سالمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
ئىمام بۇخارى ئەبۇ ئوسماندىن نەقىل قىلىدۇكى، سەلمان فارىسىينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئون بىر خوجايىننىڭ قولىدىن يەنە بىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، جەمئىي ئون نەچچە خوجايىنغا قۇللۇق قىلغانكەن. (بۇخارى3946)
ئىمام ئەھمەد ئۆزىنىڭ مۇسنەد ئەھمەد ناملىق مەشھۇر ھەدىس كىتابىنىڭ سالمان فارىسى بابىدا مۇنۇ سەھىھ ھەدىسنى نەقىل قىلغان:
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ:
سالمان فارىسى ماڭا ئۆز ئاغزى بىلەن مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن ئىدى:
(سالمان فارىسى مۇنداق دەيدۇ:)
مەن ئىسفاھاننىڭ جەي كەنتىدىن بولۇپ، ئاتام شۇ كەنىتنىڭ بېگى ئىدى. ئاتام ماڭا شۇنداق ئامراق ئىدىكى، ھەتتا مېنى ئۆزىگە خاس (مەجۇسىي) ئىبادەتخانىسىغا خۇددى قىزلارنى سىرتقا چىقارماي ئۆيگە سولاپ قويغاندەك (ھېچيەرگە چىقارماي) سولاپ قوياتتى. شۇڭا مەن مەجۇسىيلىققا ئوت پىلىكىنى تۇتاشتۇرالايدىغان سەۋيىگە يەتكەنىدىم. ئاتامنىڭ نۇرغۇن ئېكىنزارلىقى بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇ قۇرلۇش ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ قېلىپ، ماڭا:
— ئى ئوغلۇم! بۈگۈن قۇرلۇش ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئېتىزغا قارىيالماي قالدىم، سەن بېرىپ قاراپ كەلگىن- دېدى ۋە ماڭا قىلىشقا تېگىشلىك بەزى ئىشلارنى تاپىلىدى. مەن ئېتىزغا كېتىۋېتىپ، بىر چېركاۋنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدىم. ئاتام مېنى سولاپ قويغانىقى ئۈچۈن جەمىيەتتىكى ئىشلاردىن بىخەۋەر قالغان ئىدىم. چېركاۋغا قىزىقىپ، ئىچىگە كىردىم ۋە ئۇلار ئوقۇۋاتقان دوئا (ناماز)غا قىزىققىپ تۇرۇپ قالدىم. كۆڭلۈمدە:«ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بۇ دىن بىزنىڭ دىنىمىزدىن ياخشىكەن» دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئېتىزلىقنىمۇ ئۇنتۇپ، كەچ كىرگىچە ئۇلارغا قاراپ تۇردۇم. ئۇلاردىن:
— بۇ دىننىڭ ئەسلى قەيەردە؟- دەپ سورىغانىدىم، ئۇلار:
— شامدا،-دېيىشتى. ئۆيگە قايتىپ بارسام، ئاتام مېنى ئىزدەشكە ئادەم ئەۋەتكەن ئىكەن. مەندىن ئەنسىرەپ تىت-تىت بولپ تۇرغان ئاتام مېنى كۆرۈپ:
— ئى ئوغلۇم! قەيەردە يۈردۈڭ؟ مەن سېنى ئىشقا بۇيرىمىغانمۇ؟-دەپ سورىدى. مەن:
— ئى ئاتا! مەن چىركاۋدا ناماز ئوقۇۋاتقان كىشلەرنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىبادىتىگە قىززىققىنىمدىن، كەچ كىرگىچە شۇلارغا قاراپ قاپتىمەن،-دېسەم،ئاتام:
— ئى ئوغلۇم ئۇ دىندا خەير يوق. ئۆزۈڭنىڭ ئاتا بوۋىلىرىڭنىڭ دىنى ئۇ دىندىن ئەۋزەل،- دېدى، مەن:
— ياق. تەڭرىنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇ دىن بىزنىڭ دىنىمىزدىن ياخشىراق ئىكەن،-دەپ (چىڭ) تۇرۋالدىم. بۇنى ئاڭلىغان ئاتام مەندىن ئەنسىرەپ پۇتۇمغا زەنجىر سېلىپ ئۆيگە سولاپ قويدى. (مەن بىر كۈندۈز ۋاقتىمنى ئۆتكۈزگەن ئاشۇ خىرستىئان چېركاۋىدىكى) خىرىستىئانلا ماڭا ئادەم ئەۋەتكەنىكەن، ئۇلارغا:
— شام تەرەپتىن تىجارەتچىلەر كارۋىنى كېلىپ قالسا، ماڭا خەۋەر قىلىڭلار!-دېدىم. كۆپ ئۆتمەي، ئۇلار شامدىن خىرىستىئان تىجارەتچىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. مەن:
— ئۇلار ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، دىيارلىرىغا قايتماقچى بولغاندا ماڭا خەۋەر يەتكۈزۈڭلار دېدىم. تىجارەتچىلەر قايتىدىغان كۈنى ماڭا خەۋەر يەتكۈزۈلدى. دەرھال پۇتۇمدىكى زەنجىرنى ئېلىۋېتپ، ئۇلار بىلەن بىللە شامغا يۈرۈپ كەتتىم. شامغا بارغاندىن كېيىن:
— بۇ دىننىڭ ئەڭ كاتتا ئۆلىماسى كىم؟-دەپ سورىغانىدىم، ئۇلار:
— پالانى چىركاۋدىكى پوپ،-دېيىشتى. ئۇ پوپنىڭ قېشىغا بېرىپ:
— مەن بۇ دىنغا قىززىقىپ قالدىم. شوڭا سېنىڭ قېشىڭدا تۇرۇپ، خىزمىتىڭنى قىلغاچ تەلىم ئالسام،- دېدىم. پوپ:
— بولىدۇ، قېنى كىرگىن!-دەپ ئىچكىرگە باشلىدى. (شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدىم. لېكىن،) بۇ پوپنىڭ ئەخلاقى بەكلا ناچار ئىدى. خەلقنى سەدىقە-زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتى، خەلق بەرگەن زاكاتنى بىچارە-مىسكىنلەرگە بەرمەي، ئۆز چۆنتىكگە سالاتتى. ئۇنىڭ قىلمىشىدىن بەكلا يىرگەندىم. كېيىن ئۇ ئۆلۈپ كەتتى، خىرىستىئانلار يىغىلىپ، ئۇنى دەپنە قىلماقچى بولغانىدى، مەن ئۇلارغا:
— بۇ بەكمۇ ناچار ئادەم ئىدى، سىلەرنى سەدىقە بېرىشكە بۇيرۇيتتى، ئەمما سىلەر بەرگەن نەرسىلەرنى بىچارە مىسكىنلەرگە بەرمەي، ئۆز چۆنتىكىگە سالاتتى،- دېدىم. ئۇلار:
— قانداق ئىسپاتىڭ بار؟- دەپ سوراشتى.
— سىلەرگە ئۇنىڭ مال- دۇنيالىرىنى كۆرسىتىپ قوياي، دېسەم، ئۇلار:
— قېنى كۆرسەت!-دېيىشتى. ئۇلارنى مال-دۇنيا ساقلانغان يەرگە ئېلىپ كىردىم. ئۇ يەردىن ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن لىق تولغان يەتتە كوزا چىقتى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ:
—ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ئادەمنى ھەرگىز دەپنە قىلمايمىز،-دېيىشتى. ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ جەسىتىنى دارغا ئېسىپ، چالما كېسەك قىلدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا كىشىنى تەيىنلەشتى. ئۇ كىشى كېچە-كۈندۈز ئىبادەتتە چىڭ تۇرىدىغان بىرى ئىكەن. مەن ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆردۈم. بۇرۇنقى پوپنى ئۇنداق ياخشى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۆلۈمى يېقىنلاشقاندا:
— ئى پالانى! مەن سەن بىلەن بىللە تۇرۇپ، سېنى ئىنتايىن ياخشى كۆردۈم، بۇرۇنقى پوپنى ئۇنداق ياخشى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. مانا ئەمدى ساڭا ئاللاھنىڭ ئەجىلى يېقىنلاپ كەلدى. شۇڭا، (سەندىن كېيىن) كىمنىڭ قېشىغا بېرىشىمنى تەۋسىيە قىلىسەن؟- دەپ سورىغانىدىم، ئۇ:
— ئى ئوغلۇم! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ ئېتىقادىمدا بىرەر كىشىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئۇنداق كىشلەر ئۆلۈپ، خەلق ئەسلى دىننى بۇرمىلاپ، دىننىڭ كۆپۈنچە قىسىمىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. لېكىن مۇسۇلدا بىر كىشى بار. ئەنە شۇ كىشى مېنىڭ يولۇمدا كېتىۋاتىدۇ. سەن شۇنىڭ قېشىغا بارغىن، -دېدى. ئۇ ۋاپات بولۇپ دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن، (ئۇ تەۋسىيە قىلغان) مۇسۇلدىكى كىشىنىڭ قېشىغا باردىم ۋە:
— ئى پالانى! ساڭا ئوخشاش ئېتىقاتتىكى پالانى كىشى ۋاپات بولۇش ئالدىدا سېنىڭ قېشىڭغا كېلىشىمنى تەۋسىيە قىلغانىدى، -دېگەنىدىم، ئۇ:
— ئۇنداقتا قېشىمدا تۇرغىن، -دېدى. مەن ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئۇستازىمدەك ياخشى كىشى ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. لېكىن ئۇمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي سەكراتقا چۈشۈپ قالدى. جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭدىن:
— ئى پالانى! پالانى كىشى سېنىڭ قېشىڭغا بېرىشىمنى تاپىلىغانىدى، مانا ساڭىمۇ ئاللاھنڭ ئەجىلى يەتتى، ئەمدى سەن كىمنىڭ قېشىغا بېرىشىمنى تەۋسىيە قىلىسەن؟- دەپ سورىغانىدىم،ئۇ:
— ئى ئوغلۇم! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن پەقەپ نۇسەيبىن شەھىرىدىكى بىر كىشىنىلا بىلىمەن، ئۇ پالانى بولىدۇ. شۇنىڭ قېشىغا بارغىن! -دېدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ، يەرلىكىگە قويۇلغاندىن كېيىن، نۇسەيبىن شەھىرىدىكى كىشىنىڭ قېشىغا باردىم. ئۇنۇڭغا ئۆز ئەھۋالىمنى ۋە ئۇستازىمنىڭ سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەردىم. ئۇ:
— ئۇنداقتا قېشىمدا تۇرغىن،- دېدى. ئۇمۇ ئالدىنقى ئۇستازىمدەك ياخشى كىشى ئىدى. لېكىن ئۇزۇنغا ئۆتمەي ئۇمۇ سەكىراتقا چۈشتى. جان ئۈزۈش ئالدىدا:
— ئى پالانى! پالانى سېنىڭ قېشىمغا كېلىشىمنى تاپىلىغانىدى. ساڭىمۇ ئاللاھنىڭ ئەجىلى يەتتى، ئەمدى سەن مېنى كىمنىڭ قېشىغا بېرىشىمنى تەۋسىيە قىلىسەن. مېنى نېمە ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيسەن؟ -دېسەم، ئۇ:
— ئى ئوغلۇم! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن بىزگە ئوخشاش ئېتىقادتىكى كىشلەردىن پەقەت ئەممۇرىيە شەھىرىدىكى بىر كىشىنىلا بىلىمەن، ئۇ پالانى بولىدۇ. خالىساڭ ئۇنىڭ يېنىغا بارغىن! -دېدى، ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن، ئەممۇرىيە شەھىرىدىكى كىشىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنۇڭغا ئۆز ئەھۋالىمنى ئېيتىپ، ئۇستازىمنڭ ئېيتقانلىرىنى يەتكۈزدۈم. ئۇ:
— ئۇنداقتا قېشىمدا تۇرغىن. -دېدى. ئۇ كىشىنىڭمۇ بۇرۇنقى ئۇستازىم بىلەن بىر يولدا ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قېشىدا ھۈنەر-كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر قانچە تۇياق قوي-كالىغا ئىگە بولۇپ قالدىم. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي ئۇمۇ سەكراتقا چۈشتى. ئۆلۈش ئالدىدا:
— ئى پالانچى! پالانى كىشى ماڭا سېنى تەۋسىيە قىلدى، مانا ئەمدى ساڭا ئاللاھنىڭ ئەجىلى يەتتى، سەن كىمنىڭ قېشىغا بېرىشىمنى تەۋسىيە قىلىسەن، نېمە ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيسەن؟ -دەپ سورىغانىدىم، ئۇ:
— ئى ئوغلۇم! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ ئېتىقاتقا ساھىب ھېچبىر كىشىنى بىلمەيمەن. لېكىن پات ئارىدا ئەرەپ دىيارىدىن بىر پەيغەمبەر چىقىدۇ. ئۇ ئىبىراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ دىنىدا بولىدۇ ۋە ئىككى سايلىق ئوتتۇرىسىدىكى خورمىزارلىق يۇرۇتقا ھجىرەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرى مۇنداق: ئۇ ھەدىيە قۇبۇل قىلىدۇ، لېكىن سەدىقە يېمەيدۇ. ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرسىدا پەيغەمبەرلىك مۆھىرى بار. ئەگەر شۇ دىيارلارغا بارالىغۇدەك بولساڭ، چوقۇم بارغىن. -دېدى. ئۇمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ دەپنە قىلىندى. ئەمۇرىيە شەھرىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدىم. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن كەلب قەبىلىسىنىڭ تىجارەت كارۋىنى (مەن تۇرغان جايغا) كەلدى. كارۋاندىكىلەرگە:
— سىلەرگە مۇشۇ قوي كالىلارنى بەرسەم، مېنى ئەرەپ دىيارىغا ئالغاچ كېتەمسىلەر؟-دېگەنىدىم، ئۇلار ماقۇل بولدى. مال-چارۋامنى بېرىپ، ئۇلار بىلەن يولغا چىقتىم. ئۇلار يول بويى ماڭا زۇلۇم قىلغاننى ئاز دەپ، ۋادى قۇراغا يېتىپ بارغاندا، مېنى يەھۇدىيلارغا قۇل ئورنىدا سېتىۋەتتى. مەن ۋادى قۇرادىكى خورمىزارلىقنى كۆرۈپ: «ئۇستازىم تەرىپلەپ بەرگەن دىيار مۇشۇ ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىدىم. لېكىن جەزىملەشتۈرەلمىدىم. ئىشلەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، خوجايىنىمنىڭ مەدىنىدىكى بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىلىك بىر نەۋرە تۇغقۇنى مېنى سېتىۋېلىپ، مەدىنىگە ئېلىپ كەتتى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەدىنىنى كۆرۈپلا ئۇستازىم سۈپەتلىگەن شەھەرنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنداق قىلىپ، مەدىنىدە تۇرۇشقا باشلىدىم. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئەۋەتتى. ئۇ خېلى مۇددەتكىچە مەككىدە تۇردى، مەن قۇل بولغاچقا، ئۇنىڭ خەۋەرىنى ئالالمىغان ئىدىم. ئاندىن مەدىنىگە ھېىرەت قىلىپ كەلدى. بىر كۈنى، خورما دەرىخى ئۈستىدە ئىشلەۋاتاتتىم. ئۇشتۇمتۇت خوجايىنىمنىڭ بىر نەۋرە قېرىنىدىشى كېلىپ:
— ئاللاھ قەيلە ئەۋلادى (يەنى خەزەرەج قەبىلىسى)نىڭ جاجىسىنى بەرسۇن. بۈگۈن مەككىدىن قۇباغا بىرى كەلدى. ھەممىسى يىغىلىپ، شۇنىڭ ئەتىراپىغا ئولىشىۋالدى. تېخى ئۇنى«پەيغەمبەر» دەپ ئاتىشىۋاپتۇ، -دېدى. ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ۋۇجۇدۇمنى تىتىرەك بېسىپ كەتتى -دە، خوجايىنىمنىڭ ئۈستىگە يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم. (دەھال) خورمىدىن چۈشۈپ:
— نېمە دېدىڭ، نېمە دېدىڭ؟ -دەپ قايتا-قايتا سورىدىم. خوجايىنىم غەزەپلىنىپ، مېنى مۇشت بىلەن بىرنى سېلىپ:
— سېنىڭ بۇ ئىش بىلەن نېمە كارىڭ، چىقىپ ئىشىڭنى قىل! -دېدى، مەن:
— مەن پەقەت ئۇنىڭدىن كەلگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ باقماقچى ئىدىم،-دېدىم. قولۇمدا يىغىپ قويغان ئازىراق خورما بار ئىدى. كەچ كىرگەندە ئۇنى ئېلىپ، قۇباغا باردىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھوزۇرىغا كىردىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە:
— مەن سېنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىڭنى ئاڭلىدىم. يېنىڭدا ھاجەتمەن ھەمراھلىرىڭ بار ئىكەن، مانا بۇ ئازغىنە نەرسىنى سەدىقىگە ئاتاپ قويغانىدىم، بۇلارنى سىلەرگە لايىق كۆرۈپ ئالغاچ كەلدىم،-دەپ، خورمىنى ئالدىغا قويدۇم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەمراھلىرغا:-سىلەر يەڭلار!- دېدى، لېكىن ئۆزى خورمىلارغا قول ئۇزاتمىدى. ئىچىمدە «مانا بۇ بىرىنچى ئالامىتى» دېدىم -دە، قايتىپ كەتتىم. كۆپ ئۆتمەي، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەدىنىگە كەلدى.
مەن يەنە ئازىراق خورما يىغىپ كېلىپ:
— مەن سېنىڭ سەدىقە يېمەيدىغانلىقىڭنى كۆردۈم، مانا ماۋۇ سېنىڭ ھۆرمىتىڭ ئۈچۈن ئەكەلگەن ھەدىيەم،-دېگەنىدىم، پەيغەمغەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن يېدى، ساھابىلىرنىمۇ يېيىشكە بۇيرىدى. كۆڭلۈمدە:«مانا بۇ ئىككىنچى ئالامىتى» دېگىنىمچە قايتىپ كەتتىم. كېيىنكى قېتىم بارغىنىمدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بەقىي قەبرىستانلىقىدا ساھابىلىرىدىن بىرىنى يەرلىككى قويۇۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئۇچىسىدا ئىككى تون بولۇپ، ساھابىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇراتتى. مەن ئۇنۇڭغا سالام قىلغاندىن كېيىن، ئۇستازىم تەرىپلەپ بەرگەن پەيغەمبەرلىك مۆھرىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن، ئايلىنىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتتۈم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مېنىڭ مەقسىتىمنى چۈشەندى بولغاي، ئۇچىسىدىكى توننى سېلىۋەتتى. مەن دۈمبىسىدىكى پەيغەمبەرلىك مۆھۈرنى كۆردۈم ۋە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئېتىپ، يىغلىغىنىمچە (دۈمبىسىگە) سۆيگىلى تۇردۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ماڭا:
— بۇ ياققا ئۆت!-دېدى، مەن ئالدىغا ئۆتۈپ خۇددى ساڭا (يەنى ئىبىنى ئابباسقا) سۆزلەپ بەرگىنىمدەك، كەچۈرمىشلىرىمى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردىم. پەيغەمبەرسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭمۇ بۇ كەچۈرمىشلىرىمنى ئاڭلىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدى.
مەن قۇل بولغانلىقىم ئۈچۈن بەدىر ۋە ئوھۇد غازاتلىرغا قاتنىشالماي قالدىم. كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا:
— ئى سالمان! خوجايىنىڭ بىلەن ئازادلىق كېلىشىمى تۈزگىن!-دېدى. مەن خوجايىنىم بىلەن 300 تۈپ خورما تىكىش ۋە 40 ئوقىيە ئالتۇن بېرىش بەدىلىگە ئازاد بولۇش ئۈچۈن كېلىشتىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرگە:
— قېرىندىشىڭلارغا ياردەم قىلىڭلار! -دېگەن ئىدى. بەزىلىر 30 تۈپ خورما، بەزىلىرى 20 تۈپ خورما، بەزىلىرى 15 تۈپ خورما، يەنە بەزىلىرى 10 تۈپ خورما ياردەم قىلىپ، 300 تۈپ كۆچەت يىغىپ بەردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:
— ئى سالمان! ئەمدى بېرىپ كۆچەتلىرىڭگە ئورەك كولىغىن، ئاندىن يېنىمغا كەل، كۆچەتلىرىڭنى ئۆز قولۇم بىلەن تىكىپ بېرەي!-دېدى. ساھابىلەر ئورەك كولىشىمغىمۇ ياردەم بەردى. ئورەك كولىنىپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەلەمگە خەۋەر بەردىم. ئۇ زات مەن بىلەن بىللە ئورەك كولىغان يەرگە باردى. بىز ئونىڭغا كۆچەتنى سۇنۇپ بەردۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر باشتىن تىكتى. مېنىڭ جېنىم قولى ئىلىكىدە بولغان زات ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، كۆچەتلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق تۇتتى. شۇنداق قىلىپ، كېلىشىمدىكى 300 تۈپ خورما كۆچىتىنى تولۇق تاپشۇرۇپ بەردىم. ئەمدى 40 ئوقىيە ئالتۇن قالغانىدى. پەيغەمغەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر غازاتتىن توخۇنىڭ تۇخۇمىچىلىك چوڭلۇقتا ئالتۇن كەلتۈرۈلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:
— سالمان فارىسىنىڭ ئازادلىق كېلىشىمى قانداق بولدى؟ -دەپ سورىدى ۋە مېنى ئالدىغا چاقىرىتىپ:
— ئى سالمان! ماۋۇنى ئېلىپ بوينۇڭدىكى قەرزىڭنى تۆلىۋەتكىن!-دېدى، مەن:
— مەن ئى رەسۇلۇللاھ! بۇنچىلىك ئالتۇن بىلەن بوينۇمدىكى قەرىزنى قانداقمۇ تۈگىتەلەيمەن؟-دېگەنىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:
— ئۇنى ئالغىن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن قەرزىڭنى چوقۇم تۆلىۋېتىدۇ،-دېدى. سەلماننىڭ جېنى ئىلىكىدە بولغان زاتنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ ئالتۇندىن 40 ئوقىيە تارتىپ، خوجايىنىمغا تاپشۇردۇم، ئاقىۋەتتە قۇللۇقتىن ئازادلىققا ئېرىشتىم. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن خەندەك غازىتىغا قاتناشتىم. شۇنۇڭدىن تارتىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشلىغان غازاتلارنىڭ ھەممىسىگە قاتناشتىم.
(ئەھمەد 23788، «ئەلكەبىر»:6065، سەھىھ)
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com