ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن | مەسجىدە ناماز ئوقۇۋاتقانلارنى ئازدۇرۇۋەتكۈدەك دەرىجىدە يۇقىرى ئاۋازدا قۇرئان ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

227- سوئال: مەسجىدە ناماز ئوقۇۋاتقانلارنى ئازدۇرۇۋەتكۈدەك دەرىجىدە يۇقىرى ئاۋازدا قۇرئان ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

جاۋاپ: مەسجىدە ناماز ئوقۇۋاتقانلارنى، دەرىس ئوقۇۋاتقانلارنى ياكى قۇرئان ئوقۇۋاتقانلارنى ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئېلىشتۈرۋەتكىدەك دەرىجىدە يۇقىرى ئاۋازدا قۇرئان ئوقۇش ھارام. چۈنكى، بۇنداق قىلىش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم چەكلىگەن ئىشنى قىلغانلىقتۇر.

ئىمام مالىك ئۆزىنىڭ «مۇۋاتتا» ناملىق ھەدىسلەر توپلىمىدا بەيازىدىن (ئۇ فەرۋە ئىبنى ئەمرۇدىن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشلەر ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقتى. ئۇلار نامازلىرىنى ئۈنلۈك قىرائەت قىلىپ ئوقۇۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ناماز ئوقۇغۇچى رەببىگە مۇناجەت قىلىدۇ، شۇڭا ئۇ رەببىگە نېمە بىلەن مۇناجەت قىلۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلسۇن! نامازنى ئۈنلۈك قىرائەت قىلىپ ئوقۇپ، بىر-بىرىڭلارنىڭ ھۇزۇرىنى بۇزماڭلار.»دېدى. مۇشۇنىڭ ئوخشىشىنى ئەبۇ داۋۇد ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان. (فەتۋا ئەركانۇل ئىسلام، 227-پەتىۋا)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ