ناماز ئوقۇش قائىدىسى
ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
بسم الله الرحمن الرحيم
جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر. دۇرۇت ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن.
بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقى ھەققىدىكى قىسقىچە باياندۇر. بۇ رىسالىنى نامازلىرىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوقۇغاندەك ئوقۇشقا غەيرەت كۆرسىتىشى ئۈمىدىدە بارچە مۆمىن ئەر ۋە مۆمىنە ئاياللارغا تەقدىم قىلىمەن. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«صلوا كما رأيتموني أصلي »«نامازنى مېنىڭ ئوقۇغۇنىمنى كۆرگىنىڭلاردىكىدەك ئوقۇڭلار.»(بۇخارى 595؛ دارىمى 1225)
(ناماز ئوقۇشتىكى قائىدە تەرتىپلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت)
[1] تاھارەتنى كامىل ئېلىش.
كىشى تاھارەتنى ئاللاھ قۇرئاندا بۇيرۇغىنىدەك كامىل ئېلىشى كېرەك. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿يا أيُّها الَّذِينَ آمَنُوا إذا قُمْتُمْ إلى الصَّلاةِ فاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وأيْدِيَكُمْ إلى المَرافِقِ وامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وأرْجُلَكُمْ إلى الكَعْبَيْنِ﴾ تەرجىمىسى:«ئى مۆمىنلەر! ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭلاردا (ئەگەر تاھارەتسىز بولساڭلار) يۈزۈڭلارنى ۋە ئىككى قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار. بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، ئىككى پۇتۇڭلارنى ھوشۇقڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار….» (سۈرە مائىدە، 6-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((لا تقبل صلاة بغير طهور))«تاھارەتسىز ھالدا ئوقۇلغان ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ.» (تىرمىزى-تاھارەت- 95؛ ئەبۇ داۋۇد -تاھارەت-157؛ ئىبنى ماجە-تاھارەت ۋە سۈننەتلىرى-553؛ مۇسنەد ئەھمەد 5\213) ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ كامىل تاھارەتلىك بولۇشى كېرەكلىكىنىڭ سۈننەتتىكى دەلىللىرىدىن يەنە بىرى شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى ناتوغرا ئوقۇغۇچىغا مۇنداق بۇيرۇشىدۇر: ((إذا قمت إلى الصلاة فأسبغ الوضوء))«ناماز ئوقۇماقچى بولساڭ تاھارەتنى كامىل ئالىسەن…» (بۇخارى 5782، 6174؛ ئەبۇ داۋۇد 730؛ ئىبنى ماجە 441)
[2] قىبلىگە يۈزلىنىش.
قىبلىگە يۈزلىنىش — كىشىنىڭ نەپلە ياكى پەرز ناماز ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ يۈزى ۋە بەدىنىنى قىبلە تەرەپكە توغرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. نىيەتنى دىلىدا قىلىدۇ، نىيەتنى تىلىدا ئېتيمايدۇ. چۈنكى، (ئىبادەتلەردە) نىيىتىنى تىلىدا ئېيتىش شەرىئەتتە بەلگىلەنمىگەن. رەسۇلۇللاھمۇ، ساھابىلەرمۇ نىيىتىنى تىلىدا ئېيتمىغان.
كىشى نامازنى مەيلى ئۆز ئالدىغا يالغۇز ئوقۇسۇن، ياكى ئىمام بولۇپ ئوقۇسۇن، ئالدىدا سۈترە بولۇشى كېرەك. نامازدا قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش نامازنىڭ نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بىرىدۇر. مەلۇم ئەھۋاللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، بۇ مۇستەسنالىق ئەھلى ئىلىمنىڭ (مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىدە) بايان قىلىنغان.
[3] (ناماز ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ، قىبلىگە يۈ كەلتۈرۈپ) ئۆرە تۇرغان ھالەتتە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى كۆز نامازخان ئۆزى سەجدە قىلىدىغان سەجدىگاھقا توغرىلىنىدۇ.
[4] (ناماز باشلاش ئۈچۈن دېيىلىدىغان «ئاللاھۇ ئەكبەر» — <تەكبىرەتۇل ئىھرام> دەپ ئاتىلىدۇ) كىشى تەكبىرەتۇل ئېھرام ئوقۇش بىلەن بىرگە ئىككى قولىنى مۈرەىسى باراۋىرىدە ياكى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى باراۋىرىدە كۆتۈرىدۇ.
[5] (ئاندىن) ئوڭ قولىنى سول قولى ئۈستىگە قويۇپ، ئىككى قول بىرلىكتە كۆكرەك باراۋىرىدە قويىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق قىلاتتى.
[6] (بۇنىڭدىن كېيىن) «ئىستىفتاھ دۇئاسى» (باشلاش دۇئاسى) ئوقۇش سۈننەتتۇر. رەسۇلۇللاھ ئوقۇغان مۇنۇ ئىستىفتاھ دۇئاسىنى ئوقۇسا بولىدۇ:«اللهم باعد بيني وبين خطاياي كما باعدت بين المشرق والمغرب، اللهم نقني من خطاياي كما ينقى الثوب الأبيض من الدنس، اللهم اغسلني من خطاياي بالماء والثلج والبرد» «ئى رەببىم! ….»(بۇخارى 744؛ مۇسلىم 598؛ نەسائى 895؛ ئەبۇ داۋۇد 781؛ ئىبنى ماجە 805؛ مۇسنەد ئەھمەد 2\231؛ دارىمى 1244) ياكى مۇنۇ ئىستىفتاھ دۇئاسىنى ئوقۇسا بولىدۇ:«سبحانك اللهم وبحمدك، وتبارك اسمك وتعالى جدك ولا إله غيرك» (تىرمىزى 242؛ نەسائى 900؛ ئەبۇ داۋۇد 775؛ ئىبنى ماجە 804؛ مۇسنەد ئەھمەد 3\50؛ دارىمى 1239) ياكى يۇقىرىقىلاردىن باشقا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئوقۇغانلىقى ئىسپاتلانغان دۇئالاردىن قايسى بىرىنى ئوقۇسا بولىدۇ. بەزىدە ئۇ خىل، بەزىدە بۇ خىل ئىستىفتاھ دۇئالىرىنى ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، بۇنداق قىلىش رەسۇلۇللاھقا ئەڭ كامىل رەۋىشتە ئەگىشىش جۈملىسىدىندۇر. (يۇقىرىقى ئىستىفتاھ دۇئالىرىدىن خالىغان بىرىنى ئوقۇش مۇستەھەپ – قىلىنسا ساۋاب بېرىلىدىغان، قىلىنمىسا گۇناھ يېزىلمايدىغان – ئەمەل بولۇپ، ناماز باشلاپ قۇلاق قاققاندىن كېيىن، يۇقىرىقى دۇئا-ھەمدۇ،سانالاردىن ھېچبىرىنى ئوقۇماستىنلا تۆۋەندىكى باسقۇچقا ئۆتۈپ كېتىش دۇرۇس. بۇ دۇئانىڭ ئەڭ كەمىدە بىرىنى ئۆگىنىپ قويۇش كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىدۇ. -ت)
ئاندىن «أعوذ بالله من الشيطان الرجيم، بسم الله الرحمن الرحيم» دەيدۇ، ئاندىن سۈرە فاتىھەنى ئوقۇيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«لا صلاة لمن لم يقرأ بفاتحة الكتاب»«نامازدا سۈرە فاتىھە ئوقۇمىچىنىڭ نامىزى يوقتۇر.»(بۇخارى 714؛ مۇسلىم 595؛ تىرمىزى 230؛ نەسائى 901) سۈرە فاتىھەدىن كېيىن «ئامىن» دەيدۇ. «ئامىننى» قىرائىتى ئاشكارا ئوقۇلىدىغان نامازلاردا ئۈنلۈك دەيدۇ، (قىرائىتى مەخپىي ئوقۇلىدىغان نامازدا مەخپىي دەيدۇ.) ئاندىن، قۇرئاندىن ئۆزىگە ئاسان بولغاننى ئوقۇيدۇ.
رۇكۇ
[7] (ئاندىن) ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسى باراۋىرىدە ياكى ئىككى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى باراۋىرىدە كۆتۈرۈپ رۇكۇ قىلىدۇ. رۇكۇدا بېشىنى بىلەن دۈمبىسى پاراللىل ھالەتتە تۇتىدۇ. ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىنى ئاچقان ھالەتتە ئىككى تىزىنى قاماللاپ تۇتىدۇ. رۇكۇدا «سبحان ربي العظيم» (سۇبھانە رەببىيەل ئەزىيم) دەيدۇ. بۇنى رۇكۇدا ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ دېيىشى ئەۋزەلدۇر. بۇنى دېگەندىن كېيىن «سبحانك اللهم ربنا وبحمدك، اللهم اغفر لي» دېيىشى مۇستەھەب. رۇكۇدا كامىل تۇرىدۇ.
[8] (ئاندىن) رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، قوللىرىنى ئىككى مۈرىسى ياكى ئىككى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى باراۋىرىدە كۆتۈرىدۇ ۋە (نامازدا ئىمام بولغۇچى ياكى ئۆز ئالدىغا ناماز ئوقۇغۇچى) «سمع الله لمن حمده» (ئاللاھ ئۆزىگە ھەمدە ئېيتقۇچىنىڭ ھەمدىسىنى ئاڭلايدۇ، دېگەن مەنىدە) دەيدۇ. بۇ ھالەتتە ئۆرە تۇرغان ھالەتتە مۇنداق دەيدۇ: «ربنا ولك الحمد حمدا كثيرا طيبا مباركا فيه ملء السماوات وملء الأرض وملء ما بينهما وملء ما شئت من شيء بعد» (بۇخارى 799؛ نەسائى 1062؛ ئەبۇ داۋۇد 770؛ مۇسنەد ئەھمەد 4\340؛ مۇۋەتتا مالىك 491)
ئەگەر، كىشى ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغان بولسا، ئىمام رۇكۇدىن تۇرۇپ «سمع الله لمن حمده» دېگەندە، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى «ربنا ولك الحمد» دەيدۇ ۋە داۋامىدا يۇقىرىدىكى ھەمدىنى ئوقۇيدۇ. رۇكۇدىن ئۆرە تۇرغاندا ئىمامنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلغۇچىلارنىڭ رۇكۇدىن ئاۋۋالقىدەك، ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى قاماللاپ كۆكرىكى ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇشى مۇستەھەبتۇر. ساھابىلەردىن ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر ۋە سەھل ئىبنى سەئد (ئاللاھ بۇ ئىككەيلەندىن رازى بولسۇن) ئىككەيلەندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقى نەقىل قىلىنغان.
[9] (ئاندىن) «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتقان ھالەتتە — ئۆزىگە ئاسان توختىغان تەقدىردە — ئاۋۋال ئىككى تىزىنى، ئاندىن ئىككى قولىنى (سەجدە قىلىش ئۈچۈن) يەرگە قويىدۇ. ئەگەر ئىككى تىزىنى ئىككى قولىدىن ئاۋۋال يەرگە قويۇپ سەجدە قىلىشتا قىيىنچىلىق بولىدىغان ئەھۋال بولسا ئىككى قولىنى ئىككى تىزىدىن ئاۋۋال يەرگە قويىدۇ. سەجدىدە قول ۋە پۇتنىڭ بارماقلىرى قىبلىگە قارىتىلىدۇ. ئالقىنى ئېچىلىدۇ، ئىككى قولنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسى ئېچىلىماستىن، بارماقلار ئۆز-ئارا جىپىسلاشقان ھالەتتە بولىدۇ. سەجدىدە يەتتە ئەزا باراۋەر سەجدە قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ يەتتە ئەزا پېشانە، بۇرۇن، ئىككى قول، ئىككى تىز، ئىككى پۇتنىڭ بارماقلىرىدىن ئىبارەت. سەجدىدە «سبحان ربي الأعلى» دەيدۇ، بۇنى ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ (تاق) قېتىم تەكرارلايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن سەجدىدە «سبحانك اللهم ربنا وبحمدك، اللهم اغفر لي» دېيىش مۇستەھەب. سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىۋېلىشمۇ مۇستەھەب. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أما الركوع فعظموا فيه الرب، وأما السجود فاجتهدوا في الدعاء فقمن أن يستجاب لكم))«رۇكۇدا رەببىڭلارنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلاڭلار، سەجدىدە دۇئاغا كۈچەڭلار، چۈنكى سەجدىدە دۇئايىڭلار ھەممىدىن بەك ئىجابەت بولۇشى مۇمكىن.» (مۇسلىم 738؛ ئەبۇ داۋۇد 742؛ مۇسمەد ئەھمەد 1260) مەيلى نەپلە نامازدا بولسۇن، مەيلى پەرز نامازدا بولسۇن ئاللاھتىن دۇنيانىڭ ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن سوراش مۇستەھەبتۇر. سەجدىدە ئىككى بېلىكىنى بىقىنىغا چاپلاپ تۇتۇۋالماسلىق، ئىككى يوتىنى قورساققا چاپلىۋالماسلىق، ياكى ئىككى يۇتىنى پاچىقى چاپلىۋالماسلىق كېرەك. شۇنداقلا، سەجدىدە ئىككى جەينەك يەرگە تېگىپ قالماسلىقى لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ((اعتدلوا في السجود ولا يبسط أحدكم ذراعيه انبساط الكلب))«سەجدىنى ئۆلچەملىك قىلىڭلار. ئىتقا ئوخشاش ئىككى بېلىكىڭلارنى يەرگە چاپلىۋالماڭلار.» (بۇخارى 779؛ مۇسلىم 762؛ نەسائى 1098)
[10] (ئاندىن) «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتقان ھالەتتە سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرىدۇ. سول پۇتىنى يەرگە يېيىپ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ، ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ (ئوڭ پۇتنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە قاراتقان ھالەتتە) ئولتۇرىدۇ، ئىككى قول ئىككى تىز بىلەن ئىككى يوتىنىڭ تۇتاشقان جايىغا قويۇلىدۇ. مۇشۇ ھالەتتە «ب اغفر لي وارحمني واهدني وارزقني وعافني واجبرني» دەيدۇ (مۇسلىم 2696؛ مۇسنەد ئەھمەد 1\185) ۋە ئۈگە-ئۈگەلەر ئۆز جايىغا چۈشكەن ھالەتتە راۋۇرۇس ئولتۇرىدۇ.
[11] (ئاندىن) «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ (ئىككىنچى قېتىملىق) سەجدە قىلىدۇ. ئىككىنچى سەجدىدە بىرىنچى سەجدىكىنىڭ ئوخشىشىنى قىلىدۇ.
[12] (ئاندىن) «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرىدۇ، ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئولتۇرغىنىدەك ئاز مۇددەت ئولتۇرىدۇ. بۇ خىل ئولتۇرۇشنى «جلسة الاستراحة» «ئىستىراھەت ئولتۇرۇشى» دەيمىز. ئىستراھەت ئولتۇرۇشى مۇستەھەب بولۇپ، بۇ ئولتۇرۇشنى تەرك ئېتىش دۇرۇس. ئىككىنچى سەجدىدىن كېيىنكى ئولتۇرۇشتا (ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشقا ئوخشاش) زىكىر ۋە دۇئا بولمايدۇ. ئاندىن ئىككىنچى رەكئەت ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدۇ. تۇرغاندا ئەگەر مۈشكۈلچىلىك بولمىسا ئىككى تىزىغا تايىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇنىڭدا قىيىنچىلىق بولسا (ئىككى قولى بىلەن) يەرگە تايىنىش ئارقىلىق ئىككىنچى رەكئەتكە قوپىدۇ.
ئىككىنچى رەكئەتتە سۈرە فاتىھەنى ئوقۇيدۇ، سۈرە فاتىھەدىن كېين باشقا سۈرە-ئايەتلەرنى ئوقۇيدۇ. ئاندىن، بىرىنچى رەكئەتتىكىگە ئوخشاش ھالەتتە نامازنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
[13] ئەگەر ئوقۇلغان ناماز بامدات نامىزى، ھېيىت نامىزى، جۈمە نامىزى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىككى رەكئەتلىك ناماز بولسا، ئىككىنچى رەكئەتنىڭ ئىككى سەجدىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ، سول پۇتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ. ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ تىزىغا يېقىن يېرىگە قويۇپ، ئالقىنىنى يۇمىدۇ. كۆرسەتكۈچ بارمىقىدىن باشقا ھەممە بارماقلىرى يۇمۇلغان ھالەتتە بولىدۇ. تەۋھىدنىڭ نىشانى سۈپىتىدە كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى كۆتۈرۈپ تۇتىدۇ. سول قول سول يوتىنىڭ تىزغا يېقىن يېرىگە قويىلىدۇ. ئوڭ قولنىڭ چىمچىلاق ۋە نامسىز بارمىقىنى يۇمۇپ، باش بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماقنى ھالقا شەكلىگە كەلتۈرۈپ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى كۆتۈرۈپ تۇتۇسىمۇ بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەر بىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ناماز ئوقۇش شەكلى جۈملىسىدىن. بەزىدە ھەممە بارماقنى يۇمۇپ كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارە قىلىپ، يەنە بەزىدە چەتتىكى ئىككى بارماقنى يۇمۇپ، باش بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماقنى تەگكۈزۈپ چەمبەر ھاسىل قىلىپ، كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارە قىلىش — يەنى، بەزى نامازدا باشتىكىنى، بەزى نامازدا كېيىنكىسىنى قىلىش ئەۋزەلدۇر. ئوڭ قولنىڭ ئوڭ يوتىسى بىلەن تىزىنىڭ تۇتاشقان جايىغا قويىدۇ ۋە مۇشۇ خىل شەكىلدە ئولتۇرغان ھالەتتە تەشەھھۇد ئوقۇيدۇ. تەشەھھۇد دۇئاسى مۇنداق:«التحيات لله والصلوات والطيبات، السلام عليك أيها النبي ورحمة الله وبركاته السلام علينا وعلى عباد الله الصالحين، أشهد أن لا إله إلا الله، وأشهد أن محمدا عبده ورسوله، اللهم صل على محمد وعلى آل محمد كما صليت على إبراهيم وآل إبراهيم إنك حميد مجيد، وبارك على محمد وعلى آل محمد كما باركت على إبراهيم وآل إبراهيم إنك حميد مجيد» (بۇخارى 831؛ مۇسلىم 402؛ نەسائى 1298؛ ئەبۇ داۋۇد 968؛ ئىبنى ماجە 899؛ مۇسنەد ئەھمەد 1\428؛ دارىمى 1340) ئاندىن تۆت نەرسىدىن پاناھ تىلەپ مۇنداق دۇئا قىلىدۇ:«اللهم إني أعوذ بك من عذاب جهنم، ومن عذاب القبر، ومن فتنة المحيا والممات، ومن فتنة المسيح الدجال» (بۇخارى 1388؛ مۇسلىم 588؛ تىرمىزى 3604؛ نەسائى 5506؛ ئەبۇ داۋۇد 983؛ ئىبنى ماجە 909؛ مۇسنەد ئەھمەد 2\523؛ دارىمى 1244) ئاندىن ئۆزى خالىغان، دۇنيا ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق دۇئالارنى قىلسا بولىدۇ. تەشەھھۇدتا — مەيلى پەرز نامازنىڭ تەشەھھۇدى بولسۇن، مەيلى نەپلە نامازنىڭ تەشەھھۇدى بولسۇن — ئاتا-ئانىسى ۋەياكى باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىشى دۇرۇس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تەشەھھۇد ھەققىدىكى مۇنۇ دۇئاسىنىڭ ھۆكمى ئومۇمىيدۇر: ((ثم ليتخير من الدعاء أعجبه إليه فيدعو)) «(تەشەھھۇدتا) ئۆزى ياقتۇرغان خالىغان دۇئانى قىلسا.» (بۇخارى 1377؛ مۇسلىم 588؛ تىرمىزى 3204؛ نەسائى 5506؛ ئەبۇ داۋۇد 983؛ ئىبنى ماجە 909؛ مۇسنەد ئەھمەد 2\523؛ دارىمى 1344) باشقا بىر ھەدىستە ((ثم ليتخير بعد من المسألة ما شاء)) «ئاندىن ئۆزى خالىغان ئىش ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن» دەپ كەلگەن. (مۇسلىم 609) بۇ كىشىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىقىدىكى پايدىلىق ئىشلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشىنىڭ يوللۇقلىقى جەھەتتىكى ئومۇمىي دەلىلدۇر. ئاندىن، «السلام عليكم ورحمة الله» دەپ ئوڭ تەرىپىگە، يەنە «السلام عليكم ورحمة الله» دەپ سول تەرىپىگە سالام بېرىپ، نامازنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
[14] ئەگەر ناماز شام نامىزىدەك ئۈچ رەكئەتلىك، ياكى پېشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن نامازلىرىدەك تۆت رەكئەتلىك بولسا، ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىنكى تەشەھھۇدتا ئولتۇرىشىدا تەشەھھۇد دۇئاسىنى ئوقۇپ، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت-سالام يوللاپ بولغاندىن كېيىن ئىككى تىزىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسى ياكى ئىككى قۇلىقىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرىدۇ. ئاندىن، باشتا بايان قىلغىنىمىزدەك ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئىككى قولىنى كۆكرىكىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ. (مەيلى ئۈچ رەكئەتلىك، مەيلى تۆت رەكئەتلىك نامازلاردا بولسۇن، ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن، مەيلى ئۈچىنچى، مەيلى تۆتىنچى رەكئەتلەر ئۈچۈن) پەقەت سۈرە فاتىھەنىلا ئوقۇيدۇ. بەزى ھاللاردا، پېشىننىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتلىرىدە فاتىھەدىن كېيىن سۈرە-ئايەت ئوقۇسا، بۇنىڭدا مەسىلە يوق. چۈنكى، ئەبۇ سەئدى خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇلالھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇشۇنداق قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.
تۇنجى قېتىملىق تەشەھھۇد ئولتۇرىشىدا (يەنى ئۈچ رەكئەتلىك ياكى تۆت رەكئەتلىك نامازلاردا ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىنكى ئولتۇرۇشتا) تەشەھھۇد دۇئاسىدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە «ئاللاھۈممە سەللى ئەلا… ئاللاھۈممە بارىك ئەلا…»دېگەن سەللى بارىك دۇئاسىنى ئوقۇشنى تەرك ئەتسە ھېچقىسى يوق، بۇ دۇرۇس. چۈنكى، تۇنجى قېتىملىق تەشەھھۇد سەللى-بارىك دۇئاسىنى ئوقۇش پەرز ئەمەس، مۇستەھەب ھېسابلىنىدۇ.
ئۈچ رەكئەتلىك شام نامىزىنىڭ ئۈچىنچى رەكئىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ (ئىككىنچى ) ئىككىنچى تەشەھھۇدتا ئولتۇرىدۇ. تۆت رەكئەتلىك پېشىن، ئەسىر، خۇپتەن نامىزىنىڭ تۆتىنچى رەكئىتىنى تۈگىتىپ ئىككىنچى تەشەھھۇدتا ئولتۇرىدۇ. بۇ ئىككىنچى تەشەھھۇد (تىكى سۆز ۋە پېئىللار) يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى رەكئەتلىك نامازنىڭ تەشەھھۇدى بىلەن ئوخشاش. ئىككى رەكئەتلىك نامازدىكى ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىنكى تەشەھھۇدتا، ئۈچ ياكى تۆت رەكئەتلىك نامازدىكى ئۈچىنچى، ياكى تۆتىنچى رەكئەتتىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق تەشەھھۇدتا [13] رەقەمدىكى تەشەھھۇد دۇئاسى، سەللى-بارىك دۇئاسى ۋە باشقا ئۆزى خالىغان دۇئالارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ ۋە سولغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا «السلام عليكم ورحمة الله» دەپ سالام بېرىپ نامازنى ئاخىرلاشتۇرىلىدۇ.
نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر رەت تەرتىپى بويىچە مۇنۇلاردىن ئىبارەت
- «اللهم أنت السلام ومنك السلام تباركت يا ذا الجلال والإكرام، لا إله إلا الله وحده لا شريك له، له الملك وله الحمد، وهو على كل شيء قدير، لا حول ولا قوة إلا بالله، اللهم لا مانع لما أعطيت ولا معطي لما منعت، ولا ينفع ذا الجد منك الجد، لا إله إلا الله ولا نعبد إلا إياه، له النعمة وله الفضل، وله الثناء الحسن، لا إله إلا الله مخلصين له الدين ولو كره الكافرون» (مۇسلىم 592؛ تىرمىزى 298؛ نەسائى 1338؛ ئەبۇ داۋۇد 1512؛ ئىبنى ماجە 924؛ مۇسنەد ئەھمەد 6\62؛ دارىمى 1347)
- ئاندىن، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم «سۇبھاناللاھ»، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم «ئەلھەمدۇلىللاھ»، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ، يۈزىنچى قېتىمدا «لا الله إلا الله وحده لا شريك له، له الملك وله الحمد، وهو على كل شيء قدير» دەيدۇ. (بۇخارى 844؛ مۇسلىم 593؛ نەسائى 1341؛ ئەبۇ داۋۇد 1505؛ مۇسنەد ئەھمەد 4\245؛ دارىمى 1349)
- ئاندىن، ئايەتۇل كۇرسىنى ئوقۇيدۇ، ئاندىن سۈرە ئىخلاسنى، سۈرە فەلەقنى ۋە سۈرە ناسنى ئوقۇيدۇ. بۇ ئۈچ سۈرە ھەر نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. بۇ ئۈچ سۈرىنى بامدات ۋە شام نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم تەكرار ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. يۇقىرىقى زىكىرلەرنىڭ ھەممىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدىن كېيىن ئوقۇغان زىكىرلەردۇر. شۇنداقلا، بۇ زىكىرلەرنى ئوقۇش پەرز ئەمەس، مۇستەھەب (يەنى سۈننەت) تۇر.
ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر ۋە مۇسۇلمان ئايالنىڭ بىر كېچە-كۈندۈز ئىچىدە 12 رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇشى مۇستەھەبتۇر\سۈننەتتۇر. بۇ ئون ئىككى رەكئەت نامازنىڭ تۆت رەكئىتى پېشىن نامىزىدىن ئىلگىرى، ئىككى رەكئىتى پېشىن نامىزىدىن كېيىن، ئىككى رەكئىتى شام نامىزىدىن كېيىن، ئىككى رەكئىتى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن، ۋە ئىككى رەكئىتى بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدۇ. بۇ ئون ئىككى رەكئەتلىك سۈننەت ناماز «راۋاتىب» سۈننەت نامازلار (يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەشۋىق قىلغان، ئۆزىمۇ ئىزچىل ئوقۇغان نامازلار) دەپ ئاتىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ سۈننەت نامازلارنى مۇقىم چاغدا ئوقۇغان، ئەمما، سەپەردىكى-مۇساپىرلىق ھالىتىدىكى چاغلاردا بۇلاردىن پەقەت پەرز نامازغا قوشۇپ بامداتنىڭ سۈننىتىنى ۋە ۋىتىر نامىزىنىلا ئوقۇغان. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بامداتنىڭ سۈننىتى ۋە ۋىتىر نامىزى مەيلى مۇقىم، مەيلى سەپەردىكى-مۇساپىر ھالىتىدە ئوخشاشلا تەرك ئەتمەستىن ئوقۇغان.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن، بۇ راۋاتىپ سۈننەتلەرنى ۋە ۋىتىر نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أفضل الصلاة صلاة المرء في بيته إلا المكتوبة))«پەرز نامازدىن باشقا نامازلارنى ئۆيدە ئوقۇش كىشى ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزەلدۇر.» (بۇخارى 689؛ مۇسلىم 1301؛ تىرمىزى 412) بۇ نامازلارنى مەسجىدتە ئوقۇسىمۇ دۇرۇس.
بۇ نامازلارنى تاشلاپ قويماي داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرى جۈملىسىدىندۇر. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((من صلى اثنتي عشرة ركعة في يومه وليلته تطوعا بنى الله له بيتا في الجنة))«كىمكى بىر كېچە-كۈندۈزدە ئون ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلىدۇ.»(مۇسلىم 1198؛ ئەبۇ داۋۇد 1059؛ نەسائى 1773)
ئەسىر نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇشتىن ئاۋۋال تۆت رەكئەت، شام نامىزىدىن ئاۋۋال ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بۇ ھەقتە ئوقۇغان سەھىھ ھەدىس بۇنىڭغا دەلىلدۇر. ئەگەر پېشىن نامىزىدىن ئاۋۋال تۆت رەكئەت، پېشىن نامىزىدىن كېين تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇشمۇ مۇستەھەبتۇر. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((من حافظ على أربع ركعات قبل الظهر وأربع بعدها حرمه الله تعالى على النار)) «كىمكى پېشىن نامىزىدىن ئاۋۋال تۆت رەكئەت، پېشىن نامىزىدىن كېيىن تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا دوزاخنى ھارام قىلىدۇ.» (تىرمىزى 393؛ ئەبۇ داۋۇد 1077؛ مۇسنەد ئەھمەد 25547) بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە سۈنەن ئەھلى ئۇممۇ ھەبىبەدىن سەھىھ ئىسناد بىلەن نەقىل قىلغان.
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە، قىيامەتكە قەدەر بۇلارغا ياخشىلىقتا ئەگەشكەن بارچە مۆمىنلەرگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن. (ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋالار ۋە ماقالىلەر توپلىمى، 11-جىلد، 7-17-بەتلەر) مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com