ھەدىسلەر بىزگە مۇنداق يېتىپ كەلدى (1)
مۇجتەھىدلەر تورى تەييارلىدى
ئىمام بۇخارى بىلەن زامانداش ياشىغان مەشھۇر ھەدىس ئىمامى ئەبۇ ھاتىمنىڭ ھەدىس ئۆگىنىش ۋە توپلاش سەپىرىدىن ئارىيە
ئەبۇ ئابدۇراھمان مۇنداق دەيدۇ: دادام (ئەبۇ ھاتىم رازى)نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: تۇنجى ھەدىس توپلاش سەپىرىم يەتتە يىل داۋاملاشتى. بۇ سەپەرگە يىگىرمە يېشىمدا چىقىپ يەتتە يىل (شەھەرلەر) ئارىسىدا يول يۈردۈم. بۇ سەپەرلىرىمنىڭ ھەممىسىنى پىيادە باستىم. ھىجرىيەنىڭ 213-يىلى رەي شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، مۇشۇ يىلى رامزان ئېيىدا مەككىگە كەلدىم. (تۇنجى قېتىملىق) ھەدىس توپلاش سەپىرىمدە ماڭغان مۇساپەمنى ھېساپلىغان ئىدىم، مىڭ پەرسەختىن كۆپراق چىقتى. (بىر پەرسەخ تەخمىنەن ئالتە كىلومېتىر ئەتراپىدا.) كۆپ قېتىملاپ كۇفەدىن باغداتقا، مەككىدىم مەدىنىگە (پىيادە) سەپەر قىلدىم. ئەمما بۇ شەھەرلەر ئارىسىدا قانچە قېتىم سەپەر قىلغىنىمنى ساناپ باقمىدىم. بەھرەيندىن پىيادە مېڭىپ مىسىرغا باردىم. ئاندىن مىسىردىن راملىگە، راملىدىن بەيتۇلمۇقەددەسكە باردىم. ئاندىن يەنە رەملەدىن ئەسقالانغا، تەبەرىيەگە، تەبەرىيەدىن دەمەشىقكە، دەمەشىقتىن ھۇمۇسقا، ھۇمۇستىن ئانتاكياغا، ئانتاكيادىن تارسۇسقا، تارسۇستىن ھۇمۇسقا، ھۇمۇستىن بەيسانغا، بەيساندىن رەققەگە، رەققىدىن باغداتقا باردىم. شامغا بېرىشتىن ئاۋۋال ۋاسىتتىن نىلغا، نىلدىن كۇفەگە باردىم. ھىجرىيە 221-يىلى (يۇرتۇمغا) قايتىپ كەلدىم. ھىجرىيە 242-يىلى قايتا ھەدىس سەپىرىگە چىقتىم، ئۈچ يىل (شەھەرلەرنى ئارىلاپ) 245-يىلى (يۇرتۇمغا) قايتىپ كەلدىم. (ئەلجەرھۇ ۋەتتەئدىل، 1\359)
ئىمام زەھەبى «سىيەر ئەئلام نۇبەلا» ناملىق ئەسىرىدە ئىمام بۇخارى بىلەن زامانداش ياشىغان مەشھۇر ھەدىس ئىمامى ئەبۇ ھاتىم رازىنىڭ مۇنۇ ۋەقەلىكىنى نەقىل قىلغان:
ئابدۇراھمان مۇنداق دەيدۇ: دادام (ئەبۇ ھاتىم رازى) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ھىجرىيە 214-يىلى (ھەدىس يولۇچىلىقى جەريانىدا) بەسرەدە سەككىز ئاي تۇردۇم. ئەسلىدە بەسرەدە بىر يىل تۇرۇشنى پىلانلىغان ئىدىم، ئەمما خىراجىتىم تۈگەپ كېتىپ سەككىز ئاي تۇرالىدىم. ھەمراھلىرىمدىن بىرى بىلەن ھەدىس شەيخلىرىنىڭ ئالدىغا باراتتىم ۋە كەچ كىرگۈچە ھەدىس ئاڭلايتتىم. ئاندىن، ھەمراھىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كېلەتتىم. ئۆيدە يېگۈدەك ھېچنەرسەم يوقتى. ئاچلىقىمنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن پەقەتلا سۇ ئىچەتتىم. تاڭ ئاتقىنىدا ھەمراھىم كېلەتتى ۋە قاتتىق ئاچلىق ھالىتىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھەدىس تىڭشاشقا ماڭاتتىم. شۇ كۈنلۈك ھەدىس مۇزاكىرىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەمراھىمدىن ئاچ ھالەتتە ئايرىلاتتىم. ئەتىسى تاڭ سەھەردە ھەمراھىم ئۆيۈمگە كېلىپ «شەيخ بۇ يەرگە كېلىدىغان بولدى» دېدى. مەن «ئەھۋالىم بەك ناچار، بۇنىڭغا ئىمكانىم يوق» دېدىم. «ئەھۋالىڭ قانداق ناچار؟» دەپ سورىدى. ئۇنىڭغا (نەچچە كۈندىن بۇيانقى) ئەھۋالىمنى ئۆز پېتى ئېيتتىم. (شەيخ كەلدى) ئۆيۈمدە تۇرغان دەسلەپكى ئىككى كۈندە ئۇلارنىڭ ئالدىغا يېگۈدەك ھېچنەرسە قويالمىدىم. (شۇ كۈنلەردىن كېيىن) ھەمراھىم «مەندە بىر دىنار بار، يېرىمى سېنىڭ، يېرىمى بىلەن ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەيمىز» دېدى. ئۇ بەرگەن يېرىم دىنار بىلەن بەسرەدىن چىقىپ، (ھەدىس توپلاش) سەپىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم. (سىيەر ئەئلام نۇبەلا، 13\256)
ئىبراھىم ئەدھەم مۇنداق دېگەن: ھەدىس ئەھلىنىڭ سەپەرلىرى سەۋەبلىك ئاللاھ بۇ ئۈممەتتىن (ئۆز دەۋرىدىكى) بالا ۋە مۇسىبەتنى كۆتۈرۈۋەتكەن. (الرحلة في طلب الحديث للخطيب البغدادي، 33)
تېلگرام قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ئارقىلىق تېخىمۇ مەنپەئەتلىك مەزمۇنلاردىن بەھرلىنىڭ: https://t.me/tewhidnuri