پەرز نامازغا ئىقامەت ئوقۇشقا ئازلا قالغاندا مەسجىدكە كىرگەن كىشى مەسجىد ھەققى نامىزىنى باشلامدۇ ياكى ئىمامنىڭ كېلىشىنى ساقلامدۇ؟

سوئال: بەزى كىشىلەر، پەرىز ناماز ئۈچۈن ئىقامەت ئوقۇشقا ئاز قالغاندا مەسچىتكە كىرسە، ئىمامنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ ئۆرە تۇرىدىكەن ۋە «تەھىييەتۇل مەسجىد» نامىزىنى ئوقۇمايدىكەن. بۇنداق قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

جاۋاپ: ۋاقىت تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزىنى ئوقۇشقا يەتمىگۈدەك دەرىجىدە قىسقا بولغان تەقدىردە، يۇقىرىقىدەك قىلىش دۇرۇس. ئەمما، ئىمامنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمىسە، «تەھىييەتۇل مەسچىت» نامىزىنى ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزىنى باشلىغىنىڭىزدا، ناۋادا سىز بىرىنجى رەكئەتنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭدا ئىمام كېلىپ پەرىز نامازغا تۇرسا، نامازنى بۇزۇپ، پەرز نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن ئىمامغا ئەگىشىسىز. ئەگەر ئىككىنچى رەكئەتنى ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنى يەڭگىل ئوقۇپ تاماملاپ، ئاندىن ئىمامغا يېتىشىسىز. (مەنبە: فەتۋا ئەركانۇل ئىسلام، 228-نومۇرلۇق پەتىۋا) مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ