ئېسىدە يوق تەشەھھۇدقا ئولتۇرماستىنلا ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرۇپ كەتتى
ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ باشچىلىقىدىكى پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدىكى كۈچلۈك قاراشتا بىرىنجى تەشەھھۇدنى قەستەن تەرك ئەركۈچىنىڭ نامازى مەقبۇل ئەمەس، چۈنكى بىرىنجى تەشەھھۇد نامازنىڭ پەرزلىرىدىن بىرىدۇر. [پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 6363-نومۇرلۇق پەتىۋاسى]
ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ باشچىلىقىدىكى پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: ناۋادا كىشى سەۋەنلىك يۈزىسىدىن بىرىنجى تەشەھھۇدقا ئولتۇرماستىن تۇرۇپ كەتكەن بولسا، نامىزىنىڭ ئاخىرىدا سالام بېرىپ نامازدىن چىقىشتىن ئاۋۋال سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش بىلەن نامىزىنى توغرىلىۋالسا بولىدۇ. بىراق، بىرىنجى تەشەھھۇدنى قەستەن تەرك ئەتسە ناماز بۇزۇلىدۇ. [پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 9414-نومۇرلۇق پەتىۋاسى] مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى