ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ ئاشكارا قىرائەتلىك نامازدا سۈرە فاتىھە ئوقۇشنىڭ دەلىللىرى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملار ئېيتىمىز.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«نامىزىدا سۈرە فاتىھە ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس ئەمەس.» ھەدىسنىڭ ئەرەپچىسى:{ لا صلاة لمن لم يقرأ بفاتحة الكتاب} (بۇخارى 756؛ مۇسلىم 394؛ تىرمىزى 247؛ نەسائىي 911؛ ئەبۇ داۋۇد 822؛ ئىبنى ماجە 837؛ ئەھمەد؛5\336؛ دارىمىي 1242)
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامىزىنى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ باشلايتتى ۋە سۈرە فاتىھەنى ئوقۇيتتى.» (ئىمام ئەھمەد 6\31؛ مۇسلىم 1\357؛ ئەبۇ داۋۇد 1\208؛ ئىبنى ماجە 1\267)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«بەلكىم سىلەر ئىمامىڭلارنىڭ كەينىدە قۇرئان ئوقۇيسىلەر؟» دېدى، بىز «شۇنداق، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى» دېدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«سۈرە فاتىھەنى ئوقۇغاندىن باشقا چاغدا ئىمامنىڭ كەينىدە قۇرئان ئوقۇماڭلار، ھەقىقەتەن سۈرە فاتىھە ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى يوق.» ئەرەپچىسى:{ لعلكم تقرءون خلف إمامكم، قلنا: نعم، قال: لا تفعلوا إلا بفاتحة الكتاب فإنه لا صلاة لمن لم يقرأ بها.} (سۇنەن كۇبرا 2837؛ المستدرك على الصحيحين- 904؛ تىرمىزى 247؛ نەسائىي 911؛ ئەبۇ داۋۇد 824)
ئىمامنىڭ كەينىدە تۇرغۇچى جامائەتنىڭمۇ سۈرە فاتىھەنى قىرائەت قىلىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدىغان ھەدىسلەردىن بىرى مۇنۇ ھەدىستۇر: ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىبنى ئەبۇ نۇئەيمگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇدى، ئىبنى ئەبۇ نۇئەيم سۈرە فاتىھەنى ئاشكارا قىرائەت قىلدى، ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىغلىق ھالەتتە سۈرە فاتىھەنى ئوقۇدى. ناماز ئاخىرلاشقاندا ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا تۇرغان، نامازدا ئۇنىڭ سۈرە فاتىھەنى ئوقۇغانلىقى ئاڭلىغان بەزى كىشىلەر ئۇنىڭغا: ئىبنى ئەبۇ نۇئەيم ئاشكارا قىرائەت قىلىۋاتقاندا، سېنىڭ سۈرە فاتىھە ئوقۇغانلىقىڭنى ئاڭلىدۇق، دېدى. ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: شۇنداق، مەن شۇنداق قىلدىم. «بىر قېتىم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قىرائىتى ئاشكارا ئوقۇلىدىغان بىر نامازنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ‹نامازدا سىلەردىن بىرى مەن بىلەن تەڭ قىرائەت قىلدىمۇ؟› دەپ سورىدى. بەزىلەر ‹ھەئە› دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ‹ئۇنداق قىلماڭلار! مەن ماڭا قۇرئان ئوقۇشنىڭ تەس كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلەندىم. شۇڭىلاشقا، مەن نامازدا ئۈنلۈك قىرائەت قىلسام، سىلەر سۈرە فاتىھەدىن باشقىسىنى ئوقۇماڭلار.» (ئەھمەد، 5\313؛ ئەبۇ داۋۇد، 1\515؛ نەسائىي، 2\ 141؛ تىرمىزى، 2\117؛ داراقۇتنىي، 1\318؛ بەيھەقى، 2\165؛ ھاكىم، 1\238) مانا بۇ ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر، ئۇ نامازدا ئىمام ئۈنلۈك قىرائەت قىلغاندا قۇلاق سېلىپ جىم تۇرۇشنىڭ سۈرە فاتىھەنى ئوقۇماي تۇرۇشقا قارىلىتىلمىغانلىقىنى چۈشەنگەن. قۇرئاندىكى «قۇرئان قىرائەت قىلىنغاندا رەھمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار.»(7:204) دېگەن ئايەت ۋە «ئىمام قىرائەت قىلسا جىم تۇرۇڭلار» (ئىمام ئەھمەد، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە) دېگەن ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئومۇمىيدۇر. سۈرە فاتىھە ئوقۇش خاستۇر،(خاس دەلىل ھەر قاچان ئامنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ). شۇڭا ئىمام سۈرە فاتىھە ئوقۇسا، جامائەتمۇ ئوقۇيدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى نامىزىدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇمىسا، ئۇنىڭ نامىزى كەمتۈك، نامىزى كەمتۈك، نامىزى كەمتۈك.» [أخرجه مالك في (الموطأ) 1 / 84 وأحمد 2 / 250، 285 ،487 ،6 / 142، ومسلم 1 / 296 برقم (395)، وأبو داود 1 / 512 – 514 برقم (821)، والنسائي 2 / 135 – 136 برقم (909)، والترمذي 5 / 200 برقم (2953)، والدارقطني1 / 312، 321، والبيهقي 2 / 39، 159،، 167، 375، وابن خزيمة 1 / 247، 253 برقم (489، 502)، وعبد الرزاق 2 / 121 برقم (2744) وابن أبي شيبة 1 / 360 والطحاوي في (شرح معاني الآثار) 1 / 215، وأبو عوانة 2 / 126، وابن حبان 5 / 96، 97برقم (1794 ،1795)] [پەتىۋا كومېتىتى،6\410]
ئەللامە سالىھ ئەل فەۋزان مۇنداق دېگەن: نامازنىڭ ھەر بىر رەكئىتىدە فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش نامازنىڭ پەرىزلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. شۇنداقلا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى توغرا ئوقۇمىغان كىشىگە ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىپ، ئۇنى ھەر رەكئەتتە سۈرە فاتىھە ئوقۇشقا بۇيرۇغان. (بۇنىڭ دەلىلى ئۈچۈن يۇقارقى ھەدىسلەرگە ۋە بۇخارىنىڭ 757-نومۇرلۇق ھەدىسىگە، مۇسلىمنىڭ 872-نومۇرلۇق ھەدىسىگە، ئىبنى ھىبباننىڭ 1787-نومۇرلۇق ھەدىسىگە قاراڭ) [ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان «قىسقىچە ئىسلام فىقھىسى» ]
ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن: «نامازنىڭ ھەر رەكئىتىدە سۈرە فاتىھە ئوقۇش ۋاجىب (يەنى پەرز).» («ئەلمۇغنى»1\257)
پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: ئۆلىمالار ئارىسىدىكى توغرا قاراش شۇكى، مەيلى ئىمامنىڭ، مەيلى ئىمامغا ئەگەشكۈچى جامائەتنىڭ، مەيلى يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچىڭ قىرائىتى مەخپىي نامازلاردا بولسۇن ياكى قىرائىتى ئاشكارا نامازدا بولسۇن سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشى ۋاجىپ. (پەتىۋا كومېتىتى 5232) ئىمام سۈرە فاتىھەنى ئايەتمۇ ئايەت توختاپ، تەرتىل بىلەن ئوقۇسا، ئىمام ھەر ئايەتتە توختىغاندا، ئىمامنىڭ كەينىدە تۇرغۇچىمۇ شۇ ئايەتنى ئىچىدە ئوقۇيدۇ؛ ناۋادا توختىماي، ئالدىراپ ئوقۇسا، ئىمام بىلەن تەڭ ئىچىدە ئوقىۋېرىدۇ. (بۇنىڭ ئۈچۈن پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 6428-نومۇرلۇق پەتىۋاسىغا قاراڭ) ئىمام سۈرە فاتىھەنى قىرائەت قىلىۋاتقاندا ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ (ئۆز ئىچىدە) سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشىغا بولىدۇ. [پەتىۋا كومېتىتى 8148] ئىمامنىڭ كەينىدە قىرائەتنى قىلغاندا ئىمامغا ياكى يېنىدىكى جامائەتلەرگە قىرائىتى سەۋەبلىك دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ. [پەتىۋا كومېتىتى 11071]
پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: «قۇرئان قىرائەت قىلىنغاندا، ئۇنى تىڭشاڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن جىم تۇرۇڭلار.» (سۈرە ئەئراف، 204-ئايەت) «ئىمام نامازدا قىرائەت قىلسا، قۇلاق سېلىپ تىڭشاڭلار.» (نەسائىي 921) يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ مەنىسى ئومۇمىي بولۇپ، ئىمام قىرائەت قىلغاندا فاتىھە ۋە باشقا سۈرىلەرگە قۇلاق سېلىشنى بىلدۈرىدۇ.
«ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئىمامنىڭ قىرائىتى ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭمۇ قىرائىتى ھېسابلىنىدۇ» (ئىبنى ماجە 3\339) دېگەن بۇ ھەدىس زەئىپ. (پەتىۋا كومېتىتى 5232) ئىمام ئىبنى ھەجەر «تەلخىس» ناملىق ئەسىرىدە يۇقارقى ھەدىس توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ۋە باشقا كۆپلىگەن ساھابىلەردىن رىۋايەت قىلىنغان مەشھۇر ھەدىستۇر. بىراق، بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىسىز. (پەتىۋا كومېتىتى پەتىۋالىرى 6-جىلد، 408-بەت)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمام نامازدا قىرائەت قىلسا، قۇلاق سېلىپ تىڭشاڭلار.» (نەسائىي 921)[بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئام. سۈرە فاتىھەنى ئاشكارا ئوقۇغان ئىمامنىڭ سۈرە فاتىھەسىنى تىڭشايمىز، ھەر ئايەتتە توختىغان چاغدا سۈرە فاتىھەنىڭ شۇ ئايىتىنى ئوقۇيمىز. بۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئىمامنىڭ قىرائىتىنى تىڭشاش بۇيرۇقى بىلەن نامازدا سۈرە فاتىھە ئوقۇش بۇيرۇقىغا تەڭ ئەمەل قىلىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئىمامنىڭ قىرائىتىنى تىڭشاڭلار دېگەندىن سۈرە فاتىھەنى ئوقۇماڭلار دېگەن مەنا چىقمايدۇ. چۈنكى، نامازدا سۈرە فاتىھە ئوقۇشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرۇلۇق دەلىللەر كەڭرى.]
پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەنل: ئىمام سۈرە فاتىھەنى ئايەتمۇ ئايەت توختاپ، تەرتىل بىلەن ئوقۇسا، ئىمام ھەر ئايەتتە توختىغاندا، ئىمامنىڭ كەينىدە تۇرغۇچىمۇ شۇ ئايەتنى ئىچىدە ئوقۇيدۇ؛ ناۋادا توختىماي، ئالدىراپ ئوقۇسا، ئىمام بىلەن تەڭ ئىچىدە ئوقىۋېرىدۇ. (بۇنىڭ ئۈچۈن پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 6428-نومۇرلۇق پەتىۋاسىغا قاراڭ)
پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: قىرائىتى ئاشكارا نامازلاردا ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغۇچى (ھەر-بىر رەكئەتتە) پەقەت سۈرە فاتىھەنىلا ئوقۇيدۇ. قىرائىتى مەخپىي نامازلاردا ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغۇچى ئالدىنقى ئىككى رەكئەتتە سۈرە فاتىھەنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ باشقا بىر سۈرىنى ياكى ئايەتنى ئوقۇيدۇ. (ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتلەردە سۈرە فاتىھەنىلا ئوقۇيدۇ.) [پەتىۋا كومېتىتى 7870]