ئاللاھقا بولغان تەقۋارىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز ئۈچۈن بىزگە نەسىھەت قىلىپ قويغان بولسىلا
سوئال: پەزىلەتلىك شەيخ، كۈنىمىزدە ئاللاھقا بولغان ئىتائىتىمىزنى ئاشۇرىدىغان، كۆڭلىمىزنى شادلاندۇرىدىغان ۋە بىزگە مەنپەئەت بېرىدىغان نەسىھەتلەرنى قىلىپ قويۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىزكى، بۇ نەسىلەتلەر ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىشىمىزنى ئارتتۇرغاي.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابدۇررازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد
جاۋاب: (بۇنىڭ ئۈچۈن) قۇرئاننى كۆپ ئوقۇشىڭىزنى، مەنىلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىپ، قۇرئان بىلەن ئەمەل قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. شۇنداقلا، قۇرئاننى چۈشىنىشتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشىڭىزنى؛ ھەمدە، ئىمام ئىبنى جەرىر تەبەرىي، ئىمام بەغەۋىي، ئىمام ئىبنى كەسىر ۋە بۇلارغا ئوخشاش ئىشەنچىلىك تەپسىر ئالىملىرىنىڭ تەپسىرلىرىدىن پايدىلىنىشىڭىزنى؛ بۇنىڭغا قوشۇپ، ھەدىس شەرھلەشتە مەشھۇر بولغان ھافىز ئىمام ئىبنى ھەجەر، ئىمام نەۋەۋى، ئىمام شەۋكاني قاتارلىق ئالىملارنىڭ (ھەدىسلەر شەرھلەنگەن) ئەسەرلىرىدىن — ئۇلارنىڭ خاتالىشىپ قالغان بەزى تەرەپلىرىدىن ئۆزىڭىزنى ساقلىغان ئاساستا — پايدىلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىمىز. ئاللاھ بىزنى ۋە ئۇلارنى مەغفىرەت قىلسۇن.
[فەتۋا لەجنەتۇد دائىمە، 12-جىلد، 344-بەت]
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
تېلگرام قانىلىمىز:https://t.me/tewhidnuri
تور بېتىمىز: https://mujtehid.com/