فىقھۇل مۇيەسسەر | جۈمە نامىزى ۋە نەپلە ناماز

جۈمە نامىزى ۋە نەپلە ناماز

فىقھۇل مۇيەسسەردىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

جۈمە نامىزىدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان سۈننەت ناماز يوق. ئەمما، جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرىشتىن ئىلگىرى نەپلە ناماز ئوقۇلسا، بۇ توغرا. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنى تەرغىپ قىلغان. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سالمان رەزىيەللاھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «كىمكى جۈمە كۈنى غۇسل قىلسا…ئاندىن ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىنى (ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىستىلىۋېلىش بىلەن) ئايرىۋەتمەستىن ئۆزى ئۈچۈن تەقدىر قىلىنغان قەدەر (نەپلە) ناماز ئوقۇسا…» دېگەنلىكى بايان قىلىنغان. ساھابىلەرنىڭمۇ جۈمە نامىزىدىن ئاۋۋال خالىغان مىقداردا نەپلە ناماز ئوقۇغانلىقى، شۇنداقلا نەپلە ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۈمە نامىزىدىن ئاۋۋال (مەسجىدكە كەلگەن) كىشىنىڭ خالىغان مىقداردا نەپلە ناماز ئوقۇشىنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، (مەسجىدكە جۈمە نامىزى باشلىنىشتىن بۇرۇن) مەسجىدكە كەلگەن كىشى خالىغان رەۋىشتە نەپلە ناماز ئوقۇمىسا، ئەيىبلەنمەيدۇ.

جۈمە نامىزىنىڭ پەرزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، تۆت رەكئەت ياكى ئالتە رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇلۇشى رەۋاتىب سۈننەتتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق قىلغان ۋە بۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.»(بۇخارى 937؛ مۇسلىم 882)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن بىرىڭلار جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، تۆت رەكئەت (نەپلە) ناماز ئوقۇسۇن.» (مۇسلىم 881)

يەنە بىر ھەدىستە «سىلەردىن جۈمە نامىزىدىن كېيىن (نەپلە) ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن» دەپ كەلگەن. (مۇسلىم 881) جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئالتە رەكئەت ناماز ئوقۇشقا كەلسەك، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئالتە رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.» (شەرھۇل مۇمتى 4\102) ئىبنى ئۆمەرمۇ مۇشۇنداق قىلاتتى. (ئەبۇ داۋۇد 1130)

يۇقىرىقىلاردىن ئېنىقلىشىدىغان نەرسە شۇكى، جۈنە نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئەڭ ئاز راۋاتىب سۈننەت ئىككى رەكئەت، ئەڭ كۆپ راۋاتىب سۈننەت ئالتە رەكئەتتۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇلالھ بۇ راۋاتىب سۈننەت نامازنىڭ مەسجىدتە ئوقۇلسا تۆت رەكئەت ئوقۇلىدىغانلىقى، ئۆيدە ئوقۇلسا ئىككى رەكئەت ئوقۇلىدىغانلىقى كۆز قارىشىدا. (زادۇل مەئاد 1\440) بۇنىڭغا بىنائەن، جۈمە نامىزىنىڭ راۋاتىب سۈننىتى ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ