ئەبۇ زەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇش قىسسىسى
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئىمام مۇسلىم «سەھىھۇل مۇسلىم»دا مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان:
ئابدۇللاھ ئىبنى سامىتتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىزنىڭ قەۋمىمىز غىفار قەبىلىسى ھارام قىلىنغان ئاينىڭ (ھۆرمىتىنى ساقلىماي، ھارام ئېيىنى) ھالال قىلاتتى. شۇ ۋەجىدىن، مەن، ئانام ۋە قېرىندىشىم ئۇنەيىس قەۋمىمىزدىن ئايرىلىپ، تاغىلىرىمدىن بىرىنىڭ يېنىغا باردۇق. تاغام بىزنى ناھايىتى ئوبدان كۈتۈپ، ئىززەت-ئېكرام قىلدى. لېكىن قەۋىمى بىزدىن ھەسەت قىلىپ، تاغامغا:
— سەن سىرتقا چىقىپ كەتكەندە، ئۇنەيىس ئايالىڭ بىلەن يامان ئىش قىلدى،-دەپتۇ. تاغام ئۆيگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى بىزگە دەپ، بىزنى ئەيىبلىدى. مەن تاغامغا:
— سەن بىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرىڭنى يوققا چىقاردىڭ، بۇنىڭدىن ئېتىبارەن سېنىڭ يېنىڭدا تۇرمايمىز،-دېدىم. ئارقىدىن، تۆگىلىرىمىزنىڭ يېنىغا كېلىپ، يۈك-تاقلىرىمىزنى تۆگىلەرگە ئارتتۇق. شۇنىڭ بىلەن، تاغام كىيمىگە پۈركۈنۈپ يىغلاشقا باشلىدى. بىز يولغا چىقتۇق، ئاقىۋەتتە مەككىگە يېقىن بىر جايغا چۈشكۈن قىلىپ، قوندۇق. (بۇ يەردە) ئۇنەيىس باشقا بىرى بىلەن شېئىر ئوقۇشتا بەسلىشىش ئۈچۈن تۆگىلىرىمىزنى دوغا تىكىپ، ئۇنىڭ بىلەن شېئىر مۇسابىقىسىگە چۈشتى. ئاقىۋەتتە، ئۇ ئىككىسى (زادى كىمنىڭ ياخشى شېئىر توقۇيالىغانلىقىنى ئايرىش ئۈچۈن) بىر كاھىننىڭ يېنىغا كەتتى. كاھىن ئۈنەيسنىڭ (رەقىبىدىن) ياخشىراق شېئىر ئوقۇغىنىنى ئېيتىپتۇ. ئاقىۋەتتە، ئۈنەيىس شېئىر مۇسابىقىسىدە رەقىبىنى يېڭىۋالغاچقا، بىزنىڭ تۆگىلىرىمىزنىڭ باراۋىرىدىكى تۆگە بىلەن قايتىپ كەلدى.
(بۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلغان راۋى ئابدۇللاھ ئىبنى سامىت مۇنداق دەيدۇ، ئەبۇ زەر ماڭا) «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن يۈز كۆرۈشۈشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنلا ناماز ئوقۇشقا باشلىغانىدىم» دېۋىدى، مەن ئەبۇ زەردىن:
— كىم ئۈچۈن ئوقۇيتتىڭ؟-دەپ سورىسام، ئۇ:
— ئاللاھ ئۈچۈن ئوقۇيتتۇم،-دېدى.
— (نامازدا) قاياققا يۈزكەلتۈرەتتىڭ؟-دەپ سورىسام:
— ئاللاھ قاياققا يۈزلەندۈرسە، شۇ تەرەپكە قاراپ ئوقۇيتتىم. كېچىنىڭ ئاخىرىدا نامازغا تۇرۇپ، تاكى تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆتۈرۈلگەنگە قەدەر ناماز ئوقۇپ، بەئەينى كىيىم يەرگە يېپىشقاندەك سەجدە بىلەن بولاتتىم،-دېدى.
(ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ باشتىكى ۋەقەلىكنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:) قېرىندىشىم ئۈنەيىس:
— مېنىڭ مەككىدە ئىشىم بار. سەن مېنىڭ ئورنۇمدا بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرغىن،-دەپ، مەككىگە قاراپ تاكى مەككىگە يېتىپ بارغۇچە سەپىرىنى داۋام قىلدى. بىزنىڭ يېنىمىزغا قايتىپ كېلىشىمۇ كېچىكتى. (ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن) ئۇنىڭدىن:
— بۇ چاغقىچە نېمىش قىلدىڭ؟-دەپ سورىغانىدىم، ئۇ:
— مەن مەككىدە سېنىڭ دىنىڭغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر ئادەمنى ئۇچراتتىم. ئۇ ئۆزىنى ئاللاھ ئەۋەتكەن پەيغەمبەر دەپ ئاتايدىكەن،-دېدى. مەن:
— خەلقچۇ؟ خەلق ئۇنىڭغا قانداق قارايدىكەن؟- دەپ سورىدىم. ئۇنەيس شائىر ئىدى. ئۇ:
— خەلق ئۇنى شائىر، كاھىن، سېھرىگەر دېيىشىدىكەن. قەسەم بولسۇنكى، مەن كاھىنلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانمەن، ئۇنىڭ سۆزلىرى كاھىنلارنىڭكىگە پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى شېئىر، بېيىتلار ۋە ۋەزىنىلىرى ئارقىلىق دەڭسەپ كۆردۈم، بىراق، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ھېچبىر شائىر دەپ باققان ئەمەس. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇ راستچىل، خەلق يالغانچى ئىكەن،-دېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ:
— ئۇنداقتا، سەن مېنىڭ ئورنۇمدا تۇرۇپ تۇرغىن، مەنمۇ بېرىپ ئۇنى كۆرۈپ كېلەي،-دېدىم. ئاندىن مەككىگە باردىم. ئاندىن، كۆزۈمگە زەئىپراق كۆرۈنگەن بىر كىشىدىن:
— سىلەر «دىنىدىن يانغۇچى» دەپ ئاتايدىغان ھېلىقى كىشى قەيەردە؟-دەپ سورىشىم بىلەن. ئۇ مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
— ماۋۇ دىنىدىن يانغۇچىكەن،— دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەتراپتىكى كىشىلەر يىغىلىپ كېلىپ، قولىغا چىققان تاش-چالما، سۆڭەكلەر بىلەن مېنى ئۇر-ئۇر قىلىشقا باشلىدى، ئاقىۋەتتە ھوشۇمدىن كېتىپ يىقىلدىم. ھۇشۇمغا كەلگىنىمدە، ئۈستى-بېشىم قىپقىزىل قانغا بويالغان ئىكەن. ئورنۇمدىن تۇرۇپ، زەمزەمنىڭ يېنىغا باردىم ۋە ئۈستى بېشىمدىكى قاننى يۇدۇم. زەمزەم قۇدۇقىنىڭ سۈيىدىن ئىچتىم. ئې قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! ئوتتۇز كېچە-كۈندۈز زەمزەم سۈيىدىن باشقا يېمەكلىك يېمەي كۈن كەچۈردۈم. شۇنداق تۇرۇقلۇق، قورساقلىرىم بەلدەم بەلدەم بولغۇدەك دەرىجىدە سەمىرىپ كەتتىم. (بۇ جەرياندا) پەقەتلا ئاچلىق ھېس قىلمىدىم.
بىر ئايدىڭ كېچىسى ئىدى، مەككىلىكلەر ئايدىڭدا ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ، ئىككى ئايالدىن باشقا، كەئىبىنى تاۋاپ قىلىۋاتقان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. بۇ ئىككى ئايال ئىسافە ۋە نائىلە دېگەن ئىككى بۇتقا دۇئا قىلىۋاتاتتى. ئىككىسى تاۋاپ جەريانىدا مېنىڭ يېنىمغا كەلگەندە، ئۇلارغا:
— بۇ ئىككىسىنى (يەنى ئىككى بۇتنى) بىر-بىرى بىلەن نىكاھلاپ قويساڭلار بولمامدۇ؟-دېدىم. لېكىن ئۇلار سۆزۈمگە پەرۋا قىلماي، بۇتلىرىغان دۇئا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېتىۋەردى. بىر كەمدىن كېيىن، ئىككىسى يەنە يېنىمدىن ئۆتۈۋىدى، مەن:
(بۇتنىڭ ئەۋرىتى) تاختا پارچىسىغىلا ئوخشاشكەن،-دېدىم. (ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككىلى قېتىم ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ.) ئىككىسى غەزەبلىنىپ:
— ئەرلىرىمىزدىن بىرەرسى بولغان بولسىچۇ، دېيىشكىنىچە قىيا-چىيا قىلىشىپ ئۆيلىرىگە قاراپ مېڭىشتى. ئۇلارغا قايتاشىدا يۇقىرى تەرەپتىن كەئىبىگە قاراپ كېلىۋاتقان رەسۇلۇللاھ سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن ئەبۇ بەكرى ئۇچرشىپ قالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:
— سىلەرگە نېمە بولدى؟-دەپ سورىۋىدى، ئىككىسى:
— كەئىبىنىڭ يۇپۇقىنىڭ ئىچىگە بىر دىنسىز يۇشۇرىنىۋاپتۇ،-دېيىشتى.
— ئۇ سىلەرگە نېمە دېدى؟-دەپ سورىغانىدى:
— ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەرنى قىلدى،- دەپ جاۋاپ بەردى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كېلىپ (كەبىنىڭ تېمىنىڭ بۇرجىكىگە جايلاشقان) ھەجرۇل ئەسۋەدنى سۆيدى. ئاندىن ئەبۇ بەكرى بىلەن كەئىبىنى تاۋاپ قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ناماز ئوقۇدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن:
— ئەسسالامۇ ئەلەيكە، ئى رەسۇلۇللاھ!-دېدىم. ئىسلامنىڭ سالىمى بىلەن رەسۇلۇللاھقا تۇنجى رەت سالام قىلغان كىشى مەن بولدۇم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:
— ۋەئەلەيكە ۋەرەھمەتۇللاھ،-دەپ سالام قايتۇردى. ئاندىن، «كىم بولىسەن؟»-دېدى.
— غىفار قەبىلىسىدىنمەن،-دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنى ئاڭلاپ، قولىنى پىشانىسىگە قويدى. ئىچىمدە «غىفار قەبىلىسىدىن بولۇشۇمنى ياقتۇرمىدى» دەپ ئويلىدىم. مەن بېرىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قولىنى تۇتماقچى بولغانىدىم، ئەبۇ بەكرى مېنى توسىۋالدى. ئەبۇ بەكرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى مەندىن ياخشى بىلەتتى. رەسۇلۇللاھ بېشىنى كۆتۈرۈپ:
— سەن قاچاندىن بېرى بۇ يەردە؟-دەپ سورىدى.
— ئوتتۇز كېچە-كۈندۈزدىن بېرى مۇشۇ يەردىمەن،-دېدىم.
— ساڭا كىم تاماق بەردى؟-دەپ سورىدى.
— زەمزەم سۈيىدىن باشقا نەرسە يەپ باقمىدىم. زەمزەم سۈيىدىن ئىچىپ سەمىرىپ كەتكىنىمدىن، قورساقلىرىم بەلدەم-بەلدەم بولۇپ كەتتى. ھېچقانداق ئاچلىق ھېس قىلمىدىم،-دېدى.
— زەمزەم سۈيى مۇبارەك سۇدۇر، شۇنداقلا زەمزەم سۈيى ھەقىقەتەن قورساقنى توق تۇتىدۇ،-دېدى. (بۇ ئەسناندا) ئەبۇ بەكرى مۇنداق دېدى:
— ئې رەسۇلۇللاھ! بۇ كېچە ئۇنىڭغا تاماق بېرىشىمگە رۇخسەت قىلغان بولسىلا،-دېدى. ئاندىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن ئەبۇ بەكرى ئىككىسى قايتىپ ماڭدى. مەنمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدىم. ئەبۇ بەكرى بىر ئىشىكنى ئېچىپ ئالدىمىزغا تائىفنىڭ قۇرۇق ئۈزۈمىدىن چاڭگاللاپ ئېلىپ كېلىپ، بىزنى مېھمان قىلدى. بۇ مېنىڭ مەككىدە يېگەن تۇنجى تامىقىم بولدى.
شۇنداق قىلىپ، مەككىدە(ئاللاھ تەقدىر قىلغان مۇددەت) تۇرۇپ قالدىم. كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يېنىغا باردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:
— ماڭا خورمىزارلىق بىر يەر كۆرسىتىلدى. مەن ماڭا كۆرسىتىلگەن ئۇ يەرنى يەسرىب (مەدىنە) دەپ قارايمەن. سەن ئۆز قەۋىمىڭگە قايتىپ، ئۇلارغا مېنىڭ نامىمدا تەبلىغ قىلغىن. ئۈمىدكى، ئاللاھ سەن ئارقىلىق قەۋمىڭنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگەي ۋە ئۇلار سەۋەبلىك ساڭا ئەجر بېرىلگەي،-دېدى.
شۇنداق قىلىپ، مەن (قېرىندىشىم) ئۇنەيسنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىم. ئۇ:
— قانداق قىلدىڭ؟- دەپ سورىدى.
— مەن مۇسۇلمان بولدۇم ۋە (رەسۇلۇللاھنى) تەستىق قىلدىم،-دېدىم. ئۇ:
— مەنمۇ سېنىڭ دىنىڭدىن يۈز ئۆرىگەن بىرى ئەمەسمەن، مەنمۇ مۇسۇلمان بولدۇم ۋە (رەسۇلۇللاھنى) تەستىق قىلدىم،- دېدى. ئاندىن ئانامنىڭ يېنىغا باردۇق. ئاناممۇ، «مەن سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن يۈز ئۆرۈمەيمەن، مەنمۇ مۇسۇلمان بولدۇم ۋە (رەسۇلۇللاھنى) تەستىق قىلدىم» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاغلىرىمىزغا مىنىپ قەۋمىمىزنىڭ يېنىغا قايتتۇق. قەۋمىمنىڭ يېرىمى ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى. ئۇلارغا ئەيما ئىبنى رەھەزە ئەلغىفارى ئىمامەتچىلىك قىلدى. چۈنكى ئۇ قەۋمىمىزنىڭ ئاقساقىلى ئىدى.
قەۋمىمنىڭ قالغان يېرىمى «رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) مەدىنىگە كېلىدىغاندا مۇسۇلمان بولىمىز» دېيىشتى. دەرۋەقە رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) مەدىنىگە كەلگەندە قالغان يېرىمىمۇ مۇسۇلمان بولدى. كۆپ ئۆتمەي ئەسلەم قەبىلىسىدىكىلەر يېتىپ كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ! قېرىنداشلىرىمىز ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغىنىدەك، بىزمۇ مۇسۇلمان بولدۇق» دېدى ۋە مۇسۇلمان بولدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاللاھ تائالا غىغار قەبىلىسىنى مەغفىرەت قىلسۇن، ئەسلەم قەبىلىسىنى سالامەت قىلسۇن» دېدى. (مۇسلىم 6309، سەھىھۇل مۇسلىم: ساھابىلەرنىڭ پەزىلىتى كىتابى، 28-باب: ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلەتلىرى بابى؛ نەۋەۋى: مۇسلىم شەرھى، 10-جىلد، 389-بەت) فۇرقان دەۋەت مەركىزى ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلدى | hedisim.com