ئىبنى ئۇسەيمىن | بامدات نامىزىنى ۋاقتى چىقىپ كەتكەنگە قەدەر كېچىكتۈرگەن كىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
جاۋاب: بامدات نامىزىنى ۋاقتى چىقىپ كەتكەنگە قەدەر كېچىكتۈرگەن كىشىلەر ئەگەر مۇشۇنداق قىلىشنى ھالال دەپ قارىسا، بۇنداق كىشى ئاللاھقا نىسبەتەن كاپىر بولىدۇ. چۈنكى، ئۆزرىسىز ھالەتتە نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكۈچە ناماز ئوقۇماسلىقنى ھالال دەپ قارىغان كىشى كىتابقا، سۈننەتكە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجماسىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.
نامازنى ۋاقتى چىقىپ كەتكەنگە قەدەر ئوقۇماسلىقىنى ھالال دەپ قارىماستىن، بۇنداق قىلىش بىلەن گۇناھكار بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، بىراق نەپسى ياكى ئۇيقۇسىغا غالىپ كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالمىغان كىشىنىڭ دەرھال ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى ۋە بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇمايدىغان بۇ ئېغىر قىلمىشىدىن ۋاز كېچىشى پەرزدۇر. ئەڭ ئەشەددىي كاپىرلار ئۈچۈنمۇ تەۋبە دەرۋازىسى ئوچۇقتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«ئېيتقىنكى: (گۇناھلارنى قىلىۋېرلىپ) ئۆزلىرىگە قارشى جىنايەت ئىشلىگەن ئى بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان مۆمىن بەندىسىنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.» (سۈرە زۇمەر، 53-ئايەت)
نامازلىرىنى ۋاقتىدا ئوقۇمايدىغان بۇ خىل كىشىلەرنى بىلىدىغانلار ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشى ۋە ياخشىلىققا باشلىشى كېرەك. بۇنداق كىشىلەر ئەگە تەۋبە قىلسا مەسىلە يوق. تەۋبە قىلمىسا، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ مەجبۇرىيەتتىن قۇتۇلۇشى، بۇ خىل ۋە بۇنىڭ ئوخشىشىدىكى كىشىلەرنى جازالىشى ئۈچۈن مەزكۇر كىشىنىڭ نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇمايدىغان قىلمىشىنى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە بىلدۈرۈشى كېرەك بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر. (مەنبە: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن، فەتۋا ئەركانۇل ئىسلام، 189-نومۇرلۇق پەتىۋا)