ئۇزۇن يىل ھىجاپسىز ناماز ئوقۇغان ئايال كىشى ھىجاپسىز ھالەتتە ئوقۇغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ | ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى

 ئۇزۇن يىل ھىجاپسىز ناماز ئوقۇغان ئايال كىشى ھىجاپسىز ھالەتتە ئوقۇغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟

ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنىدىن مۇنداق پەتىۋا سورالغان:
نامازنى ھىجابلىنىپ ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىنى بىلمىگەنلىكىمدىن، ئۇزاق يىللاردىن بېرى ھىجابسىز ھالەتتە ناماز ئوقۇدۇم. بۇ خىل ئەھۋالدا، تەخمىنەن ئالتە يىلدەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىتتىن بېرى ھىجابسىز ئوقۇغان پەرز ۋە نەپلە نامازلىرىمنىڭ قازاسىنى قىلىمەنمۇ؟

(پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابدۇررازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد)

جاۋاب: نامازدا يېپىشقا تېگىشلىك ئەۋرەتلەرنى يېپىپ ناماز ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىنى بىلمەسلىكىڭىز سەۋەبلىك نامازلىرىڭىزنى ھىجاپسىز ئوقۇغان بولسىڭىز، ھىجاپسىز ئوقۇغان بۇ نامازلىرىڭىزنىڭ قازاسىنى قىلمايسىز. بىراق، بۇ قىلمىشىڭىز سەۋەبلىك ئاللاھقا تەۋبە قىلىشىڭىز، سالىھ ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:«وَإِنِّي لَغَفَّارٌ لِمَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا ثُمَّ اهْتَدَى»«مەن تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان كىشىنى ئەلۋەتتە بەكمۇ مەغفىرەت قىلغۇچىمەن.» (سۈرە تاھا، 82-ئايەت) بۇ مەنىنى بىلدۈرىدىغان باشقا ئايەتلەرمۇ مەۋجۇت. شۇنى قىستۇرما قىلىمىزكى، ئايال كىشى ناماز ئوقۇغاندا ئۇنى كۆرۈپ قالىدىغان يات ئەركىشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، نامازلارنى يۈزىنى ئېچىپ ئوقۇيدۇ.

تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن. مەنبە: فتاوى اللجنة الدائمة، 6\178؛ پەتىۋا نومۇرى: 8708

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ