يات ئەرلەر بار جايدا ناماز ئوقۇغان ئايال قانداق قىلىدۇ؟ | ھەرەم پەتىۋا ئورگىنى

يات ئەرلەر بار جايدا ناماز ئوقۇغان ئايال قانداق قىلىدۇ؟

سوئال: نامەھرەم ئەرلەر بار بولغان جايدا — مەسىلەن، ھەرەم مەسجىدى قاتارلىق جايلاردا — ناماز ئوقۇماقچى بولغان ئايال نامىزىنى قانداق ئوقۇيدۇ؟ شۇنىڭدەك، سەپەر قىلىۋاتقان ئايال ئاياللار ئۈچۈن ناماز ئوقۇش ئورنى بولمىغان ئەھۋالدا نامىزىنى قانداق ئوقۇيدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابدۇررازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان

جاۋاب: ئايال كىشى ناماز ئوقۇغاندا بەدىنىنىڭ قولى بىلەن يۈزىدىن باشقا ھەممە يېرىنى يۆگىشى پەرز. بىراق، يات ئەرلەر بار ئەھۋالدا ناماز ئوقۇغان ئايالنىڭ نامىزىنى يۈزى ۋە قولىنى، شۇنداقلا بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى يۆگىگەن ھالەتتە ناماز ئوقۇشى پەرزدۇر.

مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر. رەسۇلۇللاھقا، ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلەرگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.

مەنبە: فەتۋا لەجنەتۇد دائىمە، 7-342، 13452-نومۇرلۇق پەتىۋا

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ