224- سوئال: ئەگەر مۇساپىر- يولۇچى تۆت رەكئەتلىك نامازنىڭ ئاخىرقى ئىككى رەكئىتىدە مۇقىم ئىمامغا ئۈلگۈرگەن بولسا، نامازنى قەسىر قىلىش نىيىتىدە باشلاپ، ئىمام بىلەن بىرگە سالام بېرىپ نامازدىن چىقسا دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاپ: ئەگەر مۇساپىر مۇقىم ئىمامغا ئىقتىدا قىلسا، نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇشى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىمامغا ئۈلگۈرەلىگىنىڭلارنى ئۇقۇڭلار، ئۆتۈپ كەتكىنىنى تولۇقلاپ ئوقۇۋېلىڭلار.» (بۇخارى، مۇسلىم)
مۇشۇ ھۆكۈمگە ئاساسەن، ئەگەر مۇساپىر ئاخىرقى ئىككى رەكئەتتە ئىمامغا ئۈلگۈرسە، ئۇ ئىمامنىڭ سالىمىدىن كېيىن چوقۇم ئىككى رەكئەت تولۇقلاپ ئوقۇشى كېرەك. مۇقىم ئىمامغا ئىتقىدا قىلغان بۇ كىشىنىڭ نامىزىنى قەسىر قىلىپ ئوقۇپ، ئىككى رەكئەت تۈگىگەندىن كېيىن ئىمام بىلەن تەڭ سالام بېرىپ نامازدىن چىقىشى دۇرۇس ئەمەس. ئاللاھ توغرىسىنى بىلگىچىدۇر. (مەنبە: فەتۋا ئەركانۇل ئىسلام، 224-نومۇرلۇق پەتىۋا)