ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
نەپسىي جىھاد تۆت باسقۇچقا بۆلىنىدۇ: 1. نەپسنى دىنىي مەسىلىلەرنى ئۆگىنىشكە زورلاش. 2. نەپسنى ئۆگەنگەن دىنىي بىلىملەرگە ئەمەل قىلىشقا زورلاش. 3. نەپسنى (شەرىئەتنى) بىلمەيدىغانلارغا دىنىي بىلىم ئۆگىتىشكە زورلاش. 4. ئاللاھنىڭ تەۋھىدىگە چاقىرىش، دىنغا مۇخالىپ ئىش قىلىدىغانلارغا ۋە ئاللاھنىڭ نىمەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا قارشى كۈرەش قىلىش. (ئىمام ئىبنى ھەجەر، فەتھۇلبارى، 12\616)
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com