كىيىمىگە بوۋىقى سىيىۋەتكەن ئايال كىشىنىڭ نامىزى
سوئال: بىر ئايال ئايروپىلان ئارقىلىق سەپەر قىلىش جەريانىدا بالىسى ئۇنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى. كىيىملىرى چامدانلارغا قاچىلىنىپ-تېڭىۋېتىلگەنلىكتىن، ئۇ ئايال بالىسىنىڭ سۈيدۈكى سىڭىپ كەتكەن كىيىمىنى ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭ مەنزىلگە شۇ قېتىمقى پەرز نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن يېتىپ بارىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، مەزكۇر ئايال بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇچىسىدا نىجىس كىيىم بار ھالەتتە ناماز ئوقۇمدۇ ياكى مەنزىلگە يېتىپ بېرىپ، كىيىمىنى ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانغا قەدەر ناماز ئوقۇماستىن ساقلامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابدۇررازاق ئەفىفىي
جاۋاب: بۇ ئايال كىيىمىنىڭ نىجىس بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نامىزىنى ئۆز ۋاقتىدا (ئايروپىلاندا) ئوقۇشى كېرەك. چۈنكى، بۇ ئايالنىڭ كىيىمىنى يۇيۇش ياكى ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولماسلىق ئۆزرىسى بولغانلىقتىن، (نامازدا كىيىمنىڭ پاك بولۇش شەرتى) بۇ ئايالنىڭ بوينىدىن ساقىتتۇر. ئۇ (مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇچىسىدا سۈيدۈك يۇقۇپ قالغان كىيىم بار ھالەتتە ئوقۇغان) نامىزىنى قايتا ئوقۇمايدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:{ئاللاھتىن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قورقۇڭلار.} رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەرگە بىر ئىشنى بۇيرۇسام، ئۇنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قىلىڭلار. سىلەردىن بىر ئىشنى چەكلىسەم، ئۇ ئىشنى تەرك ئېتىڭلار.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر. رەسۇلۇللاھقا، ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلەرگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.
مەنبە: فەتۋا لەجنەتۇد دائىمە، 7-399