پەتىۋا كومېتىتى | سەجدىدە پېشانە بىلەن بۇرۇن سەجدىگاھقا تەگمىسە ناماز دۇرۇس بولامدۇ؟

سەجدىدە پېشانە بىلەن بۇرۇن سەجدىگاھقا تەگمىسە ناماز دۇرۇس بولامدۇ؟

سوئال: سەجدە قىلغاندا پېشانىسى ۋە بۇرنى سەجدىگاھقا تەگمىگەن كىشىنىڭ نامىزىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس ھېسابلىنامدۇ؟

[پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 7175-نومۇرلۇق ھەدىسى]

جاۋاب: ئەھۋال سىز دېگەندەك سەجدىدە پېشانە بىلەن بۇرۇن سەجدىگاھقا تەگمىسە ناماز دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أمرت أن أسجد على سبعة أعظم: الجبهة – وأشار إلى أنفه))«مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. پېشانە، بۇرۇن …» ( أخرجه أحمد ١ / ٢٩٢، ٣٠٥، والبخاري ١ / ٢٠٩، ومسلم ٢ / ٥٢ والنسائي ١ / ١٦٦، والدارمي ١ / ٣٠٢، والبيهقي ٢ / ١٠٣، وأبو عوانة ٢ / ٧٣، ١٨٢، وابن الجارود برقم (١٠٦).) بۇيرۇق پەرزلىكنى بىلدۈرىدۇ. بىراق، كىشىنىڭ پېشانىسى بىلەن بۇرنىنى سەجدىگاھقا تېگىشتىن توسىدىغان ئۆزرىسى بولسا، بۇ ھالەتتە ئۇنىڭ پېشانە ۋە بۇرنىنى سەجدىگاھقا تەكگۈزمەستىن ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. (پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابدۇررازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ