ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن | سورۇندا ئولتۇرغاندا مۇباھ سۆزلەرنى قىلىشىش تىلغا ھېزى بولمىغانلىقمۇ؟

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتسا ياخشى سۆز قىلسۇن، بولمىسا جىم تۇرسۇن.» (بۇخارى 5994؛ مۇسلىم 67؛ رىيازۇس سالىھىن 1511)

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: (وهذا صريح أنه ينبغي أن لا يتكلم إلا إذا كان الكلام خيرًا، وهو الذي ظهرت مصلحته، ومتى شك في ظهور المصلحة، فلا يتكلم.) بۇ ھەدىس سۆزنىڭ ياخشى سۆز بولغاندىلا ئاندىن سۆزلىنىشى كېرەكلىكىگە ئېنىق دەلىل بولىدۇ. ياخشى سۆز دېگەن پايدىسى ئېنىق بولغان سۆزدۇر. پايدىسى بولۇش ياكى بولماسلىقى توغرىسىدا ئىككىلىنىلگەن سۆز سۆزلەنمەسلىكى كېرەك.

ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە ئېيتقانلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە: سۆزنىڭ ياخشى بولىشى ئىككى شەكىلدە بولىدۇ. بىرىنجى: ئەسلى زاتىدىنلا ياخشى ھېسابلىنىدىغان سۆز. مەسىلەن، قۇرئان كەرىم ئوقۇش، تەسبىھ ئېيتىش، تەكبىر ئېيتىش، لائىلاھە ئىللەللاھ ۋە باشقا زىكىرلەر، ئىلىم ئۆگىنىش… (قاتارلىقلار)

ئىككىنجى: سۆزنىڭ ئۆزى ياخشى سۆز ھېسابلانماستىن (مۇباھ) ھېسابلىنىدىغان، شۇ سۆزدىن كېلىدىغان نەتىجە ياخشىلىق بولىدىغان سۆز. بۇ مۇباھ ھېسابلانغان بىر سۆزنىڭ پايدىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ھېسابلىنىدۇ. (مەسىلەن) يېنىڭدا ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنىڭ ئىللىشىغا، خوش بولۇشىغا ۋە ئارىسدا دوستلۇقنىڭ ئورنىتىلىپ، يېيىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان سۆزلەر…. (مۇشۇ تۈردىندۇر.) چۈنكى، ئىنسان بىر يەردە ئولتۇرغاندىن باشلاپ تاكى ئايرىلغۇچە گەپ قىلماي جىم تۇرۇۋالسا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن زېرىكىدۇ، ئۇنى ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە «بۇ ئادەم بەك توڭ، چىرايلىق پاراڭلىشىشنى بىلمەيدۇ» دەيدۇ. مۇباھ ھېسابلانغان گەپلەرنى دېيىشىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىسى بولىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىنىشى كېرەككى، ئىنسانلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش توغرا ئەمەس. چۈنكى، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلىگۈچىنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي.» (مۇسنەد ئەھمەد 5\7؛ ئەبۇ داۋۇد 4388؛ تىرمىزى 2237) (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «رىيازۇس سالىھىن شەرھى»5\90)

فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ