ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن | ئۈچ ئايلىق ھامىلىسى بويىدىن ئاجراپ كەتكەن ئايال ناماز ئوقۇمدۇ-ئوقۇمامدۇ؟

ئەگەر بىر ئايالنىڭ ئۈچ ئايلىق بولغاندا بويىدىن ئاجراپ كەتسە، ئۇ ئايال ناماز ئوقامدۇ ياكى ئوقۇمامدۇ؟

جاۋاپ: ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، بىر ئايالنىڭ ئۈچ ئايلىق بولغاندا بويىدىن ئاجراپ كەتسە، ئۇ ئايال ناماز ئوقۇمايدۇ. چۈنكى ئەگەر ئىنسان شەكلىگە كىرىپ بولغان بىر تۆرەلمە ئايال كىشىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كەتندە ئايالدىن كەلگەن قان نىفاس قېنى بولۇپ، نىفاس قېنى كۆرگەن ئايال ناماز ئوقۇمايدۇ.

ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: 81 كۈن توشقان چاغدا، تۆرەلمىنىڭ شەكلى مۇقىملىشىدۇ ۋە بۇ ئۈچ ئايدىن ئاز ۋاقىتتۇر. ئەگەر تۆرەلمىنىڭ ئۈچ ئايلىق ئىكەنلىكى ئىنىق بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن كەلگىنى نىفاس قېنىدۇر. ئەمما 80 كۈندىن بۇرۇن بولسا، كەلگەن قان كېسەللىك قېنى بولۇپ، ھامىلىسى سەكسەن كۈنلۈك بولۇشتىن ئىلگىرى بويىدىن ئاجراپ كەتكەن ئايال نامىزىنى تاشلىماي داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ. بۇ سوئالنى سورىغۇچى ئايال چوقۇم ياخشى ئويلىنىشى كېرەك. ئەگەر تۆرەلمە 80 كۈندىن ئىلگىرى چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئەگەر قانچىلىك بولغىنىنى بىلەلمىسە، ئۇ پەرەز قىلىپ تەكشۈرۈشى ۋە مۆلچەرىگە ئەڭ يېقىن بولغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىشى لازىم. (ئىبنى ئۇسەيمىن، فەتۋا ئەركانۇل ئىسلام، 182-نومۇرلۇق پەتىۋا، 233-بەت)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ