ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى | ئايال كىشىنىڭ ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇشى دۇرۇسمۇ؟ ئاياللارنىڭ ناماز سېپى قانداق بولىدۇ؟

پەتىۋا كومېتىتى | ئايال كىشىنىڭ ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇشى دۇرۇسمۇ؟ ئاياللارنىڭ ناماز سېپى قانداق بولىدۇ؟

سوئال: ئايال كىشى يالغۇز ئايالغا ئىماملىق قىلىشى دۇرۇسمۇ؟ (ئەگەر دۇرۇس بولسا) ئايال ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى ئايال نەدە تۇرىدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابدۇرازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد

جاۋاب: ئايال كىشىنىڭ نامازدا باشقا ئاياللارغا ئىماملىق قىلىشى دۇرۇس. ئىمام بولغۇچى (ئەرلەردەك يالغۇز ھادا ئالدىغا چىقماستىن، ئاياللار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ) ئايال ئاياللارنىڭ سېپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ. ئەگەر ئىماملىق قىلغۇچى ئايالغا ئىقتىدا قىلغۇچى ئايال يالغۇز بولسا، ئىماملىق قىلغۇچى ئايالنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرىدۇ. تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن. (فتاوى اللجنة الدائمة، [1] 7\394) (پەتىۋانىڭ ئەرەپچىسى ئىزاھاتنىڭ ئاستىدا)

[ئىزاھات: ئايال كىشىنىڭ نامازغا ئىماملىق قىلىش مەسىلىسىدە فەقىھلەر ئارىسىدا كۆز قاراش ئوخشىماسلىقى مەۋجۇت بولۇپ، ئايال كىشىنىڭ نامازدا ئىمام بولۇش مەسىلىسىدە فەقىھلەر ئۈچ خىل كۆز قاراشتا بولغان. بەزى فەقىھلەر بۇنى مەكرۇھ دېگەن، بەزى فەقىھلەر دۇرۇس دېگەن، بەزى فەقىھلەر مۇستەھەب دەپ قارىغان. بەزى ساھابە ئانىلىرىمىزنىڭ نامازدا ئاياللارغا ئىمام بولغانلىقى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇممۇ ۋەرەقە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئائىلىسىدە ئايال-بالىلارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇشى قاتارلىق خەۋەرلەر بولغاچقا (ئۇممۇ ۋەرەقە ھەققىدىكى ئەسەر زەئىپ دېيىلگەن)، ئاياللارنىڭ ئىماملىقىنى مۇتلەق ھالدا مەكرۇھ دېگەن قاراش بۇنى دۇرۇس ياكى مۇستەھەپ دەپ ھۆكۈم چىقارغان فەقىھلەرنىڭ نەزىرىدە ئاجىز دەپ قارىلىدۇ. سەھۋەنلىك سەجدىسىنى مەكرۇھ دەپ قارىغانلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «ئايال كىشىنى نامازدا ئىماملىق قىلالمايدۇ» دېگەن سۆزىنى(مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 4994) ،  نافىئنىڭ بۇ ھەقتە ئۆزىدىن پەتىۋا سورالغاندا «ئاياللارنىڭ ئاياللارغا ئىماملىق قىلغىنىنى بىلمەيمەن» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 4995) دېگەن سۆزىگە تايانغانلىقى مەلۇم.

زامانىسىدا ئەللامە ئىبنى باز باشچىلىقىدىكى پەتىۋا كومېتىتى مەزكۇر پەتىۋاسىدا ئايال كىشىنىڭ نامازدا ئىماملىق قىلىشىنى دۇرۇس دېگەن فەقىھلەرنىڭ ھۆكۈمنى تۇتقان. تور بېتىمىزدە پەتىۋالىرى كۆپلەپ مەۋجۇت بولغان ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ مەسىلىدە (مەكرۇھ ئەمەس، سۈننەت ئەمەس) «دۇرۇس\مۇباھ» دېگەن قاراشنى ياقىلىغان. شەيخ سالىھ فەۋزان مۇستەھەپ دېگەن قاراشنى ياقىلىغان.

ئائىشە ئانىمىزنىڭ ۋە بەزى ساھابە ئانىلىرىمىزنىڭ ئاياللارغا نامازدا ئىماملىق قىلغانلىقى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى ھادىسە ئىدى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇممۇ سۇلەيمگە ئۆز ئۆيىدە ئىماملىق قىلىشقا رۇخسەت بېرىشى ئۇنىڭغا خاس ئەھۋال ئىدى دەپ قارىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ زامانىدا ئاياللارنىڭ نامازدا باشقا ئاياللارغا ئىماملىق قىلىپ ناماز ئوقۇش مەسىلىسى باشقا سۈننەتلەردەك كەڭ تارقالغان مەسىلە ئەمەس ئىدى.  ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك ساھابىلەرنىڭ ئەڭ ئالىملىرىنىڭ، ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئازادگەردىسى، بۈيۈك تابىئىن ئالىم نافىئىنىڭ ئاياللارنىڭ ئىمام بولىدىغانلىقىنى توغرا كۆرمەسلىكى، ھەتتا بىلمەيدىغانلىقى بايان قىلىشى بۇ پېئىلنىڭ ئاياللار ئارىىسدا كەڭ تارقالغان ئەمەسلىكىنى، ياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەزىلەتلىك ئەمەل قىلىپ بەلگىلىگەن مۇستەھەپ سۈننەتلەردىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر كەڭ تارقالغان بولسا بۇ ھەقتە بىر نەچچىلا ئايال ساھابىنىڭ ئىمام بولغانلىقى ئەمەس، كۆپلەپ ئايال ساھابىلەرنىڭ ئىمام بولغانلىقى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولاتتى. ئاياللارنىڭ نامازدا ئىمام بولۇشىنى دۇرۇس دەپ قارىغان ئالىملار مانا مۇشۇ سەۋەبلىك بۇ ئەمەلنى سۈننەت دېمەي، دۇرۇس دەپ قارىغان.

تور بېتىمىز مۇشۇ قاراشنى كۈچلۈك دەپ بىلىپ، ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنىنىڭ يۇقىرىقى قىسقا پەتىۋاسىنى تەرجىمە قىلدۇق. ئاياللارنىڭ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشى سۈننەت ئەمەللەردىن بولمىغانلىقى، ھالبۇكى مۇباھ ئىشلاردىن بولغانلىقى سەۋەبلىك بۇنىڭغا مايىللارنىڭ ئەيىبلەنمەسلىكى، ئوخشاشلا بۇنىڭغا مايىل بولمىغانلارمۇ ئەيىبلەنمەسلىكى لازىم.  فىقھى نۇقتىدىن كىشى مۇستەھەپ سۈننەت ئەمەلنى تەرك ئېتىش  بىلەن ئەيىبلەنمىگەن يەردە، مۇباھ ئەمەلنى تەرك ئېتىش بىلەن تېخىمۇ بەك ئەيىبلەنمەسلىكى لازىم.

دەۋرىمىزدە پىتنىلەر كۆپ، ئەرلەرنىڭ يات ئاياللارنى كۆرۈش چاستوتىسى يۇقىرى، ئۇلار سەۋەبلىك پىتنىگە چۈشۈش نىسبىتى يۇقىرى. زامانىمىزدا ئۆيلەر كىچىك، بىر ئۆيگە يىغىلغان ئاياللار ناماز ۋاقتى كىرگەندە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغان تەقدىردە، ئىماملىق قىلغۇچى ئايالنىڭ ئاۋازى ئۆيدىكى باشقا ئەر مېھمانلارغا ئاڭلىنىشى، ھەتتا كۆڭلىگە پىتنە سېلىپ قويۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلاشماي بولمايدۇ. ھەممە ئاياللارنىڭ نامازغا تۇرىۋېلىپ بۇ جەرياندا ئۇششاق بالىلارنىڭ بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم.

بۇنىڭدىن سىرت، سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك «باشقىلار خالىمىسىمۇ ئالدىغا چىقىپ ئىمام بولغۇچىنىڭ نامىزى بېشىدىن ئۆرلىمەيدۇ» بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاياللار ئارىىسدا جامائەت نامىزى ئوقۇشتا كۆپچىلىكنىڭ خاھىشىنى، بولۇپمۇ ئۆي ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق سۈننەتكە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىش جۈملىسىدىندۇر. ناۋادا ئاياللار ئارىسىدا بىرەر ئايالنىڭ قۇرئان تەجۋىدى بەك ياخشى بولۇپ، بۇ ئايالنىڭ جەھرى نامازدا ئوقۇغان قىرائەتلىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوقۇغۇچى ئاياللارنىڭ سۈرە ئايەتلەرنى توغرا ئوقۇشىغا ۋەسىلە بولىدىغان، بۇنى باشقا ئاياللار تەلەپ قىلغان ياكى بۇ تەجۋىدى ياخشى ئايال دىنىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، ياخشى قىرائىتىدىن ۋە نامازنى رەسۇلۇللاھتەك ئوقۇش قائىدىسىدىن باشقا ئاياللارنىڭ كۆرۈپ، ئاڭلاپ مەنپەئەت ئېلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، باشقىلارنى ئۆزىنىڭ ئىمام بولۇشىغا مايىل قىلالىغان تەقدىردە، بۇ خىلدىكى جامائەتلىك ئايال نامىزى مەنپەئەتلىك بولۇشى مۇمكىن. باشقا ئاياللار ئۆز ئارىسىدىكى بىرەر ئايالنىڭ ئۆزلىرىگە ئىمام بولۇپ بېرىشىنى خالاپ تەلەپ قىلىشىمۇ ھەم شۇنداق.
بۇ خىل مەنپەئەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش مۇمكىنچىلىكى ئېنىقسىز بولغان تەقدىردە، بۇ بىر مۇباھ ئەمەل بولغانلىقتىن، ئىشنى كۆپچىلىك ئايالنىڭ تاللىشىغا سۇنۇش ھېكمەتكە ئەڭ ئۇيغۇن بولۇشى مۇمكىن.
بولۇپمۇ مەيلى ئەر، مەيلى ئاياللارنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆيىدە ئۆزىنى ئىماملىققا مۇناسىپ كۆرۈپ، ئاپتوماتىك ئالدىغا چىقىپلا ئىمام بولىۋېلىشى سەھىھ سۈننەتتە ئۆي ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئىمام بولىۋېلىش چەكلىمىسىگە چۈشۈپ قالىدىغان بولغانلىقتىن، مۇباھ ئىشنى سۈننەت دەپ قاراپ، ئاندىن مۇشۇ ھەقتىكى – باشقىلارنىڭ ئۆيىدە رۇخسەتسىز ئىمام بولىۋېلىپ بۇ جەھەتتىكى سۈننەتكە خىلاپلىق ئىش قىلىپ قالماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. ئاللاھ بارچە مۆمىن ۋە مۆمىنە قېرىنداشلارغا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.-ت]

 

پەتىۋانىڭ ئەرەپچىسى: 

إمامة المرأة للنساء

السؤال الثاني من الفتوى رقم (٧٣٢٨)

س٢: هل يجوز للمرأة أن تؤم امرأة واحدة؟ وأين تقف المرأة المأمومة؟

ج٢: يجوز للمرأة أن تؤم النساء وتقف وسطهن، وإذا كانت المأمومة واحدة وقفت عن يمين من تؤمها.

وبالله التوفيق وصلى الله على نبينا محمد وآله وصحبه وسلم.

اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء

عضو … عضو … نائب الرئيس … الرئيس

عبد الله بن قعود … عبد الله بن غديان … عبد الرزاق عفيفي … عبد العزيز بن عبد الله بن باز

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ