ئىبنى ئۇسەيمىن | پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۈپلەپ ئوقۇغان كىشى ھەر ئىككى نامىزى ئۈچۈن ئايرىم قامەت ئوقۇمدۇ؟

پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۈپلەپ ئوقۇغان كىشى ھەر ئىككى نامىزى ئۈچۈن ئايرىم قامەت ئوقۇمدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

سوئال: مۇساپىر كىشى پېشىن بىلەن ئەسىر نامىزىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغاندا ھەر ئىككى ناماز ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم قامەت ئوقۇمدۇ؟ نەپلە نامازلار ئۈچۈن قامەت ئوقۇش كېرەكمۇ؟
جاۋاب: بۇنداق كىشى ھەر ئىككى ناماز ئۈچۈن ئايرىم قامەت ئوقۇيدۇ. چۈنكى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەججىنى بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇزدەلىفىدە شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«قامەت ئېيتقۇزۇپ شام نامىزىنى ئوقۇدى. ئاندىن، يەنە قامەت ئېيتقۇزۇپ خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇدى. ئىككى نامازنىڭ ئارىسىدا تەسبىھ ئوقۇمىدى.» (بۇخارى-كىتابۇل ھەج؛ مۇسلىم-كىتابۇل ھەج) (مەنبە: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن، فەتۋا ئەركانۇل ئىسلام، 197-نومۇرلۇق پەتىۋا)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ