بەشىنچى سۇئال (6592-نۇمۇرلۇق پەتىۋا)
نامازنىڭ بىرىنچى رەكئىتىدە ئىككىنچى رەكئىتىگە قارىغاندا قىسقىراق سۈرە ئۇقۇش جائىزمۇ ياكى ئۇزۇنراق سۈرە ئوقۇشمۇ؟ كۆپلىگەن كىشىلەر نامازنىڭ بىرىنچى رەكئىتىدە قىسقا سۈرە، ئىككىنچى رەكئىتىدە بولسا ئۇنىڭدىن ئۇزۇنراق سۈرە ئۇقۇماقتا. (بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟)
جاۋاپ: نامازنىڭ ئاۋالقى ئىككى رەكئىتىدە سۈرە فاتىھەدىن كېيىن بىرىنچى رەكئەتتە ئۇزۇنراق، ئىككىنچى رەكئەتتە بىرىنچى رەكئەتتىكىگە قارىغاندا قىسقىراق سۈرە ئوقۇش سۈننەتتۇر. بۇنىڭ سەۋبى ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان مۇنۇ ھەدىستۇر: ((أن النبي صلى الله عليه وسلم كان يقرأ في الظهر في الأوليين بأم الكتاب وسورتين، وفي الركعتين الأخريين بأم الكتاب ويسمعنا الآية ويطول في الركعة الأولى ما لا يطول في الركعة الثانية، وهكذا في العصر، وهكذا في الصبح )) «رەسۇلۇللا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پېشىن نامىزىنىڭ ئالدىنقى ئىككى رەكئىتىنىڭ ھەر بىرىدە سۈرە فاتىھەدىن كېيىن بىر سۈرە قۇشۇپ ئۇقۇيتتى. كېيىنكى ئىككى رەكئىتىدە سۈرە فاتىھەنىلا ئۇقۇيتتى. رەسۇلۇللاھ ئۆز قىرائىتىنى بىزنىڭ ئاڭلىيالىشىمىز ئۈچۈن ئاۋازىنى (بىراز) كۆتۈرەتتى. رەسۇلۇللاھ بىرىنچى رەكئەتنى ئىككىنچى رەكئەتكە قارىغاندا ئۇزۇنراق ئوقۇيتتى. ئەسىر نامىزى بىلەن بامدات نامىزىدىمۇ مۇشۇ شەكىلدە ئوقۇيتتى.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم نەقىل قىلغان ھەدىس. لەۋزى بۇخارىغا ئائىت)
بىراق، دەسلەپكى ئىككى رەكئەتتە ئوخشاش مىقداردىكى سۈرە ئوقۇلسا، ياكى ئىككىنچى رەكئەتتە ئوقۇلغان سۈرە-ئايەتلەرنىڭ مىقدارى بىرىنچى رەكئەتتىكىدىن ئۇزۇنراق بولۇپ قالسا، بۇمۇ دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بەزى ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق ئۇقۇغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ جۈمە نامىزىدا سۈرە ئەئلا بىلەن سۈرە غاشىيەنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ھەققىدە سەھىھ ھەدىسلەر مەۋجۇت، ئىككىنچى رەكئەتتە ئوقۇلغان غاشىيە سۈرىسى بىرىنچى رەكئەتتە ئوقۇلغان ئەئلا سۈرىسىدىن بىراز ئۇزۇن.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەندۇر، دۇرۇت ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار:
ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى باز، ئابدۇللا ئىبنى قائۇد، ئابدۇللا ئىبنى غاديان، ئابدۇرازاق ئەفىفى