن، ئۇنىڭدىن ئۇزاق تۇرىمەن، ئۇنىڭ بىلەن گەپلەشمەيمەن» دېسە؛ ئىككىنچىسى «مەن بۇ كىشى بىلەن بىللە ماڭىمەن، ئۇنىڭغا سالام قىلىمەن، كۈلكە-چاقچاق قىلىشىمەن، ئۆيۈمگە دەۋەت قىلىمەن، مېنى چاقىرسا قوبۇل قىلىپ بارىمەن، مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ ياخشى كىشىدۇر» دېسە؛ ئۈچىنچىسى «مەن بۇ پاسىقنىڭ پاسىقلىقىنى يامان كۆرىمەن، ئەمما، ئىمانى سەۋەبلىك ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. ئەگەر مېنىڭ ئۇنى تاشلىۋېتىشىم ئۇنىڭ پاسىقلىقتىن يېنىشىغا ياردەمچى بولسا، ئۇنى تاشلايمەن، ئەگەر ئۇنى تاشلىۋېتىشىم سەۋەبلىك ئۇ تۈزىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، پاسىقلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرسا ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزمەيمەن» دېسە؛ بىز بۇ ئۈچ كىشىگە نىسبەتەن دەيمىزكى، بىرىنچىسى ئاشۇرىۋەتكۈچى (مۇفرىد) تۇر. ئىككىنچىسى كېمەيتىۋەتكۈچى، زايە قىلىۋەتكۈچىدۇر؛ ئۈچىنچىسى ئوتتۇرا يولدىدۇر، مۆتىدىلدۇر.

يەنە بىر مېسال بېرەي. بىر كىشى بار، ئۇ بىر خوتۇننىڭ ئەسىرىدۇر. خوتۇن ئۇنى نەگە خالىسا شۇ يەرگە ئېلىپ بارالايدۇ، ئۇ ئاشۇ خوتۇننىڭ ھېچبىر يامان ئىشىنى رەت قىلمايدۇ، ھېچبىر پەزىلەتكە ئۇنى تەشۋىق قىلمايدۇ. خوتۇن ئۇنىڭ ئەقلىگە ھاكىم بولغان ۋە ئۇنى باشقۇرىدىغان ھالغا كەلگەن.

يەنە بىر كىشى باركى، قوپال ۋە كىبىرلىكتۇر. خوتۇنىنى تۆۋەن كۆرىدۇ. خوتۇنىغا ئېتىبار بەرمەيدۇ. ئايالى بۇ ئەرنىڭ نەزىرىدە خىزمەتكارىدىنمۇ تۆۋەن ئورۇندىدۇر.

ئۈچىنچى كىشى باركى، بۇ مۆتىدىلدۇر. ئايالىغا ئاللاھ ئەمر، يەنى مۇنۇ ئايەتتىكىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ:«ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئۈستىدە ھەققى بولغىنىدەك، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلىرى ئۈستىدە ھەققى باردۇر» (بەقەرە سۈرىسى، 228-ئايەت) شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ ئەمر قىلغىنىدەك، يەنى مۇنى ھەدىستىكىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ «مۆمىن ئەر مۆمىن ئايالىنى ئۆچ كۆرمىسۇن. (چۈنكى) ئايالىنىڭ بىر خۇيىنى ياقتۇرمىسىمۇ، باشقا بىر خۇيىنى ياقتۇرىدۇ.» (مۇسلىم 1469)

يۇقىرىقى ئۈچ ئەردىن ئۈچىنچىسى مۆتىدىل ئەردۇر. باشتىكىسى ئايالىغا مۇئامىلە قىلىشتا بەك بوش، ئىككىنجىسى بولسا ھەددىدىن ئاشقۇچىدۇر. باقشا ئەمەل ۋە ئىبادەتلەرنى يۇقىرىقىدىكىلەرگە قىياس قىلالىۋالسىڭىز بولىدۇ.

(دەۋرىمىزدە ئىسلام شەرىئىتىدە بەلگىلەنگەن بىر تۈركۈم ئەمەللەرنى قىلغۇچىلار «ئاشقۇن» دەپ قارىلىدىغان بۇزۇق پىكىرلەر مۇسۇلمانلارنىڭ كاللىسىنى چۇلغىۋالدى. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللارغا ئوخشاپ قالماسلىق ۋە يارىتىلىش تەبىئىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك، مۇشرىك، كاپىرلارغا خىلاپ يول تۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن پەرز قىلغان «ساقالنى كامىل قويۇش» بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ كامىل ساقال قويغان ئەرلەر ھە دېسىلا بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئاشقۇن دەپ قارالدى؛ بىرەر ھارام ئىش قىلغۇچىنى قىلىۋاتقان ھارام ئىشىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى — مەيلى قانچىلىك چىرايلىق رەۋىشتە ئاگاھلاندۇرسۇن — تەتۈر تەقۋا، جاھىل دېگەندەك ھاقارەتلىك ناملار بىلەن يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا شەكىلدە ئازارلاندى؛ يۈزىنى ياپقان، قارا كىيىم كىيگەن ئاياللار ئاشقۇن ئاياللار دەپ، ھەتتا بەزى دىن بۇزارلار تەرىپىدىن دائىشنىڭ كىيىمىنى كەيگەنلەر دەپ تۆھمەتلەندى؛ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە چىڭ ئېسىلسام بولاتتى دەپ گەپ سۆزىگە، ئىش ھەرىكىتىگە ۋە يۈرۈش تۇرىشىغا دىققەت قىلىپ ياشايدىغان مۆمىنلەرگە جاھىل، خۇراپات، قالاق دەپ قارا چاپلاندى. بۇنداق بۇزۇق پىكىر-چۈشەنچىلەر تامامەن دىن دۈشمەنلىرى ۋە دىن تونىغا ئورىنىۋالغان مۇناپىقلار ئوتتۇرىغا چىقارغان پىتنىلەر بولۇپ، دىن دۈشمەنلىرى ۋە مۇناپىقلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئالدىنىپ، ھەق ئەھلىنى ئاشقۇنلۇق بىلەن ئەيىبلەيدىغان مۇسۇلمانلار ھەق ئەھلىنى ئەيىبلەش ۋە يامان كۆرۈشتە چىڭ تۇرغان مۇددەتچە بالا-مۇسبەتلەردىن قۇتىلالمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ياخشىغا ياخشى مۇكاپات بەرگۈچى، ياخشىغا دۈشمەن بولغۇچىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جازالىغۇچى زاتتۇر.

پاسىقلار ئاشقۇنلۇق دەپ قاراۋاتقان كامىل ساقال، كامىل ھىجاب، ناخشا-مۇزىكا، كىنو، ئويۇن-تاماشىلاردىن يىراق تۇرۇش، ھارامدىن يېنىپ، شۈبھىدىن قېچىش دىندا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇلارنى تەرك ئەتكۈچى مۇسۇلماننى ئاشقۇنلۇق بىلەن قارىلىغۇچى ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ كۆيۈپ، يوق بولۇپ كېتىشىدىن قورقسۇن.

قۇرئان ۋە ھەدىستىكى بۇيرۇق-چەكلىمىلەرگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكۈچى مۇسۇلمان سائادەتمەن مۇسۇلمانلارنى ئاشقۇنلۇق بىلەن سۈپەتلىگۈچىلەرنىڭ قەلبىدە نىفاق باردۇر. نىفاق ئەھلى ئاللاھنىڭ ئازابىغا بەكمۇ يېقىندۇر. ئاللاھتىن ئىككىلى دۇنيانىڭ بەخت-سائادىتىنى سورايمىز.)

(ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن، «ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى ھەققىدىكى پەتىۋالار»، ئەقىدە بابى، 7-سوئالنىڭ جاۋابى)

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ