مەھر ھەققىنى تويدىن كېيىن بېرىش دۇرۇس
سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 4907-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مەھر ھەققىنىڭ تولۇقى بىلەن ئالدىن بېرىلىشى، ياكى مەھر ھەققىنىڭ پۈتۈنلەي تويدىن كېيىن بېرلىشى ۋە ياكى بىر قىسىمىنىڭ ئالدىن بېرىلىپ، بىر قىسىمىنىڭ تويدىن كېيىن بېرلىشى ئوخشاشلا دۇرۇس. مەھر ھەققىنىڭ بېرىلىش مۇددىتى توغرىسىدا چەك بەلگىلەنمىگەن بولسا، ئايالنى تالاق قىلغاندا بولسىمۇ مەھر ھەققىنى ئايالغا تاپشۇرۇش كېرەك. ناۋادا ئەر مەھر ھەققىنى بېرىشتىن ئاۋۋال ۋاپات بولغان بولسا، ئايالغا بېرىشكە تېگىشلىك مەھر ئۇنىڭ مىراسىدىن بېرىلىدۇ.
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد