باشقىلارنى پاسىقلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش غەيۋەت ھېسابلىنامدۇ؟ | پەتىۋا كومېتىتى

سوئال: ھاراق ئىچىش قاتارلىق ناچار ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىپ يۈرىدىغان ۋە باشقا چوڭ گۇناھلارنى قىلىدىغان بىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشى ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق مۇئامىلە قىلماسلىقى ئۈچۈن باشقىلارنى ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرساق بولامدۇ؟ بۇنداق قىلىش دۇرۇسمۇ؟

پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 18452-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

جاۋاب: پاسىقلاردىن ۋە چوڭ گۇناھلارنى قىلىدىغانلاردىن باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋاجىبتۇر. بىر مۇئمىن پاسىقلارنىڭ سەلبىي ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ يامان تەسىرىگە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى بولغان باشقا مۇئمىن قېرىنداشلىرىنى پاسىقلارنىڭ توزىقىغا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك، شۇنداقلا پاسىقلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىنى رەسۋا قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، شۇ پاسىقلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىپ پاسىقلارغا ۋە چوڭ گۇناھلارنى قىلغۇچىلارغا نەسىھەت قىلىش كېرەك. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «دىن نەسىھەتتۇر» دېۋىدى، ساھابىلەر «دىن كىم ئۈچۈن نەسىھەتتۇر، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى!» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاللاھ، ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ئۈچۈن» دېدى. (بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رەھىمەھۇللاھ تەمىد ئەددارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان.)

تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇلئەزىز ئالشەيخ؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غەديان؛ سالىھ ئەلفەۋزان؛ بەكرى ئەبۇ زەيد

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ